شەلپەرگۈل

شەلپەرگۈل، قىزىل پوجاڭزىگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى، چۆل يالپۇزى ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. گۈل رېتى زىلۋا، رەڭگى قىزىل رەڭلىك، يەنە كېلىپ چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، جۇڭگونىڭ شەھەر ۋە باغچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆستۈرۈلىدىغان سامان غوللۇق گۈل - گىياھ ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى شەلپەرگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى شەلپەرگۈل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 一串红
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى چۆل يالپۇزى ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Salvia splendens Ker-Gawler

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەلپەرگۈلكەنجى چاتقالسىمان، سامان غوللۇق، ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر. غولى دىقماق تۆت تەرەپلىك شەكىللىك، تۈكسىز، تاقىر. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2-4.5 سانتىمېتىر، ئالدى تەرىپى تەدرىجى تارىيىدۇ، تۈۋى قىسمى كەسمە شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىللىك، سۇيۇق دىقماق، گىرۋىكى ھەرىسمان، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، ئىككى تەرىپى تۈكسىز. غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3 - 4.5 سانتىمىتىر، تۈكسىز، تاقىر. 

ئەسلىي ماكانى بىرازىلىيە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. 

شەلپەرگۈل يېرىم سايىغا چىداملىق، مۇنبەت ۋە سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان قۇمساڭ ئەت تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ. لېكىن تۇپراق بىلەن مېتىل برومىدنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشقارلىق تۇپراققا ئىنكاسى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، PH قىممىتى -6.0 تۇپراقتا ئۆسۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. سوغۇققا چىدامچانلىقى ناچار، ئۆسۈشى مۇۋاپىق بولغان تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گرادۇس. 15 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا ئۆسۈشتىن توختايدۇ، 10 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. 

شەلپەرگۈلشەلپەرگۈلنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىش ياكى قىستۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىپ كۆپەيتىلىدۇ، تېرىش بىر قەدەر كۆپ. شىمالىي جۇڭگو رايونىدا پەسىل چەكلىمىسى يوق، قالغان رايونلاردا ئەتىياز پەسلىدە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. شەلپەرگۈلنى تېرىش مەزگىلى بىر قەدەر كېچىكىپ كەلسە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا 9 ~ 10-ئايغىچە چېچەكلەيدۇ، تۇپراققا سۇ سېپىپ نەمدەش، سۇ سىڭىپ بولغاندىن كېيىن تېرىپ، بىر قەۋەت نېپىز توپىدا كۆمۈش، ئۇرۇق تېرىلىپ بولغاندىن كېيىن 8 ~ 10 كۈندە ئۇرۇق ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئۆسۈش مەزگىلىدە 100 كۈندە ئېچىلىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى تەخمىنەن ئىككى ئاي. 

شەلپەرگۈلمۇقىم تېمپۇراتۇرىدا ئۆسىدىغانشەلپەرگۈل  ئۆي ئىچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى نەملىك ۋە يورۇقلۇق يېتىشمىسە، چىرىش كېسىلى ئاسان يۈز بېرىدۇ، تېمپېراتۇرىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، شەلپەرگۈلگە ئاسانلا قىزىل ئۆمۈچۈك، كۆك پىت قاتارلىق ھاشارات زىيانداشلىقى زىيان سالىدۇ، بىراق 1500 ھەسسەلىك ئوكسىدلانغان سۈتسىمان روگور بىلەن پۈركۈش سۇيۇقلۇقى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش.

شەلپەرگۈلشەلپەرگۈلنىڭ گۈللۈك سورتى خىلمۇ -خىل، كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسىدا گۈللەر قويۇق، رەڭگى چىرايلىق. دائىملىق گۈللۈكنىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى. بەلۋاغسىمان گۈلزارلىق ياكى تەبىئىي ئورمانلارنىڭ چېتىدىكى ساپ ئۆسۈملۈك. دائىم سۇس سېرىق رەڭلىك قوناقگۈل، پاكار سەبدە گۈل، رەڭگى سۇس كۆك ياكى، ھالرەڭ؛ مودەنگۈل، كۆك جۈخار، پاكار پىننىگۈل قاتارلىقلار ماسلىشىپ ئۆستۈرۈلگەن، شەلپەرگۈلنىڭ گۈلى پاكار ئۆسىدىغان سورتى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىلىدۇ، ئاق گۈللۈك سورتى تاماشا بىلەن قىزىل گۈللۈك سورتى ماسلىشىپ، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#