گرەممىي مۇكاپاتى

گرەممىي مۇكاپاتى

دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات گرەممىي مۇكاپاتىدۇر. گرەممىي مۇكاپاتى ئامېرىكا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى گرەممىي مۇكاپاتى
چەتئەلچە نامى Grammy Awards
دۆلەت ياكى رايون ئامېرىكا
باش ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ئۈن ئېلىش سەنئىتى ۋە ئىلمى ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە نامى 格莱美奖
مۇكاپات بېرىلىدىغان تۈرلەر مۇزىكا مۇكاپاتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى
تەقدىرلەش ئوبيېكتى مۇزىكا كەسپى ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گرەممىي مۇكاپاتىئەدەبىيات ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك مۇكاپات نوبېل مۇكاپاتى، كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات ئوسكار مۇكاپاتى بولغىنىدەك، دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات گرەممىي مۇكاپاتىدۇر. گرەممىي مۇكاپاتى ئامېرىكا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. بۇ جەمئىيەت مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭدار زاتلاردىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى ئارقىلىق مۇزىكا ئەھلىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بۇ ساھەدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەسپىي ئۇتۇقلىرى، ياراتقان يېڭىلىقلىرى، تەسىرى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەت ئىگىلىرى ۋە ئۇتۇقلۇق ئەسەرلەرنى گرەممىي مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلايدۇ.

گرەممىي مۇكاپاتىگرەممىي ئىنگلىزچە « فاتىفون» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى. مۇشۇ ئىسىمگە يارىشا، گرەممىي مۇكاپاتىنىڭ لوڭقىسى كونا پاسوندىكى فاتىفون شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەر يىللىق مۇكاپات لۇڭقىسىنى قول ھۈنەر بويۇملىرى مۇتەخەسىسىلىرى مەخسۇس لايىھەلەيدۇ ۋە پۈتۈنلەي قولدا ياساپ چىقىدۇ.

گرەممىي مۇكاپاتى1957-يىلى لوس ئانژېلىستىكى بىر تۈركۈم مۇزىكانت ۋە پىلاستىنكا شىركىتى مەسئۇللىرى مۇزىكا سەنئىتى ئەسەرلىرىنى باھالايدىغان بىر ئىلمىي ئورگان قۇرۇشنى، بۇ ئىلمىي ئورگان ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، مۇكاپاتنىڭ ئىسمى گرەممىي مۇكاپاتى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. مۇكاپات 1958-يىلىدىن تارتىپ تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى ھەر يىلى 2-ئايدا كاتتا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇكاپات دەسلەپتىكى 26 چوڭ تۈردىن بارا-بارا 28 چوڭ تۈر، 101 كىچىك تۈرگە، كېيىنچە 109 كىچىك تۈرگە كۆپەيگەن. 2011-يىلى ئۆزگەرتىلىپ 78 كىچىك تۈرگە مۇقىمدالغان.

گرەممىي مۇكاپاتى پۈتۈن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مۇزىكا-ناخشا ئەھلى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مۇكاپات بولۇپ قالدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ بۇ قەدەر شۆھرەتلىك بولىشى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئاممىباب، مودا ناخشا-مۇزىكىچىلىقىنىڭ مەركىزى بولغانلىقىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ نوپۇزى، ئادىل باھالىنىشى ۋە تەسىرىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بۇ مۇكاپات تارىخىدا ئاجايىپ يارقىن نۇقتىلار ۋە ئويلىمىغان ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن. چولپانلارنىڭ چولپىنى ھېسابلىنىدىغان جېكسون 1984-يىلى گرەممىي مۇكاپاتىنىڭ سەككىز تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مەشھۇر كىنو چولپىنى ئىلزابىس تەيلور بىلەن بىللە مۇراسىمدە پەيدا بولغاندا پۈتۈن زال زىلزىلىگە كېلىپ، بىر گېگانت چولپاننىڭ پارلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقان. مەشھۇر ناخشىچى پات مەسچىني ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى گراممي مۇكاپاتىغا 16 قېتىم ئېرىشىپ، بۇ ساھەدە رېكورت ياراتقان. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون سىياسىي ھېكايە پىلاستىنكىسى بىلەن گراممي دېكلىماتسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، پۈتۈن دۇنيا ھاڭ-تاڭ قالغان. ھازىرغىچە گراممي مۇكاپاتىغا جۇڭگولۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن توققۇز شەخس نائىل بولغان بولۇپ، جۇڭگولۇق داڭدار مۇزىكانت، پىيانىنو ئۇستازى لاڭ لاڭمۇ ئاران بىر قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

