دالانكارىز يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دالانكارىز يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىمدالانكارىز يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبى قۇم تاغ، چۆل - باياۋان، چۇلتاغ بىلەن تۇتاشقان، غەربىي جەنۇبى ئايدىڭكۆل يېزىسى بىلەن، شەرقى لۈكچۈن بازىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تۇيۇق يېزىسى ۋە ياڭخى كەنتى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1125 كۋادرات كىلومېتىر. يېزا بويىچە ئائىلىلەر جەمئىي 3310 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇس 15685 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان. شەننەن تاشيول پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە بولۇپ، قاتنىشى قولايلىق، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى بولغان دالانكارىز يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 52 كىلومېتىر.
ئۇنىڭ قارىمىقىدا چويار كەنتى، بەشتام كەنتى، يوغانقىر كەنتى، يانبۇلاق كەنتى، يېڭى كارىز كەنتى، ئازات كەنتى، ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر تەجرىبە پونكىت، بىر چارۋىچىلىق ئەترىرەت، بىر ئوتلاق پونكىتى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.