نى ۋېيپىڭ

نى ۋېيپىڭ

نى ۋېيپىڭ  1952-يىلى بېيجىڭ دىكى بىر قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھەممىسى قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئىدى. نى ۋېيپىڭنىڭ ئاچىسى نى شەنشەن، ئۇكىسى نى جىبۇلار كىچىكىدىنلا قورشاۋ قاتار ئۆگەنگەن بولۇپ، بېيجىڭ ئۆسمۈرلەر قورشاۋ قاتار مۇسابىقىسىدە «نى ئائىلىسىنىڭ ئۈچ كىچىك ماھىرى» دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نى ۋېيپىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
كەسپى قورشاۋ قاتار كەسپىي شاھماتچى، ترېنېر
خەنزۇچە ئىسمى 聂卫平
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نى ۋېيپىڭ1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان ئۈچ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياپونىيە قورشاۋ قاتار مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ كوزىرى نى ۋېيپىڭ يالغۇز ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ياپونىيىنىڭ توققۇز داڭلىق ماھىرىنى ئارقىمۇئارقا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى قورشاۋ قاتار دۆلىتىنىڭ ماھىرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇڭا، ئۇ جۇڭگو قورشاۋ قاتار تارىخىدىكى ئەزىمەت دەپ ئاتالغان. 1988-يىلى جۇڭگو قورشاۋ قاتار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «قورشاۋ قاتار پىرى» دەپ نام بېرىلگەن. 

نى ۋېيپىڭ  1952-يىلى بېيجىڭدىكى بىر قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھەممىسى قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئىدى.

نى ۋېيپىڭ نى ۋېيپىڭنىڭ ئاچىسى نى شەنشەن، ئۇكىسى نى جىبۇلار كىچىكىدىنلا قورشاۋ قاتار ئۆگەنگەن بولۇپ، بېيجىڭ ئۆسمۈرلەر قورشاۋ قاتار مۇسابىقىسىدە «نى ئائىلىسىنىڭ ئۈچ كىچىك ماھىرى» دەپ ئاتالغان، نى ۋېيپىڭ 13 يېشىدىلا مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر چېمپىيونى بولغان، 1973-يىلى جۇڭگو قورشاۋ قاتار مەشىق كوماندىسىغا كىرگەن. 1975-يىلى 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 1976-يىلى ئۇ جۇڭگو قورشاۋ قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، ياپونىيىدىكى زىيارەت مۇسابىقىسىدە تىڭزې شيۇخاڭ، يەنتيەن دامىڭ، شىتيەن خاڭخو قاتارلىق 9-دەرىجىلىك ماھىرلار بىلەن ئويناپ، يەتتە مەيداندا ئالتە مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان يېڭىپ، ياپونىيە قورشاۋ قاتار ساھەسىنى، ئاخبارات ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، «قۇيۇن» نامىغا ئېرىشكەن. 1975 -يىلىدىن 1989-يىلىغىچە نى ۋېيپىڭ بەش قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون، ئالتە قېتىم «يېڭى تەنتەربىيە لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە چېمپىيون، ئۈچ قېتىم ئون كۈچلۈكلەر ئېلىشىشىدا چېمپىيون بولغان. 1979-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 1981-يىلى 9-دەرىجىنى ئالغان. 

ئۇ 1987-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك فۇشىتۇڭ لوڭقىسىنى تالىشىش دۇنيا كەسپىي قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان. 1988-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يىڭشى لوڭقىسىنى تالىشىش دۇنيا كەسپىي قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#