كۆكرەك ئاغرىش

كۆكرەك ئاغرىش

كۆكرەك ئاغرىش كلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ، ئۇنى كۆكرەكنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كۆكرەك ئاغرىش
ئىنگىلىزچە نامى chest pain
سەۋەبى يۈرەك-قان تۆمۈر
خەنزۇچە نامى 胸痛
تەۋە بۆلۈم كۆكرەك تاشقى بۆلۈم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكرەك ئاغرىش كلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ، ئۇنى كۆكرەكنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىش ئورنىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويغاندا بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاغرىش ئورنى ۋە ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى بىلەن بىردەك بولمايدۇ. 

كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى

كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە ئاغرىش كۆپىنچە كۆكرەك دىۋارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاغرىش ئورنى مۇقىم بولۇپ يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىيدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش، يۆتىلىش ۋە قولنى كۆتۈرۈشتەك كۆكرەك قەپىزى ھەرىكەتلىرىدە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ.

كۆكرەك پەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى

كۆكرەك پەردە ياللۇغى كۆكرەك ئاغرىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: نەپەسلەنگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ئاغرىقنىڭ ئورنى كۆپىنچە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىككى تەرىپى تۆەنكى قىسمىدىكى ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورۇندا بولىدۇ.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىلىرى

كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار. يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان كۆكرەك ئاغرىقىنىڭ ئورنى يۈرەك ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ ھەمدە سول مۈرە تەرەپكە تارقىلىدۇ. كۆپىنچە ھەرىكەت قىلغاندا، چارچىغاندا قوزغىلىدۇ ياكى كۈچىيىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

تىك پاسىل ۋە قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى

قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، تىك پاسىل ئۆتكۈر ياللۇغى، تىك پاسىل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆكرەك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

دوختۇر ساغلاملىق تورى 

http://www.dohtur.com/kisellik/alamet/-2411.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#