ليۇ شاۋچى

ليۇ شاۋچى

ليۇ شاۋچى (1898 − 1969-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىلگىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان. 

ليۇ شاۋچى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ شاۋچى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1898-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 刘少奇
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1969-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ شاۋچىليۇ شاۋچى (1898 −1969-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىلگىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان. 

ليۇ شاۋچى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1919-يىلى «4-ماي» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1920-يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1921-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە ئەمدىلا قۇرۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. 1922 -يىلى يازدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، گۇاڭجۇ-خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ۋە ئەنيۈەنلۇ كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1925-يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 30-ماي ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ۋە شېڭگاڭ پورتىدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1927-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ يەنە ۋۇخەن خەلقىنىڭ خەنكۇدىكى ئەنگلىيە كونسېسسىيەسىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ ئەزاسى بولغان. 1927 -يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى مەخپىي ھالدا شاڭخەي، تيەنجىن، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ ئاقلار رايونىدىكى كۈرىشىگە تەجرىبە توپلىغان ۋە تۆھپە قوشقان. 1930-يىلى موسكۋاغا بېرىپ، قىزىل ئىشچى-خىزمەتچىلەر خەلقئارا ئۇيۇشمىسىدا ئىشلەپ، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1931-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە، ئىتتىپاق ياچېيكىسنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە تەشكىللىگۈچىسىدۇر. 1934-يىلى10-ئايدا، ليۇ شاۋچى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. 1936-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپ، شەنشىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى يېڭى ئارمىيەسىگە ۋە شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىنى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بيۇروسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭخۇا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىنى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1939-يىلى7-ئايدا، يەنئەن ماركسىزم، لېنىنىزم ئىنستىتۇتىدا «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدىكى مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسىنى بېيىتقان. 1941-يىلىدىكى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدىن كېيىن، يېڭى4-ئارمىيىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، چېن يى بىلەن بىللە يېڭى 4-ئارمىيىنىڭ شتابىنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە زورايتقان. 1943-يىلى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1945-يىلى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك7-قۇرۇلتىيىدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ماركسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدىيە − ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. 

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ليۇ شاۋچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىر مەزگىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ يەنە جۇ دې بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك يەر خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، «جۇڭگو يەر قانۇنى پروگراممىسى» نى تۈزۈپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

ليۇ شاۋچىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1959-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

 ئۇ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، خاتالىقنى توسىدىغان، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھىمايىسىگە مۇيەسسەر زات ئىدى. 1966 -يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى خاتا تەنقىد قىلىنىپ، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1969-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىدە ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 1980-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ليۇ شاۋچىنى ئاقلاپ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#