تالدى بازىرى

تالدى بازىرى

تالدى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ غەربىگە 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تالدى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1164.3 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ يېرىم قۇرغاق خاراكتېرلىك قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔勒德镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى
نوپۇسى 28326 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تالدى بازىرىتالدى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ غەربىگە 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئۆلكە يولى 316-لىنىيەسى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ قارىمىقىدا بىر مەھەللە، 11 مەمۇرىي كەنت، 51 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 1164.3 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر 170 مىڭ 760 مو، ئورمان كۆلىمى 24 مىڭ 100 مو، سۈپەتلىك يايلاق 830 مىڭ مو.

تالدى قازاق تىلىدا «سۆگەت ئۆسكەن جاي» دېگەن مەنىدە. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، بېشبالىق قەبىلىلىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرار جايى بولغان.

مىنگونىڭ 26-يىلى (1937-يىلى)، ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسى 20 دىن ئارتۇق ئائىلە بولغان.

1950-يىلى، كۈنەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، 3-رايون قىلىنپ، تەۋەلىكىدە 7 يېزا بولغان.

1953-يىلى 8-ئايدا، 5-، 6-، 7-يېزا ئايرىپ چىقىلىپ كۈنەس ناھىيىلىك 5-رايون قۇرۇلغان، ئەسلىدىكى 1-،2-،3-،4- يېزا ۋە بىر رايون بىرلەشتۈرۈپ، قايتىدىن تۆت يېزىنى ئۇنىڭ قارىمىقىدا بولغان.

1958 -يىلى 10-ئايدا، رايونىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئالغا گۇڭشې قۇرۇلغان.

1978-يىلى، يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەر نامى بويىچە تالدى گۇڭشېسى بولغان.

1984-يىلى، ھۆكۈمەت بىلەن گۇڭشېنى ئايرىغاندا، تالدى يېزىسى دەپ ئاتالغان، قارمىقىدا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بولغان.

1994-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تالدى بازىرى قۇرۇلغان. 

تالدى بازىرىدا 6405 ئائىلىلىك بار، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 28326 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 6036 ئادەم، قازاقلار 16050 ئادەم، ئۇيغۇرلار 5161 ئادەم، خۇيزۇلار 1209 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 76 ئادەم. بازار تەۋەلىكىدە 10 پونكىت، 6 باشلانغۇچ مەكتەپ، 12 مەسچىت بار. مەھەللە كادىرلىرى 10 ئادەم، كەنت كادىرلىرى 76 نەپەر، ئالىي مەلۇماتلىق كەنت ئەمەلدارى 12 نەپەر، كەنت ئاھالە گۇرۇپپا باشلىقى 17 نەپەر، پارتىيە ئەزالىرى 740 نەپەر، «3 خىل پېشقەدەملەر» 54 نەپەر، «تۆت خىل خادىم» 26 نەپەر، پارتىيە ۋەكىلى 70 نەپەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 56 نەپەر، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 5 نەپەر.

تالدى بازىرىتالدى بازىرى قارىمىقىدا: تالدى كەنتى، ئىركىندى كەنتى، ئاقچى كەنتى، چېگىربۇلاق كەنتى، ئۈشتۆبە كەنتى، مىس كەنتى، جارئۆتكەل كەنتى، چاپ دەريا كەنتى، سارقامىس كەنتى، قاغىلىق كەنتى، قاراتۆپە كەنتى قاتارلىق 11 مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللە، 15 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

بازار رايونى كۈنەس ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، شەرق تەرىپى كۈنەس بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى نارات تېغى، جىرغالاڭ دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە دولقۇن چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە قارابۇرا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شوربۇلاق بازىرى، يېزا ئىگىلىك 4-شى 72-تۇەن بىلەن قوشنا، شىمالدا كۈنەس دەرياسى بار، پۈتكۈل مەمۇرىي رايون شەكلى كېپىنەكسىمان، يەر شەكلى شەرقىي جەنۇبى ئېگىز، غەربىي شىمالى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 820 ~ 2000 مېتىر، 316-ئۆلكە يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتكەن، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق.

تالدى بازىرى، تاغ ئارىسىدىكى سايلىق بەلۋاغلارغا تارقالغان، ھاۋارايى مۆتىدىل، ھاۋاسى نەم، يازدا بىر قەدەر ئىسسىق، قىشتا قاتتىق سوغۇق، تاغلىق جايلارنىڭ كىلىماتى ئالاھىدىلىكى روشەن، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق خاراكتېرلىك قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 462.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، قىروسىز مەزگىلى 180 كۈن ئەتراپىدا. بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2759 سائەت، ئاساسىي شامال يۆنىلىشى غەرب شامىلى ۋە غەربىي شىمال شامىلى، شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى يەتتە بالدىن يۇقىرى، ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 8 مېتىر ھەر سېكۇنت. تۇپراق تىپى ئاساسەن تۇزلۇق، ئىشقارلىق تۇپراق، ئورگانىك ماددا مىقدارى %2.72، ئەڭ چوڭ توڭ تۇپراق چوڭقۇرلۇقى 9 مېتىر، يەر تەۋرەش كۈچلۈكلىكى 7 گرادۇس.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#