- لىمۇن (خام دورا)
- لىمۇن (مېۋىنىڭ تۈرى)
لىمۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لىمون بولسا سوزاپ ئائىلىسىدىكى توپلىشىپ ئۆسىدىغان قاقىر كەلگەن چاتقال ئۆسۈملۈك لىموننىڭ پىشقان مىۋىسى بۇلۇپ،مېۋىسى يۇمىلاق، سېرىق ۋە ئاچ قىزىل رەڭدە،پوستى نېپىز، ئاسان سويىلىدۇ ھەم يېپىشقاق، دەرەخنىـڭ قاتتىـق تىكىنـى بار، يوپۇرمىقـى نۆۋەتـلىشىپ ئۆسىـدۇ.7-8- ئايلاردا مىۋىسى پىشقاندىن كىيىن يىغىۋىلىپ قۇرۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ، قېلىـن بولىدۇ،مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبى ئۆلكلىرىدىن چىقىدۇ. ھەمدە ھىندىستان، پاكىستان، ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.
ئاساسلىقى قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتلارنى تەڭشەش. سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىمنى ياخشىلاش، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش ۋە تېرىنى پارقىرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
ئاپىلسىن مېۋە پوستىنىڭ تەركىبىدە ھېسپېرىدىن (Hesperidin)، تىئو ھېسپېرىدىن(Neo esperidin)،نوبېلتېن (Nubeletin) ناركوتىن، نۇر ئادىرنالىن (Naradrenalin)، تىرامىن (Tyramin) قاتارلىقلار بار.
لىمون شەربىتى
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، گال ئاغرىقى. نەزللىك زۇكام، غەيرى تەبىئىي سەۋدادىن بولغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئاشقازان كۆپۈش، غەيرى تەبىئىي سەپرادىن بولغان قۇسۇش قىزىتما، كۆڭۈل ئېلىشىش، كۆپ ئۇسساش، ئىشتىھاسىزلىق، داغ، سەپكۈن، دانىخورەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.