شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区边境管理条例
ماقۇللانغان ۋاقتى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ«‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى 

( 2010-يىلى 6 –ئاينىڭ 3 –كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان).

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. 3-ماددا ئۈچ تارماق قىلىندى، 1-تارمىقى: «بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ»؛ 2-تارمىقى: «دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»؛ 3-تارمىقى «چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ،دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ».

2. 10– ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2-تارمىقى قىلىندى: «ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ،چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ».

3. 15-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ».

4. 16-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىدىغانلار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك».

5. 17-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش-چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ».

6. 18-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك».

7. 23-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك».

  8. 24-ماددىنىڭ 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ) دا سودا،ساياھەت كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك».

9. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 27-ماددا قىلىندى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلارغا، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى› بويىچە جازا بېرىلىدۇ».

10. 27-ماددا 28-ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى ئالماي چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرگەنلەر»؛

(2) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر»؛

(4) تارماقچىسى

(3) تارماقچىسى قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: «كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قالغان، ئورۇنلاشتۇرغانلار»؛

بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (4) تارماقچىسى قىلىندى:«تىزىملىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار»؛

(3) تارماقچىسى تۈزىتىلىپ (5) تارماقچىسى قىلىندى: «چېگرا بەلبېغىدا چارۋا بېقىپ، چارۋىسى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر»؛

(5) تارماقچىسى (6) تارماقچىسى قىلىندى.

11. 28-ماددا 29-ماددا قىلىنىپ، 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز مال-مۈلكى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ». بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (2) تارماقچىسى قىلىندى: «چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەلۇم قىلمىغانلار»؛ بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2-تارمىقى قىلىندى: «ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى مەشغۇلاتنى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرامۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئالماي، چەتكە چېتىشلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ».

 12. 29-ماددا 30-ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەنلەرگە ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىقباشقۇرۇش جازا قانۇنى›بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

13. 32-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سالغانلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ».

14. 31-ماددا 33-ماددا قىلىنىپ، 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل-مېلى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى› بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

«دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر» دېگەن (4) تارماقچىسى قوشۇلدى.

15. 34-ماددا 35-ماددا قىلىنىپ، 1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «27-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى قارار قىلسا بولىدۇ».

16. ئالاقىدار ماددىلاردىكى «جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ئاپپاراتى» دېگەن سۆز «جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى»، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.  

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، يۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ياكى باشقا پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن-مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكىرايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە تاشقى ئىشلار تارمىقى چېگرا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە چېگرا بار جايدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، بىرلەشمە مۇداپىئە تەشكىلاتىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، چېگرا ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى ھەمدە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىق چېگرا باشقۇرۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

6-ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت چېگراسىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا بەلگىلىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.   

7-ماددا چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش

8-ماددا ھەر قانداق كىشىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىپ-چىقىشى، قۇرۇقلۇق چېگراسى، چېگرادەريا (كۆل) لاردا قانۇنسىز سودا قىلىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

9-ماددا چېگرا تاختىسى، قوزۇقى ياكى دۆلەت چېگراسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان باشقا مەڭگۈلۈك بەلگىلەرنى ئورنىتىش، ئاسراش ياكى قايتا ياساش دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن چېگرا شەرتنامىسى، كېلىشىمى ياكى پۈتۈمى بويىچە بولىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە دۆلەت چېگرا بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىشىگە، يۆتكىۋېتىشىگە ۋە چۇۋۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دۆلەت چېگرا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەت ۋە قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ شۇنداق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا دۆلەت چېگراسىدىن كىرىپ چىقىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرى، قاتناش قوراللىرى ھەم توشۇغان يۈكلىرى دۆلەت بېكىتكەن پورتتىن ياكى قوشنا دۆلەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن ۋاقىتلىق چېگرا ئۆتىڭىدىن ئۆتۈشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادا تەكشۈرتۈشى، كارانتىن-پىرىيوم قىلغۇزۇشى كېرەك.

12-ماددا چېگرا مۇداپىئە سۆھبىتىگە، ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىغان خادىملار ۋە ھۆكۈمەت ئىشىنى قىلغۇچى باشقا خادىملارنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ قاتناش قوراللىرىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ۋاقىتلىق كىرىپ-چىقىشى دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمى بويىچە بولىدۇ.

13-ماددا چېگرا رايون ئاھالىسىدىن قوشنا دۆلەت چېگرا رايونىغا بېرىپ تۇغقان يوقلايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ۋە سودا قىلىدىغانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە رەسمىيەت ئۆتۈشى كېرەك.

14-ماددا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن چېگرا پورتىدا مەلۇم دائىرىنى بېكىتىلگەن پورت رايونى قىلىپ ئايرىشقا بولىدۇ. بېكىتىلگەن پورت رايونى چېگرا ئۆتكىلى، پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش مەيدانى، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرا ئۆتكىلى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش مەيدانىدىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.

