ئۇيغۇر دوپپىسى

ئۇيغۇر دوپپىسى

دوپپا باشقا ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇرغا باي، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، چوڭقۇر مەنىۋىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي كەشپىياتى.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇر دوپپىسى
خەنزۇچە نامى 维吾尔族花帽

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر دوپپىسىدوپپا باشقا ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇرغا باي، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، چوڭقۇر مەنىۋىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي كەشپىياتى.دوپپا — باشقا مەدەنىي كەشپىياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىمۋول بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر.

تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر خوتۇن–قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى.ئۇ ئەقىللىق، لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرىغا, ئۇيغۇر يىگىت-ئەرلىرىگە، ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمىي، ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى. ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس، خاس ئىگىنىڭ بولىدۇ. ئەگەر سىز ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ ھېيتگاھ مەيدانى، خوتەن، كۇچا مەسچىتلىرى ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن يوللاردا، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدا بولغىنىڭىزدا ئۇزىڭىزنى گوياكى ئادەم دېڭىزى ئىچىدە ئەمەس رەڭمۇ رەڭ گۈللەر چايقىلىپ تۇرۇۋاتقان گۈلزارلىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىسىز.

ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول–ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىكسەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى–دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل–كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل–نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.

گۈل غۇنچە دوپپا

ئۇيغۇر دوپپىلىرىبۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەكيىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يۇپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.

بادام مارجان دوپپا

بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغا–يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت– چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.

ئەرەنچە چىمەن دوپپا

چىمەن دوپپا ئىسمى–جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل–غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام–تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.

گۈلشەن چىمەن دوپپا

بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىشتېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپاگىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىكيىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.

گۈل قىياق دوپپا

دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ،دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپئەرلەر كىيىدۇ.

چىمەنگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە– دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم– ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.

قىزىل گۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە– دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولساشاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستائىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.

توقۇلما گۈللۈك دوپپا

بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلاربىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى–بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.

گۈللۈك مانچېستىر دوپپا

بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.

مارجانگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان– يوغان، دانە– دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭمەھسۇلاتىدۇر.

سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىغۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇخىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.

ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭگىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.

چەكمە قىزىلگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە– دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.

ئاق گۈل چىمەن دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم– بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.

گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا

تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەنسىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقانھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.

گۈل دوپپا

تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭگۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق، ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.

ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول–ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىكسەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى– دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل–كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل– نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.

گۈل غۇنچە دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەكيىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يۇپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.

بادام مارجان دوپپا

بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغان– يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت– چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.

ئەرەنچە چىمەن دوپپا

چىمەن دوپپا ئىسمى–جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل– غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام– تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.

گۈلشەن چىمەن دوپپا

بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىشتېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپاگىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىكيىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.

گۈل قىياق دوپپا

دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ،دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپئەرلەر كىيىدۇ.

چىمەنگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە– دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم– ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.

قىزىل گۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە– دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولساشاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستائىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.

توقۇلما گۈللۈك دوپپا

بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلاربىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى– بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.

گۈللۈك مانچېستىر دوپپا

بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.

مارجانگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان– يوغان، دانە– دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭمەھسۇلاتىدۇر.

سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىغۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇخىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.

ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭگىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.

چەكمە قىزىلگۈل دوپپا

بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە–دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.[1]

ئۇيغۇر دوپپىسىئېگىزدە تۇرۇپ بۇ ئادەملەر دېڭىزىغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز كىشىلەرنىڭ بېشىدىكى گۈللۈك دوپپىلار كۆزىڭىزگە ئەنە شۇ گۈلزارلىقتىكى دەستە–دەستە گۈللەردەك كۆرۈنىدۇ.بۇ ھەقتە شائىرلار شېئىر-قوشاقلارنى، ئەدىبلەر ھېكايە-نەسىرلەرنى يېزىشتى. خەلقىمىز ھېيت–بايراملاردا كۆڭۈللۈك مەشرەپلەردە، ئۆز-ئارا يوقلىشىش، تەبرىكلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش چاغلىرىدا بىردەك دوپپا كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ باتۇر، ئەمگەكچان   خەلقىمىز دوپپىلارنىڭ تۈرى ۋە پاسونلىرىنى ئۈزلۈكىسىز كۆپەيتىپ كەلدى.بۈگۈنكى كۈندە دوپپا رەسمىيلا مەدەنىي كىملىك، مىللىي بەلگە، رايون سمۋولى، ئۆزگىچە سەنئەت ئالبۇمى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەيەرىگىلا بارسىڭىز مىڭلىغان گۈزەل گۈللۈك نەقىشلەر چېكىلگەن دوپپىلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. قايسى بىر ئۇيغۇردىن سورىسڭىز دوپپىنى «ئۇيغۇرنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#