I3C سىستېمىسى

I3C  سىستېمىسى

I3C سىستېما دېگەنلىك، ئاپتوماتلاشقان ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دانە بولسا «قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۈچ ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى، بولسا «ئاخبارات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى.

ئۇيغۇرچە نامى I3C سىستېمىسى
خەنزۇچە نامى I3C系统

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

I3C  سىستېمىسى I3C سىستېما دېگەنلىك، ئاپتوماتلاشقان ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دانە بولسا «قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۈچ ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى، بولسا «ئاخبارات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى. شۇڭا، I3C سىستېما ئەمەلىيەتتە كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بىر خىل قورال سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم بولغان قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش ۋە ئاخباراتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلايدۇ. ئەگەر بىر مەيدان ئۇرۇشنى بىر تۈرلۈك غايەت زور قۇرۇلۇشقا ئوخشاتساق، I3C سىستېمىسىنى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى ۋە باش ئىنژېنېرى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەت ئۇچۇر پارتىلىغان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ. ماكان، زامان ئۇقۇمىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۇڭا، زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى ۋە خاراكتېرى جەھەتتىمۇ تېخىمۇ مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ھەر خىل «قاتتىق» قوراللار ۋە ئادەمنىڭ ھۆكۈمىگىلا تايانغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشمۇ تەسكە توختايدىغان بولدى. I3C سىستېمىدا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك كومپىيۇتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، ئۇ سۈنئىي ھەمراھ، رادار قاتارلىق تەكشۈرۈش سىتېمىلىرىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن نۇرغۇن ئاخباراتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن رەتلەپ ۋە ئايرىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا قوماندانلىق سىستېمىسى ئاخباراتلارنى ئايرىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا قوماندانلىق سىستېمىسى ئاخباراتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم چىقىرىپ، نىشاننى توغرا تاللايدۇ. قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ بۇيرۇقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەۋەرلىشىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەڭ قىلغۇچى قىسىملارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ھەر بىر جەڭچى بىلەنمۇ ئالاقە باغلىيالايدۇ. پۈتكۈل جەريان I3C سىستېمىسىنىڭ تىزگىنلىشىدە تېزلا تاماملىنىپ، جەڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

I3C سىستېمىسىنى قۇرۇقلۇقتىكى قوماندانلىق مەركىزىگە جايلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلار ياكى ئالدىن سىگنال بېرىدىغان ئايروپىلانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيلىرىنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#