مۆلچەر دەريا بويىدىكى قىياتاش رەسىملىرى
چەرچەن قىيا تاش رەسىملىرى خارابىسى چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن 256 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۆلچەر دەريا بويىدىكى چەرچەن ناھىيەسى كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى جىگدىلىكقول كەنتىنىڭ توغراقئالدى دېگەن يىرىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000-25000 مېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدە 1989-يىلى دەسلەپكى قياتاش رەسىملىرى بايقالغاندىن بۇيان، بۇ قىيا تاش رەسىملىرى مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، كۆپلۈكى ۋە تارقىلىش دائىرىسىنىڭ بىرقەدەر مەركەزلەشكەنلىكى بىلەن تونۇلغان. لېكىن بۇ قىيا تاش رەسىملىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر خىل بوران-چاپقۇنلارنىڭ تەسىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
چەرچەن قىيا تاش رەسىملىرى خارابىسى چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن 256 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۆلچەر دەريا بويىدىكى چەرچەن ناھىيەسى كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى جىگدىلىكقول كەنتىنىڭ توغراقئالدى دېگەن يىرىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000-25000 مېتىر كېلىدۇ. ھازىرغىچە بايقالغان قىياتاش رەسىملىرى 4000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت-سەنئىتى ئەكس ئەتكەن رەسىملەر، تاغ تېكىسى، ياۋا قوتاز، كالا، بۆرە، ئادەملەرنىڭ قولىنىڭ ئالقىنى، بۇغا، قۇش، يىلپىز قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى ئويۇلغان.
شىنجاڭدا بايقالغان قىيا تاش رەسىملىرى ئاساسەن ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى رەڭ بىلەن سىزىلغان قىيا تاش رەسىملىرى، يەنە بىر خىلى بولسا ئويۇپ سىزىلغان قىيا تاش رەسىملىرىدىن ئىبارەت. ئارخېئولوگلار ئادەتتە رەڭ بىلەن سىزىلغان قىيا تاش رەسىملىرى قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 10 مىڭ يىللار بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئويما قىيا تاش رەسىملىرى پەيدا بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئويما قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش دۇنيا مىقىياسىدا تېخى ھەل بولمىغان قىيىن مەسىلە ئىكەن. چەرچەن ناھىيەسىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ قايسى دەۋردە ئويۇلغانلىقىمۇ تېخى ھازىرغىچە تەكشۈرۈلۈپ بىكىتىلمىگەن. چەرچەن قىيا تاش رەسىملىرى قۇم-بوراننىڭ تەسىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، بەزى قىياتاش رەسىملىرى ئۇپراپ تۈگىگەن بولۇپ، قىياتاش رەسىملىرىنى قوغداش مەسىلىسى ئەمدى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.