نارات بازىرى
نارات بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نارات بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان. گۈزەل ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان، شىمالدىن كۈيتۈن شەھىرىگىچە، جەنۇبىي ئاقسۇغىچە، شەرقتە كورلىغىچە، غەربتە قورغاس پورتىغىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.
بۇ بازارنىڭ ھاۋاسى يېقىملىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، سۇ، ئوت-چۆپ ۋە شامال كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل، داڭلىق مەنزىرە ساياھەت رايونى. يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكى ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. قارمىقىدا نارات كەنتى قاتارلىق ئون مەمۇرىي كەنت بار. پۈتۈن بازاردىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 66 مىڭ مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق 1 مىليون 600 مىڭ مو، ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 500 مىڭ مو، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 1984 كۋادرات كىلومېتىر.
نارات بازىرى قارمىقىدىكى ئون مەمۇرىي كەنت: نارات كەنتى، قارا ئوي كەنتى، تايئاسىۋ كەنتى، چالاكودې كەنتى، يىنتال كەنتى، يىنجار كەنتى، قاراسۇ كەنتى، بەيگېتۆبە كەنتى، كوربۇلاق كەنتى، ئارشان كەنتى قاتارلىقلار بار.
نارات بازىرىدىكى زىرائەت مەھسۇلاتى ئاساسلىقى يازغى بۇغداي، ياڭيۇ، زىغىر، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قىچا قاتارلىقلار. ياغلىق زىرائەت مەھسۇلاتى ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە سېتىلىدۇ، ياڭيۇ تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش بۇ بازارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپى، بۇ بازار ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ بەرەڭگە كىراخمالى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. كىراخمال، دېڭىز بويىدىكى رايونلار ۋە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا سېتىلىدۇ.
نارات بازىرىنىڭ ساياھەت بايلىقى، چارۋىچىلىق بايلىقى ۋە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول. شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بەش چوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، گۈزەل ئوتلاق مەنزىرىسى دۇنيانىڭ نەزىرىنى جەلپ قىلغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تۈگۈن ئورنى، تانگرا، چاشى، بايىنبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، نارات بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى مۆلچەرلىگۈسىز ئىمكانىيىتىكە ئىگە قىلغان. 1 مىليون 300 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي ئوتلاقلار زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.
نارات بازىرىدا يەنە، نەم سوغۇق كىلىمات شارائىتىدا تېرىپ چىققان بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە سورتى ئاپتونوم رايون، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياڭيۇ ۋە زىغىر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بەرەڭگە دانچىلىق كىراخمال پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى بار.
ئېگىز تاغ دەريا ۋادىسىدا ئۆسكەن ياۋا كۆكتات، ياۋا موگۇ، ياۋا مېۋە، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بار، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور.
ناراتنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئىسسىقتىن ساقلىنىش، ساياھەت قىلىشتىكى مەنزىرىلىك جاي، داڭلىق دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى− نارات مەنزىرە رايونى دەل نارات بازار رايونى ئىچىدە، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.