جامالتېرەك يېزىسى

جامالتېرەك يېزىسى

جامالتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى جامالتېرەك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 44 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加马铁热克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقتۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 10418 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامالتېرەك يېزىسى جامالتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان. يېزىغا قاراشلىق 6 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 35 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 2314 ئائىلە، 10418 ئادەم. يېزا بويىچە 1600.4 گېكتار تېرىلغۇ يەر بار، 2033.5 گېكتار يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلىدۇ. 

جامالتېرەك يېزىسىجامالتېرەك يېزىسىغا قاراشلىق ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: قوشئېرىق بەك كەنتى، باغلا كەنتى، سەككىز ئېرىق كەنتى، كونا ھويلا كەنتى، ۋۇكې كەنتى، قاشبويى كەنتى. 

جامالتېرەك يېزىسىشەرق، جەنۇبىي قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، غەربىي پىلال يېزىسى، كۆتۈرمە مۇنارى بويىچە دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى يوپۇرغا دەرياسىنى چېگرا قىلىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3-شىسىنىڭ 41 ـ تۈەنى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. رايون شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى ئالتە كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 44 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇدۇل ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ.

جامالتېرەك يېزىسىجامالتېرەك يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1302 مېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى؛ ھاۋارايى مۆتىدىل، ھۆل-يېغىن ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃17.5، قىروسىز مەزگىلى 220 ~ 180 كۈنگە يېتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#