قوچى يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوچى يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرىق تەرىپى تۈۋەت يېزىسى، 47-تۈەن 1-لىيەن بىلەن 2-لىيەن، يىڭىيەر يېزىسى، كاۋاك يېزىسىغىچە، جەنۇب، غەرىب تەرەپلىرى پۇرچاقچى يېزىسى، 47-تۈەن، قارساي بازىرىغىچە تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر، دېڭىزيۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317 ~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 2669 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەركۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغراكېلىدىغان يەركۆلىمى 1.21 مو.
قوچى يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
قوچى يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان.دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەرۋەئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇماشىنىلاشقان
قوچى يېزىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. يېزا-كەنىت يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.