شۋېتسىيە

شىۋىتسىيە

شۋېتسىيە شىمالىي ياۋروپا سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن، جەنۇپ تەرىپى دانىيە بىلەن دېڭىزدىن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي بالتىق دېڭىزىغا، غەربىي جەنۇپ تەرىپى شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيسايغان.

ئۇيغۇرچە نامى شۋېتسىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى شۋېتسىيە 瑞典
ۋاقىت رايونى شەرقى 1- ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى شىۋىد تىلى
يەر مەيدانى 450 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 瑞典王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى سىتوكھولم
نوپۇسى 9 مىليون 798 مىڭ (2015-يىل)
ئىنگىلىزچە نامى The Kingdom of Sweden

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۋېتسىيەشۋېتسىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى شىۋېتسىيە پاھىشاھلىقى. شۋېتسىيە-ئىسكەندىنوۋىيە دۆلىتى دېگەن نامىنىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشىدۇر . ئۇ ھەم «تۇغقان» دېگەن مەنىدە. شىۋىتسىيە شىمالىي ياۋروپا سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان . شەرقىي شىمال تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن، جەنۇپ تەرىپى دانىيە بىلەن دېڭىزدىن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي بالتىق دېڭىزىغا، غەربىي جەنۇپ تەرىپى شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيسايغان. يەر مەيدانى 450 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 9 مىليون 789 مىڭ (2015-يىلى). نوپۇسنىڭ %90 ى شۋېتسىيەلىك (گېرمان مىللىتىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى)، چەت ئەللىك كۆچمەنلەر ھەمدە باشقا ئۇرۇق ئەۋلادلىرى تەخمىنەن 1 مىليون (بۇنىڭ ئىچىدە %52.6 چەت ئەللىك مۇھاجىر). شىمال قىسمىدىكى سامى مىللىتى بۇ يەردىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭ نوپۇسى بار. ئۇلار ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە شۋېتسىيە تىلىنى قوللىندۇ. ئاھالىنىڭ %90  پىروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، %3 كاتولىك دىنىغا،  %2 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

شۋېتسىيەشۋېتسىيە تارىخى بىر قەدەر قىسقا دۆلەت بولۇپ، مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدە دېڭىز قاراقچىلىرى توپى ۋە ياۋايى گوتلارنىڭ ئۇششاق شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن. 7-ئەسىردىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ خىرىستان دىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلغان. 9- ئەسىردە تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ شەكىللەنگەن ۋە ۋە ئەتراپقا كېڭىيىپ 1397 -يىلغا كەلگەندە دانىيە، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە ۋە لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، فىنلاندىيە (ھازىرقى رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى كارىلىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەرنى بويسۇندۇرۇپ فىدىراتسىيە قۇرغان. 1798-يىلى رۇسىيە فىنلاندىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، كارېلىيەلەرنى جۈملىدىن ھازىرقى پىتىبورگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىنى شىۋىتسىيەدىن تارتىۋالغان . 1814-يىلى دانىيە ۋە ئىسلاندىيە بۇ بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان، 1905-يىلى نورۋېگىيە شۋېتسىيەدىن بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بۇلغان. 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1814-يىلىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

شۋېتسىيەشۋېتسىيە شىمالىي ياۋروپا سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن، جەنۇپ تەرىپى دانىيە بىلەن دېڭىزدىن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي بالتىق دېڭىزىغا، غەربىي جەنۇپ تەرىپى شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيسايغان. شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيەنىڭ تەبىئى چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق. شۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ كۆلنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىقلىم ئالاھىدىلىكى 

 تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە. 

ۋاقىت پەرقى 

شەرقى 1- ۋاقىت رايونى، ياۋروپا ئورتاق ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ). 

شۋېتسىيەشۋېتسىيە دۇنيا بويىچە مائارىپ تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ چىقىمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ %7 نى ئىگەللەيدۇ. شۋېتسىيەدە ساۋاتسىزلىق 1923-يىلىلا تۈگىتىلگەن. ئاھالىنىڭ %19 ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى، خان جەمەتى سانائەت ئىنىستىتوتى، ستوكھولم سودا ئىلمىي ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار بار. شۋېتسىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قىزغىن، سەمىمىي، گەپ سۆزلىرى مەدەنىي، ئىش ھەركىتى تەرتىپلىك، مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەبئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ. ياللانما خادىملار ھەر يىلى بەش ھەپتە قانۇندا بەلگىلەنگەن مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بەش كۈن خىزمەت قىلىدۇ. پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋاقتى 15 مىڭ سائەتكە يېتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشلەر دەم ئېلىش ۋاقتىدا دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈندۈز ئۇزۇن، كېچە قىسقا. ياز پەسلىدە كۆپچىلىك باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ. شۇڭا شۋېتسىيە دۇنيادىكى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەنتەربىيە پائالىيىتىنى شۋېتسىيەلىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. شۋېتسىيە گورسانبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2002–يىلى 6–ئاينىڭ 24–كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئېنتىرنت تورى شۋېتسىيەدە ئەنئەنىۋى گېزىتتىن ئېشىپ كەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار رادىئو ئاڭلاش ۋە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدۇ، ئەرلەر بولسا تېلېۋىزور خەۋەرلىرىنى كۆرۈش، ھەر خىل مەزمۇندىكى فىلىملارنى كۆرۈش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلار تورغا چىقىش، كىتاب ئوقۇش ۋە كەسپى ژورناللارنى كۆرىدۇ . مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەنرەك بولغانلار ئادەتتە تېلېۋىزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇيدۇ.

