قىزىل لىپا دەرىخى

قىزىل لىپا دەرىخى لىپا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئادەتتە ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىككىچە ئۆسەلەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى قىزىل لىپا دەرىخى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لىپا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 红椴
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈلۈكلەر تىپى
تۈركۈمى تۈگمىگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى لىپا ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل لىپا دەرىخىمەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋە ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاش تاغلىق قويۇق ئورمانلىقتا، ياغىچى ئىنتايىن قاتتىق بىر خىل دەرەخ بولۇپ، قىزىل لىپا دەرىخى (شيەنمۇ دەرىخى) دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ماتېرىيالى زىچ ھەم چىڭ، سۇدا چۆكىدۇ، پولاتتەك قاتتىق، ئۇرسا مېتال نەرسىلەردەك جاراڭلىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، دەرىخىنى كەسمەك، بىرنەرسە ياسىماق ئىنتايىن تەس، ھەتتا مىخنىمۇ قېقىپ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇنى «ھېچنېمە كار قىلمايدىغان» پولات-تۆمۈردەك ياغاچ دېيىشكە بولىدۇ.قىزىل لىپا دەرىخىنىڭ بۇنداق قاتتىق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئىنتايىن ئاستا، ئۆرۈش سىزىقلىرىنىڭ ناھايىتى زىچ بولىدىغانلىقىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ كۆپىنچە ھاك تاشلىق تاغلىقلاردا ياشايدىغانلىقىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزلىرى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن، ھاك، تاش يوچۇقلىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، نۇرغۇن كالتسىي ماددىلىق مىنېراللارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ياغاچلىق قىسىمغا جۇغلايدۇ، شۇڭا ئۇ ئالاھىدە قاتتىقلىشىپ كېتىدۇ. 

قىزىل لىپا دەرىخىنىڭ ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ، ئېگىلمەيدۇ، يېرىلمايدۇ، سۇغا چىداملىق، چىرىمەيدۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. قىزىل لىپا دەرىخىنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەرەخنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىكى يىل ھالقىسىنىڭ بىر تەرەپتىكىلىرى كەڭ، يەنە بىر تەرەپتىكىلىرى تار بولۇپ، شەكلى خۇددى دەريا قۇلۇلىسىنىڭ قېپىدىكى سىزىقلارغا ئوخشايدۇ، شۇڭا قۇلۇلە دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

قىزىل لىپا دەرىخى لىپا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئادەتتە ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىككىچە ئۆسەلەيدۇ. گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ لۇڭجۇ ناھىيىسىدىكى بىر تۈپ چوڭ قىزىل لىپا دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 40 مېتىر، ئاساسىي غولىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 1 مېتىر، يېشى 450 ~500 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇ ئەڭ چوڭ قىزىل لىپا دەرىخى بولۇشى مۇمكىن. 


  • 红椴 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#