ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان قوراللار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېلېكترون تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، تانكا، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى رادار ۋە باشقا تۈرلۈك فوتو ئېلېكترىك تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ھۇجۇمچىلار نىشانغا يەتمەي تۇرۇپلا بايقىلىپ قېلىپ، زەربىگە دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا ئالىملار ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ياراغلارنى ياساشقا باشلىدى. ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ياراغلار دېگىنىمىز پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك ياراغلارنى نىقابلاش ئارقىلىق، ئۇلارنى رادارغا بايقاتقۇزماي ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، رادار تارقاتقان دولقۇن مەلۇم توسالغۇلارغا ئۇچرىغاندا، رادار ئېكرانىدا ئۇنىڭ قايتما دولقۇنى ئەكس ئېتىدىكەن، ئەگەر ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، راداردا ئەكس ئەتكەن دولقۇن سۈمۈرۈۋېلىنسا، ياكى ئېلېكترونلۇق كاشىلا ئارقىلىق رادارنىڭ ئەكس دولقۇنى يوقىتىۋېتىلسە، يوشۇرۇنۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ياراغلارنى ياساشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، ياراغنىڭ قۇرۇلما تاشقى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، رادارغا قايتىش كەسمە يۈزىنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق، راداردا ئەكس ئېتىدىغان كەسمە يۈزنى كىچىكلىتىش؛ ئىككىنچى، رادار سىگنالىنى سۈمۈرۈۋالالايدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن، مېتالنىڭ يۈزىگە رادار دولقۇنىنى سۈمۈرۈۋالالايدىغان بىر قەۋەت بوياق سۈرتۈپ قويۇلسا، بۇنداق ياراغ دۈشمەننىڭ رادار ئېكرانىدىن يوقىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ رادار ئازىمۇتىنى تېز سۈرئەتتە توغرا ئېنىقلاپ، كۈچلۈك كاشىلا پەيدا قىلىش ياكى ئالداش.
نانو ماتېرىيال
نانومېتىر ماتېرىيال، ماتېرىيال تەركىبى ئالاھىدىلىكى نانو ئۆلچىمى 1 نانومېتىردىن 100 نانومېتىرغىچە ماتېرىياللار، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، ئۇ كۋانت ئۆلچەم ئېففېكتىغا ئىگە، ماكرو كىۋانىت تونېل ئېففېكتى كىچىك تېگىشىش يۈزى ئېففېكتى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئاجايىپ ئېلېكتر ماگنىت، ئىسسىقلىق ۋە خىمىيە قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئۇچىردى.
قول تىپلىق ماتېرىيال
قول تىپلىق، جىسىم بىلەن تەسۋىر مەۋجۇت بولمىغان گېئومېتىرىيەلىك جىسىمنىڭ ئەكسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق ئۇسۇلنى جىسىمنى تەسۋىر بىلەن پاراللىل ئىشلەتسە بولمايدۇ. ھازىرقى تەتقىقات ئىسپاتلايدۇكى، قول تىپلىق ماتېرىيال چۈشۈش ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى قوبۇل قىلىپ رېفلېكسنى ئازايتىدىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.
ئىلغار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقا - ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى، ھازىر پەقەت سانتىمېتىرلىق دولقۇنلۇق تەتقىق قىلىپ ياسالغان سۇ سۈمۈرۈش دولقۇن يىڭى رىقابەتلەرنى ئوتتۇرغا قۇيدى.
ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانى ئەمەلىي جەڭ باسقۇچىغا كىردى، ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدمۇ تەتقىق قىلىنىپ ياسالدى. ھازىر، ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ھەربىي پاراخوتمۇ دۇنياغا كېلدى، ئۇ كەلگۈسى دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا ئۆز «ھاياتىي كۈچ» ىنى نامايان قىلغۇسى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.