 1528 -يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇستەقىللىق كۈنى؛ 1916-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت بايرىقى كۈنى؛ 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت بايرىمى كۈنى. 

دۆلەت بايرىقى

شۋېتسىيەتېگى كۆك رەڭلىك بايراق بولۇپ، بايراقنىڭ سەل سول تەرىپىدىكى سېرىق رەڭلىك كىرېست بەلگىسى بايراق يۈزىنى كېسىشىپ تۇرىدۇ. كۆك، سېرىق رەڭلەر شۋېتسىيە پادىشاھلىق گېرىبدىكى رەڭلەردىن ئېلىنغان.

دۆلەت گېربى

شۋېتسىيەناھايىتى چىرايلىق چېدىر شەكىللىك گېرب بولۇپ ئوتتۇرسىغا پادىشاھلىق تاج بېزەلگەن كۆك قالقان شەكلى چۈشۈرۈلگەن. قالقان يۈزىنى سېرىق رەڭلىك كىرېست بەلگىسى تۆت بۆلەككە ئايرىپ تۇرىدۇ. سول تەرەپنىڭ ئۈستى بىلەن ئوڭ تەرەپنىڭ تۆۋەن تەرىپى قىرلىق پادىشاھلىق تاج بىلەن بېزەلگەن. ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستى سول تەرەپنىڭ ئاستى پادىشاھلىق تاج كىيگەن ئالتۇن شىر شەكلى بىلەن بېزەلگەن. كۆك رەڭلىك قالقاننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئالتۇن شىر شەكلى بولۇپ، ئاستى تەرىپىگە ئوردېن شەكلى بېرىلگەن. چوڭ قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر كىچىك قالقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز تەرىپى ئالتۇن لوڭقا، راۋاق ۋە ئالتۇن شوڭقار بىلەن بېزەلگەن.

مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى پۈتۈن مەملىكەت 21 ئۆلكە ۋە 289 شەھەرگە بۆلىنىدۇ. ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار.

شۋېتسىيە ھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن-دىموكراتىك ھۆكۈمەت قانۇنى (1809-يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810-يىلى بېكىتىلگەن، 1979- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949- يىلى بېكىتىلگەن)دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866- يىلى بېكىتىلگەن، 1974-يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار. شۋېتسىيە ئاساسىي قانۇندا  پادىشاھلىق ئاساى قانۇنلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ سىمىۋول خاراكتىرلىك ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ سىمىۋوللۇق باش قوماندانى بولۇپ ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ. پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ ، دۆلەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ . پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ . 

شۋېتسىيەشۋېتسىيەنىڭ تۆمۈر كان بايلىقى، ئورمان ۋە سۇ كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول. شۋېتسىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۆمۈر كان بايلىق زاپىسى 3 مىليارد 650 مىليون توننا بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئورماننىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %54، ھەر يىلى ئىشلىتىلىدىغان سۇ بايلىقى 20 مىليون 140 مىڭ كىلوۋات.

شۋېتسىيەنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى كانچىلىق، ماشىنسازلىق، ئورمان ھەمدە قەغەز ياساش سانائىتى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، خىمىيە سانائىتى، تېلېگراف، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى ، قەغەز ياساش ئۈسكۈنىسى، تۆمۈر رۇدا تاشلىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار. ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار يېمەكلىك، تاماكا، كىيىم–كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

شۋېتسىيەشۋېتسىيەنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %6 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق، گۆش مەھسۇلاتلىرى، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ. كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ. 2009-يىللىق تاشقى سودىسىدا ئىكىسپورتىدا گېرمانىيە %10.4، نورۋېگىيە %9.5، دانىيە %7.4، ئەنگلىيە %7.4، ئامېرىكا %6.6، فىنلاندىيە %6.3 ، گوللاندىيە %5.1 ، فرانسىيە %4.9 ، بېلگىيە %4.4 نى، ئىمپورتىدا گېرمانىيە %17.5، دانىيە %9.4، ئەنگلىيە %6.2 ، فىنلاندىيە %5.7 ، گوللاندىيە %5.6 ، فرانسىيە %5، رۇسىيە %5، جۇڭگۇ %4.2 نى ئىگەللىگەن.

شۋېتسىيە ئىقتىسادىي يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. تېلېگراف، دورا ياساش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. 2009-يىلى شۋېتسىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 344 مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 38 مىڭ دوللار بولغان. ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك %1.6 نى، سانائەت %28.2 نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى %70.7 نى ئىگەللىگەن. 2009-يىلى مۇقىم تېلفون 5 مىليون 506 مىڭ، يانفون 10مىليون 371 مىڭ، مۇلازىمېتىر 3 مىليون 579 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 7 مىليون بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#