سېيشېل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
16 - ئەسىردە پورتۇگالىيەلىك بىر ئادەم ئىلگىرى بۇ يەرگە، «يەتتە ئاچا _ سىڭىللار ئارىلى» دەپ ئىسىم قويغان. 1756-يىلى فىرانسىيە ئىشغال قىلىۋالغان، ھەمدە «سېيشېل» دەپ نام بەرگەن. 1794-يىلى ، ئەنگلىيە فرانسىيىنىڭ ئورنىنى بېسۋالغان. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە كۆپ قېتىم قولدىن كەتكۈزۈپ نۆۋەت بىلەن ئىشغال قىلۋالغان. 1814 - يىلى ، ئەنگلىيە - فرانسىيە سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، سېيشېل ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ، ئەنگىلىيە ماۋرىتىئۇس مۇستەملىكە دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە . 1903 - يىلى ئۆزگەرتىلىپ ، ئەنگلىيە بىۋاستە قاراشلىق مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1970 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان. 1976-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ ، سېيشېل جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، يەنىلا ئەنگلىيە فېدېراتسىيىەسى ئىچىدە قالغان.
جۇغراپىيەلىك ئورنى
سېيشېلغەربىي ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان سېيشېل، 115 چوڭ - كىچىك ئارالدىن تەشكىل تاپقان . دېڭىز كۆلىمى 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، دېڭىز - ئوكيان مەخسۇس قاراشلىق ئىقتىسادىي رايون كۆلىمى 140 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . جەنۇبىي كەڭلىك جەنۇبىي كەڭلىك دەرىجىسى 10.5 ~ 3.8 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق دەرىجىسى 56.7~55.7. غەربىي ئارىلىق مونباسا پورتىغا 1593 كىلومېتىر ، غەربىي جەنۇب ماداغاسقار بىلەن بولغان ئارىلىقى 250 كىلومېتىر ، جەنۇبىي ۋە ماۋرىچۇس دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ، ھىندىستان بىلەن بولغان ئارىلىقى 2813 كىلومېتىر كېلىدۇ .
قۇرۇقلۇق كۆلىمى 455.8 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، مەخسۇس دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىي رايونى كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
كىلمات ئالاھىدىلىكى
سېيشېل ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى بولۇپ ، تىپىك تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى ئالاھىدىلىكى ؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆپ يامغۇرلۇق ، ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 24 سېلسىيە گرادۇس ، قۇرغاقچىلىق پەسلى بىلەن يامغۇر پەسلى ئېنىق ئايرىلغان ، 6-ئايدىن 9-ئايلارغىچە قۇرغاقچىلىق پەسلى ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ قۇرغاق پەسىل ئالاھىدىلىكى شۇكى ، شامال كۆپ ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز ، ھاۋا كىلىماتى بىر قەدەر سالقىن.
دۆلەت گېربى
سېيشېلقالقانسىمان گېرب بولۇپ ،قالقان يۈزىدىكى دېڭىز سۈيى ۋە يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ شەكىللىرى ھىندى ئوكيانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەكلىدە بىر تۈپ كوكۇس دەرىخى ، دېلفىنغا ئوخشايدۇ بىر شەكىل بار . قالقانسىمان شەكىلنىڭ ئۈستىدە بىر دانە ئىسسىق بەلباغ قۇشى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن يەلكەنلىك بېلىق بار ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا لاتىن يېزىقىدا ‹‹ئىشلار رىقابەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر بېزەلگەن .
سېيشېلنىڭ بېلىقچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى . پۇرۇپكا مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون 200 دېڭىز مىلى ، ماتېرىك سۇپىسى 200 دېڭىز مىلى، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىي رايونى كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. تۇنا بېلىقى قاتارلىق بېلىقچىلىق بايلىقى مول . ئورمان كۆلىمى تەخمىنەن 2000 گېكتارغا يېتىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.