تىكەنلىك نەشپۈت

تىكەنلىك نەشپۈت بىر خىل چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 1-2.5 مېتىر؛ دەرەخ قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر، كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، تېرىسى تىكەنلىك. 

ئۇيغۇرچە نامى تىكەنلىك نەشپۈت
ئىنگلىزچە نامى Hirtula Roses
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئازغان ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 刺梨
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى تىكەنلىك نەشپۈت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىكەنلىك نەشپۈتتىكەنلىك نەشپۈت بىر خىل چاتقال تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 1-2.5 مېتىر؛ دەرەخ قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر، سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ؛ كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، يانتۇ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ئاساسىي قىسمى سەل ياپىلاق ھەم جۈپ قوۋزاقلىق، تىكەنلىرى بولىدۇ. كىچىك يوپۇرماقلىرى 9-15 تالغىچە،  يوپۇرماق سېپى ئۇزۇنلىقى 5-11 سانتىمېتىر، كىچىك ياپراقچىلىرى سوقىچاق ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك، سۇيۇق تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇن باش ئايلانمىسىنىڭ كەڭلىكى 6-12 مىللىمېتىر ، ئالدى ئۇچى ئۆتكۈر ئۇچلۇق ياكى يۇمىلاق دىقماق، تۈۋى قىسمى كەڭرى شىنا شەكىللىك، گىرۋىكى ئىنچىكە ئۇچلۇق ھەرە چىشسىمان، ئىككى تەرىپى تۈكسىز، تۆۋەندىكى يوپۇرماق تومۇرلىرى بۆرتۈپ چىققان، تورسىمان تومۇرلۇق، تارقاق ئۆسكەن يوپۇرماق ئوقى بىلەن يوپۇرماق سېپىدا كىچىك تىكەنلىرى بار؛ يان يوپۇرمىقى يوپۇرماق ساپىقىغا كۆپ قىسىم پېيى جايلاشقان، يەككە ئۆسكەن قىسمى بولۇپ، بۇرغا شەكىللىك بولىدۇ، گىرۋىكىدە بەز تۈكچىلىرى بولىدۇ.

كاشتان ئۇرۇقلۇق ئەتىرگۈل ( ئۆزگەرگەن ) 

جۇڭگونىڭ شەنشى، گەنسۇ، جياڭشى، ئەنخۇي، جېجىياڭ، فۇجيەن، خۇانەن، خۇبېي، سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، ھەممىسىدە ياۋا ئۆسكەنلىرى ۋە ئۆستۈرۈلگەنلىرى بار. يەنە ياپونىيەدىمۇ ئۇچرايدۇ. 

يەككە تاجلىق ئەتىرگۈل ( ئۆزگەرگەن )

بۇ ئۆزگەرگەن گۈلى يەككە گۈل تاجلىق، يۇلغۇن چېچىكى رەڭ، دىئامېتىرى 4-6 سانتىمېتىر. ياۋا ئىپتىدائىي تىپىلىق. 

جۇڭگونىڭ شەنشى، گەنسۇ، جياڭشى، فۇجيەن، گۇئاڭشى، خۇبېي، سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ. كۆپ تاغنىڭ كۈنگەي قاپتىلىدا ئۆسىدۇ، جىلغا تۇمانى، يول بويىدىكى ۋە چاتقاللىق ئىچىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500-2500 مېتىر رايونلاردا ئۆسىدۇ. 

تىكەنلىك نەشپۈتتىكەنلىك نەشپۈت، كاشتان ئۇرۇقلۇق ئەتىرگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەسلىي ماكانى جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. ئىللىق ۋە نەمخۇش، قۇياش نۇرى يېتەرلىك مۇھىتنى ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، سوغۇققا بىرقەدەر چىداملىق بولۇپ، سەل سايىگە چىداملىق، تۇپراق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مۇنبەت، قۇمساڭ تۇپراقلىق يەرلەردە ياخشى ئۆسىدۇ. 

دائىم ئۇرۇق سېلىش ۋە قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق  كۆپەيتىلىدۇ. 

تېرىش

تىكەنلىك نەشپۈت9 - ئايدا ئۇرۇق يىغىۋېلىنىدۇ، كۈزدە قۇمدا كېيىنكى يىلى ئەتىيازغىچە ساقلىنىدۇ، ئادەتتە، تېرىپ بولغاندىن كېيىن 20 ~ 25 كۈنگىچە بىخلىنىدۇ. ئۇرۇقىنى تېرىپ مايسا يىتىشتۈرگەندە مايسىسى تەستە ئەي بولىدۇ، ئادەتتە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتا كۆپىنچە يۇمران شاخلىرى قەلەمچە قىلىپ تىكىلىپ كۆچەت يىتىشتۈرۈشتە ئاسان ئەي بولىدۇ. 

قەلەمچە تىكىش 

تىكەنلىك نەشپۈتباش باھار ياكى يامغۇر پەسلىدە قەلەمچە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان كۆپەيتىش ئۇسۇلى. شۇ يۇمران شاخلارنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق كۆچەت يېتىشتۈرۈشتە مايسا ئاسان ئەي بولىدۇ. چىۋىق قەلەمچە، ساغلام، كېسەللىك ۋە ھاشارات يوق مايسىنى تاللاپ يىتىشتۈرۈش. 

باغۋەنچىلىك

تىكەنلىك نەشپۈتتىكەنلىك نەشپۈتنىڭ گۈللىرى ئىنتايىن گۈزەل، گۈل بەرگىدە ھال رەڭلىك يېپىشقاق قويۇق بىر ئالتۇن رەڭلىك چاڭدان بار، ئىنتايىن ئۆزگىچە، سېرىق تىكەنلىرى ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسۈن قۇشىدۇ، يانتۇلۇق ۋە يول بويلىرىدا تىكىش، كۆكەرتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا قىممەتلىك دورا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

تېببىي دورىگەرلىك 

مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىنB ،P، ۋە C، لار بار، تەمى چۈچىمەلرەك، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بار، دورا، خام دورا، ھاراق ئېچىتىش، يەنە ھاراق چىقىرىش ۋە شىرنە قاينىتىشتا خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ. يىلتىز پوستى، غول قوۋزىقى تەركىبىدە تاننىن مىقدارى كۆپ، يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ؛ يوپۇرمىقىنىڭ چاي دەملەش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىش رولى بار؛ ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#