شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 1978-يىلى قۇرۇلغان، ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بۆلۈمى « غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپ ئۇل ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپ»لىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
قىسقاتىلغان نامى 新疆师大(XJNU)
ئايرىمىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ
ئىنگىلىزچە نامى Xinjiang Normal University
خەنزۇچە نامى 新疆师范大学
قۇرۇلغان ۋاقتى 1978-يىلى
مەكتەپ تۈرى ئۇنىۋېرسىتېت
ئورنى جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىشىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 1978-يىلى 12-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بۆلۈمى «غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپ ئۇل ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپ»لىرىنىڭ بىرى. 1993-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى ھوقۇق بەرگەن ماگىستىر ئاسپىرانتى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، 2003-يىلى ھوقۇق بەرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى (موڭغۇل تىلى يېزىقى كەسپىدە موڭغۇل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ) قوللىنىلىدۇ. نۆۋەتتە تۈرلىرى تولۇق، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان مۇھىم بازا ھېسابلىندۇ. مەكتەپ قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر 20000 ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 180000 كۋادرات مېتىر، 39 تەجرىبىخانىسى بار، 600000 پارچە كىتاپ كۇتۇپخانىدا ساقلانماقتا. 

مەكتەپ ئاساسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پېداگوگىكا مەكتەپ

 1906-يىلىدىن 1978-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پېداگوگىكا مەكتەپ( ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-پېداگوگىكا)

شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بۆلۈمى

1972-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بۆلۈمى؛ 

1964-يىلدىن 1972-يىلغىچە ئۈرۈمچى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسىتېتى؛

7264-يىلدىن 1978-يىلغىچە شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بۆلۈمى؛

ئىككى مەكتەپنىڭ قوشۇلۇشى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى1978-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى 1- پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بۆلۈمى بىرلىشىپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان. 

تولۇق كۇرس كەسپى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىماركسىزم-لېنىنىزم نەزەرىيىسى تەربىيىسى، جۇڭگو قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقى(ئۇيغۇر)، ئاساسىي ماتېماتىكا، بوتانىكا، رايون جۇغراپىيىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىلەت مائارىپى تېخنىكىسى ئىلمى، ئىدىيىۋى سىياسىي مائارىپ، تەنتەربىيە مائارىپى، خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى، مۇزىكا، رەسىم، تارىخ، ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى(ئۇيغۇر، مۇڭغۇل ئەدبىياتى) ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ۋە تېخنىكىسى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق 18 تولۇق كۇرس كەسپى بار.

مەخسۇس كۇرس كەسىپى 

كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، كومپيۇتېرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنى ئاسراش، ئىقتىساد باشقۇرۇش، سودا ئىنگلىز تىلى، سودا رۇس تىلى، كاتىباتلىق قاتارلىق 11 كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقى ۋە قوللىنىشچان مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى بار. 

تەربىيە ئورگىنى

چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى، شۆبە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تەربىيە ئورگىنى بار.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 1999-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالتە كەسىپ، 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، 253 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە بىر ئوقۇتۇش بىناسى، بىر ياتاق بىناسىدىن تەرەققىي قىلىپ، 1447 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى، 746 نەپەر (پروفېسسور 34ەپەر، دوتسىنت 234 نەپەر) ئوقۇتقۇچىسى، 41 نەپەر ئاسپىرانت، 4543 نەپەر ئادەتتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى، 3670 نەپەر چوڭلار مائارىپى تولۇق مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى بار بولغان.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىشىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تەربىيىلەش مەركىزى مۇشۇ مەكتەپتە قۇرۇلغان. مەكتەپتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى تەتقىقات مەركىزى، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىيات تەتقىقاتى، ئېلىكترلەشكەن ئۇچۇر تېخنىكىسى، بوستانلىق تەتقىقاتى قاتارلىق تۆت تەتقىقات ئورنى بار. قوللىنىشچان خىمىيە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، دۆلەت زېمىن ئىقتىسادىي، دۇنخۇاڭ تۇرپان ئىلمىي، غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى، ئالىي مائارىپ، سىرتقا قارىتا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش، ئاسارە-ئەتىقىلەرنى رەتلەش، شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ھايۋانلىرى، فىزىكا ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى، مىللىي مۇزىكا، شىنجاڭ مىللىي مەكتەپ تەنتەربىيىسى قاتارلىق 13 تەتقىقات ئىشخانىسى بار. «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلىپ تارقىتىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. چەتئەللەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ ھەمدە خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلى كەسىپلىرىدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#