كامبودژىنىڭ ۋيېتنامغا قارشى ئۇرۇشى

كامبودژىنىڭ ۋيېتنامغا قارشى ئۇرۇشى
كامبودژا خەلقىنىڭ ۋيېتنامغا قارشى ئۇرۇشى دەسلەپتىلا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. 1979-يىلىدىن باشلاپ ب د ت يىغىنى كۆپ قېتىم قارار ماقۇللاپ، ۋيېتنامنىڭ كامبودژىدىن شەرتسىز ھالدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. 

نامى كامبودژىنىڭ ۋيېتنامغا قارشى ئۇرۇشى
نەتىجىسى ۋيېتنام ئارمىيىسى كامبودژىدىن چېكىنىپ چىقتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1975-يىلى كامبودژا خەلقى ئامېرىكا يۆلەپ تۇرغۇزغان لاڭنو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، دېموكراتىك كامبودژا قۇردى. 1977-يىلى12-ئايدا ۋيېتنام دائىرىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش ھىندىچىنى فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ كامبودژىغا تاجاۋۇز قىلدى. 1979-يىلى 1-ئايدا ۋيېتنام ئارمىيىسى كامبودژا پايتەختى پنومپېننى ئىگىلىۋالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە كامبودژا ۋەتەنپەرۋەر قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغىدى. ۋيېتنام كامبودژىدا خەنساڭلىن ھۆكۈمىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ھەمدە كامبودژىغا كۆپلەپ ۋيېتناملىق مۇساپىرلارنى چىقىرىپ ۋيېتناملاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇستەملىكە پىلانىنى يولغا قويدى.

كامبودژا خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقى ئاستىدا، 1982-يىلى7-ئايدا دېموكراتىك كامبودژا بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قۇردى. بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە شاھزادە سخانوك رەئىس بولدى، چياۋسېنپەن بىلەن سۇڭ شۇاڭ مۇئاۋىن رەئىس بولدى، ئۇلار چياۋسېنپەننىڭ قىزىل كخمېر كۈچلىرى، سخانوكنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق فرونتى ۋە سۇڭ شۇاڭنىڭ كخمېر خەلق ئازادلىق فرونتىدىن ئىبارەت ئۈچ قوراللىق كۈچكە رەھبەرلىك قىلىپ، ۋيېتنام تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى.

كامبودژا خەلقىنىڭ ۋيېتنامغا قارشى ئۇرۇشى دەسلەپتىلا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. 1979-يىلىدىن باشلاپ ب د ت يىغىنى كۆپ قېتىم قارار ماقۇللاپ، ۋيېتنامنىڭ كامبودژىدىن شەرتسىز ھالدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.  خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ۋيېتنام ئارمىيىسى نائىلاج1989-يىلىنىڭ ئاخىرى كامبودژىدىن چېكىنىپ چىقتى. 1993-يىلى ب د ت نازارەتچىلىكىدە كەڭ كۆلەملىك سايلام ئۆتكۈزۈپ، شاھزادە سخانوك باشچىلىقىدىكى پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#