شال، تېرىق، قوناق، بۇغداي ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دانلىق زىرائەتلەر دېيىلىدۇ. شال دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئالدى(بىرىنچىسى) بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك گۈرۈچنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شال
تارقالغان رايونلار ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى باشاقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شال ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 水稻
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى
تۈرى شال

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    شال باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ غولى تىك، ئىچى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تار ۋە ئۇزۇن ھەم چىڭ بولۇپ، يوپۇرماق غىلىپىدا تىۋىت تۈكلىرى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر شال باشىقىدا 100 −200 گىچە كىچىك باشاق(يەنى قاسىراقلىق گۈل) بولىدۇ. شالنىڭ قىلتىرىقلىق مېۋىسى شال دېنى دېيىلىدۇ.

شال ئۆسۈملۈكى ئوخشاش بولمىغان تېمپېراتۇرا شارائىتىنىڭ تەسىرىدە دىففېرېنسىيىلىنىپ سوقىچاق شال بىلەن يۇمىلاق(قىسقا غوللۇق) شالدىن ئىبارەت ئىككى خىل جۇغراپىيىلىك كىلىمات ئېكولوگىيىلىك تىپنى شەكىللەندۈرگەن. يەنە ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق شارائىتىنىڭ تەسىرىدە دىففېرېنسىيىلىنىپ ئۈچ خىل پەسىللىك كىلىمات ئېكولوگىيىلىك تىپى، يەنى چىلگە شال، ئارا شال ۋە كەنجى شال قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەربىرىدە يەنە يېپىشقاق شال بىلەن نومى شېلىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگەرگەن تۈرى بولىدۇ. يېپىشقاق شال بىلەن نومى شېلىنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كراخمال خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى، يېپىشقاق شالدا تۈز زەنجىرلىك كراخمال كۆپرەك بولغاچقا، شىلىملىشىشى تەسرەك بولىدۇ؛ نومى شېلىدا تارماق زەنجىرلىك كراخمال كۆپرەك بولغاچقا، شىلىملىشىشى ئاسانراق بولىدۇ. 

    

    شال ئادەتتە تېيىز سۇلۇق ئېتىزلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ سۇ ئۆسۈملۈكى ئەمەس. ئېتىزدىكى سۇلار شالنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىدا ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شال تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ، ئەمما سۇنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈشى ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىشى بىرقەدەر ئاستا بولغاچقا، شالنى مۇقىم تېمپېراتۇرا شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.

گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا «ئادەم تۆمۈر بولسا، گۈرۈچ تامىقى پولات» دەيدىغان تەمسىل بار. 

     مەملىكىتىمىز دۇنيادا شال ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت. ئارخېئولوگلارنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ ناھىيىسى خېمۇدۇ خارابىسىدىن چىققان ئاساسلار 6000 −7000 يىل ئىلگىرىلا بۇ يەردە شال تېرىلغانلىقىنى دەلىللەپ، ئېلىمىزنىڭ شال ئۆستۈرۈش تارىخى دۇنيادا شال تېرىش تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن دەپ قارىلىدىغان تايلاندتىنمۇ مىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ شال تېرىش تارىخى يېقىنقى 500 يىل ئۆپچۆرىسىدىكى ئىش. كولومبو 1493-يىلى ئىككىنچى قېتىم يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇققا چىققاندا ئىسپانىيىدىن شال ئۇرۇقى ئالغاچ بارغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىلىقلار گۈرۈچ تامىقىنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىپ كۆرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#