گرەممىي مۇكاپاتىگرەممىي مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى مۇزىكا ساھەسىگە ئالاقىدار ئەڭ نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي ئورگان بولۇپ، ئەزاسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. گرەممىي مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكانت، ناخشىچى، كومپوزىتور، ناخشا تېكىست ئىجادىيەتچىسى، فىلىم- پىلاستىنكا ئىشلىگۈچى، دېرىژور، ئوپىراتور، بايانچى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ مۇتەخەسىسلەر دۇنيا مۇزىكا ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتىراپى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەر ۋە شەخسلەرنى ئادەتتە نوپۇزلۇق پىلاستىنكا شىركەتلىرى ۋە داڭلىق مۇزىكا ئەربابلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ. باھالاش تۈزۈمى تولىمۇ مۇكەممەل بولۇپ، باھالاش تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆتكىلى قاتتىق ۋە ئىنچىكە. ئەسەر ۋە شەخس ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە (مەسىلەن، 2014-يىللىق گرەممىي مۇكاپاتىغا تاللىنىدىغان ئەسەرلەر 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان پىلاستىنكا ۋە يەككە ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر ۋە شەخسلەرنىڭ نامزاتى بېكىتىلىدۇ. نامزاتلار 150 نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ئىنچىكە باھالىشى ئارقىلىق ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋە ئېرىشكەن ئەسەر بېكىتىلىدۇ. ھەر بىر مۇتەخەسىس دەسلەپتە تۆت چوڭ تۈر، توققۇز كىچىك تۈرگە بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسى باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەھقىقلىشى ۋە كېڭىشىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېكىتىلىدۇ. ھەر بىر كىچىك تۈرگە بەش نامزات مۇقىمدىلىدۇ، بىر تۈرگە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ يەنە بىر تۈرنىڭ باشقا كىچىك تۈرىگە نامزات بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، لېكىن چوڭ تۈردە تەكرارلىق بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. باھالاشنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە مۇكاپاتلانغۇچى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىلا ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ.

گرەممىي مۇكاپاتىمۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپات، ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتى، كېڭەش ئەزاسى مۇكاپاتى، تېخنىكا مۇكاپاتى، سەھنە مۇكاپاتى، مەشھۇر شەخس مۇكاپاتى، مۇزىكا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ئەرباب مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر پىلاستىنكا مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر مەخسۇس پىلاستىنكا مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر ناخشا –مۇزىكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر يېڭى سەنئەتكار مۇكاپاتى، باشقا تۈردىكى مەخسۇس پىلاستىنكا مۇكاپاتى، ئۇدار مۇكاپاتى، ئۆسمۈرلەر مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر كىلاسسىك مۇزىكا مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر كومىدىيە مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر سەھرا مۇزىكىسى مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل مۇزىكىسى مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر دىسكو مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر فىلىم تاراتقۇ مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر خەلق ناخشىلىرى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر ئىنجىل مۇزىكىلىرى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر تارىخىي پىلاستىنكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر جاز مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر لاتىن مۇزىكىسى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر تېجانو پىلاستىنكا مۇكاپاتى، مۇزىكا جىلۋىسى مۇكاپاتى، مۇزىكا سىنئالغۇ لېنتىسى مۇكاپاتى، ئوراش ۋە ئىچ بەت مۇكاپاتى ،پولكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر مودا ناخشا مۇكاپاتى، رېتىم-بلوز مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر رەپ مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر روك مۇكاپاتى، مۇھىت ئاۋاز ئۈنۈمى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر دېكلىماتسىيە مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر شەھەر مۇزىكىسى مۇكاپاتى، دۇنيا مۇزىكا مۇكاپاتى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ۋە بۇ چوڭ تۈرلەر ئىچىدىكى 78 كىچىك تۈر بويىچە باھالىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ.

گرەممىي مۇكاپاتىھەر يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان گرەممىي مۇكاپاتى مۇراسىمى ئاجايىپ كاتتا يىغىلىش بولۇپ، تېلېۋىزور ۋە تورلاردا نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان بۇ مۇراسىمدا دۇنيادىكى داڭدار چولپانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئېسىل نومۇرلار ئورۇندىلىدۇ. دۇنيادىكى يۈز مىليونلىغان مۇزىكا مەستانىسى ئېكران ئارقىلىق بۇ ئېسىل مۇراسىمدىن ھوزۇرلىنىدۇ. مەسىلەن، 44-نۆۋەتلىك گراممي مۇكاپاتى مۇراسىمىنى 170 دۆلەتتىكى بىر مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىن تېلېۋىزوردىن كۆرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن گرەممىي مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس.

بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرلا ئەمەس، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرمۇ شۇنچىلىك تېز نام قازىنىپ، مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەقىقىي چولپانلىق دەۋرىگە قەدەم قويالايدۇ، پىلاستىنكىلىرى شىددەت بىلەن بازار تاپىدۇ. نۇرغۇن كىرىم ۋە ئابرويغا نائىل بولالايدۇ.

گرەممىي مۇكاپاتى ھازىرغا قەدەر 55 نۆۋەت تارقىتىلىپ، ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتتى ۋە كەسپىي نوپۇزى، ئادىللىقى، تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر مۇكاپات بولۇپ قالدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#