بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى كونا بالغۇنتاي جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1450 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان لاما ئىبادەتخانىسى.

ئۇيغۇرچە نامى بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى
كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات مېتىر
جايلاشقان ئورنى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى
خەنزۇچە نامى 巴仑台黄庙
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1450 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى كونا بالغۇنتاي جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1450 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان لاما ئىبادەتخانىسى. «كىچىك بۇدالا سارىيى» دېگەن نامى بار، 1887-يىلى مانجۇ خانىنىڭ دادىسى بايىنتاي مېڭكۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سېلىنغان ئىمارەت. 

چيەنلۇڭ يىللىرىدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى پۈتكەن، قۇرلۇش قىلغان ئۇستىلار ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭدىن تەكلىپ قىلىنغان، جەمئىي 500 سەر ئالتۇن سەرپ قىلىنغان. سېلىنغان يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۇرغۇت، خۇشۇت، لاما دىنى مۇرىتلىرى ھەج قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلانغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ لاما دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ بىرسى. سېرىق بۇتخانا ئىمارەتلىرى 27 بۇتخانىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر. 

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى پۇختا، مەردانە؛ 14 بۇتخانىدىن تەركىب تاپقان ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك لاما ئىبادەتخانىسى قەدىمكى ئىمارەتلەر توپى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھازىر سېرىق بۇتخانا قاتارلىق بىر نەچچە ئىمارەت مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، 1987-يىلى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سېرىق بۇتخانا ساراي ئىچىدە نۇرغۇن قىممەتلىك نوم ۋە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار، ساراي مەركىزىدە بىر دانە غايەت زور ئالتۇن تەنلىك مەدىر بۇتى بار. شەرق، غەرب ئارقا قەسىر ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا مەيتىرېيە بۇتى، شەپقەتكار بۇدساتۋا قاتارلىق نۇرغۇن مىس بۇت قويۇلغان. چوڭ ساراينىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدە سۇلياۋ دىففۇزىيىلەش ئۇسۇلى بار ، خۇددى تىرىكتەكلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇتخانا ئىچىدە 13 پارچە نەپىس سىزىلغان دىنىي تام رەسىملىرى بار. ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مۇخلىسلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھەر يىلى دىنىي بايرامدا بۇ يەر تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ. 

بالغۇنتاي سېرىق ئىبادەتخانىسىبالغۇنتاي جىلغىسى دىنىي مۇقەددەس جاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر تەبىئىي ئورمان باغچىسى، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل جىلغا ئىچىدە، سۆگەتلەر ياپيېشىل، دەل-دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن، ھەيۋەتلىك چوققىلار بۇلۇتلۇق ئاسماندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تومۇز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن. ئاددىي-ساددا، ئاق كۆڭۈل قوڭغۇراقچى تۇرغات موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادەت سىزنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#