لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى

لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى
لازا بىلەن قورۇلغان توخۇ گۆشى بولسا توخۇ گۆشى ، سېرىق ھاراق ، كۆك لازا ، ئاچچىقسۇ ، تۇخۇم ، تېتىتقۇ ، پۇرچاق ئۇنى ، كۈنجۈت يېغى ، سۇڭپىياز، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ، سامساق  ، سوققان زەنجىۋىل ، تۇز ، پۈتۈن زەنجىۋىل ، جاڭيۇ قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارتوخۇ گۆشى 175 گرام، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق، كۆك لازا ئىككى شوخ، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام، سامساق تۆت چىش (خورايدىغىنى 70 گرام) ، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۈتۈن زەنجىۋىل ئازراق، جاڭيۇ ئازراق. 

1. توخۇ گۆشىنىڭ لوق قىسمىنى ئېلىپ، ئۈستىگە قىيپاش چاقماق سىزىپ، جىگدىدەك چوڭلۇقتا توغراپ بىر قاچىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا جاڭيۇ، تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 

2. سۇڭپىيازنى گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا، زەنجىۋىل، سامساقلار يالپاق توغرىلىدۇ. كۆك لازىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە ئىچىدىكى ئاچچىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىم سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 

3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، سېرىق ھاراق سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ سارغايتىپ، كۆك لازىنى سېلىپ قورۇپ، ئاچچىقسۇ ۋە تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، كۈنجۈت يېغىنى سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#