بېكىتىلگەن پورت رايونىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش لايىھەسىنى پورت بار جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى پورت باشقۇرغۇچى تارماق بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

3-باب چېگرا رايوننى باشقۇرۇش

15-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ.

چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوندا ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز، ھەر قانداق كىشىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

16-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىدىغانلار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

17-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش-چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

18-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك.

 19-ماددا چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق قانۇن بويىچە تەستىقلىتىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەستىقلاشتا جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەشغۇلاتنى قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىپ، مەشغۇلات قىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

20-ماددا چەت ئەللىكلەر (جۈملىدىن دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار)نىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا چېگرا بەلبېغىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا چېگرا بەلبېغىدا ئۆلچەش-سىزىش، فىلىمگە ئېلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، بوز يەر ئۆرتەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا دوكلات قىلىش ھەمدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت قىلىش كېرەك.

22-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلمىغان ئەھۋالدا چېگرا بەلبېغىدا ئوق چىقىرىشقا بولمايدۇ.

23-ماددا چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

قوشنا دۆلەت چارۋىلىرى دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ قالسا، دۆلەت چېگرا سىزىقى ئەتراپىدىكىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا قوغلاپ چىقىرىش؛ دۆلەت چېگراسىدىن بەكرەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەنلىرىنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، يوشۇرۇپ قويۇشقا، ئىشلىتىشكە، ئېلىپ-سېتىشقا ياكى سويۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

24-ماددا چېگرا بەلبېغىدا سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ) قۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تەستىقلىتىدۇ.

سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ)دا سودا، ساياھەت كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك.

 25-ماددا چېگرا دەريا(كۆل)دىن لەيلىمىلەرنى سۈزۈۋالغاندا، چېگرا رايوندا ئۇچۇرمىلارنى ياكى باشقا گۇمانلىق نەرسىلەرنى تېپىۋالغاندا، ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلماي، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.

26-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرنى ياكى گۇمانلىق كىشىلەرنى سەزگەندە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ياكى چېگرا مۇداپىئە قىسىمىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

27-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلارغا چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. چېگرا مۇداپىئە جامائەتخەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

28-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى ئالماي چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرگەنلەر؛   

(2) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر؛

(3) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى قالدۇرۇۋالغان، ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

(4) تىزىملىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) چېگرا بەلبېغىدا چارۋا بېقىپ، چارۋىسى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر؛

(6) چېگرا دەريادىن لەيمىلەرنى سۈزۈۋېلىپ، چېگرا رايوندا ئۇچۇرمىلارنى ياكى باشقا گۇمانلىق نەرسىلەرنى تېپىۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلار.

29-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز مال-مۈلكى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) چېگرادىكى چەكلەنگەن رايونغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەنلەر؛

(2) چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەلۇم قىلمىغانلار؛

(3) چېگرا بەلبېغىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوق چىقارغانلار؛

(4) چېگرا بەلبېغىدا بوز يەر ئۆرتەشنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان ياكى بېكىتكەن دائىرىدە قىلمىغانلار؛

(5) قوشنا دۆلەتتىن دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ قالغان چارۋىنى يوشۇرۇپ قويغان، ئىىشلەتكەن، ئېلىپ-ساتقان ياكى سويۇۋەتكەنلەر.

ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقنىڭ(2) تارماقچىسىدىكى مەشغۇلاتنى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئالماي، چەتكە چېتىشلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

30-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى، شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەنلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

31-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا بەلبېغىدا ئۆلچەش، سىزىش، فىلىمگە ئېلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغان ياكى بېكىتىلگەن دائىرىدە قىلمىغانلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.   

32-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سالغانلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

33-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل-مېلى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) قۇرۇقلۇق چېگراسى، چېگرا دەريا (كۆل)دا قانۇنسىز سودا قىلغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەت قىلغانلار؛

(2) كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا بېرىشقا تەشكىللىگەن، ئاپىرىپ قويغانلار؛

(3) چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغان، ئۇلارغا ماددىي ياردەم بەرگەنلەر؛ 

(4) دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر.

34-ماددا چېگرا باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققاتارتىلىدۇ:

(1) جازا بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە تالون بەرمىگەنلەر؛

(2) جەرىمانە، مۇسادىرە پۇلىنى خىيانەت قىلغان،ئىشلىتىۋالغانلار؛

(3) چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر؛

(4) قانۇنسىز سودىغا ئارىلاشقانلار؛

(5) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

35-ماددا 27-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەتخەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى قارار قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

36-ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

5 باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

37-ماددا بۇ نىزام 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[2]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553674_8.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#