خۇشىمىن شەھىرى
خۇشىمىن شەھىرى ۋيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى. سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى. سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. خوشىمىن شەھىرى مېكوڭ دېلتىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سايگۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقى 80 كىلومېتردىن ئاشىدۇ. يەر مەيدانى 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ ئاھالىسى 3 مىليون 460 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . خوشىمىن شەھەر رايونى بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى كىچىك بىر كەنت بولۇپ «سايگون» دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى 11-ئايدا ۋيېتنام ھۆكۈمىتى شەھەر نامىنى ۋيېتنام خەلقىنىڭ داھىيىسى خۇشىمىننىڭ نامىغا «خۇشمىن شەھىرى» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. 1976-يىلى 7-ئايدا شىمال بىلەن جەنۇب بىرلەشكەندىن كېيىن خۇشىمىن دېگەن نام رەسمىي قوللىنىلىشقا باشلاندى. خۇشىمىن شەھىرى 18-ئەسىردىن باشلاپلا شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى مۇھىم پورت ۋە گۈرۈچ بازىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1932-يىلى بۇرۇنقى سايگۇن بىلەن تىئەن شەھەرلىرى بىرلىشىپ «سايگۇن-تىئەن بىرلەشمە رايونى» بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە جادىڭ شەھىرى قوشۇلۇپ، سايگۇن-تىئەن-جادىڭ بىرلەشمە رايونى ياكى چوڭ سايگۇن رايونىنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇشىمىن شەھىرى ۋيېتنامنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن ۋېيتنمام سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 5/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ۋېيتنامنىڭ مەركىزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر. بۇ جايدا ماشىنىسازلىق، سېمونت، كېمىسازلىق، شېكەر، توقۇمىچىلىق، تاماكا، شال ئاقلاش، خىش زاۋۇتى، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. خۇشىمىن شەھىرى ۋيېتنامنىڭ مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. دەريا سۈيى كۆتۈرۈلگەندە 20 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار شەھەر ئىچىگە كىرەلەيدۇ. خۇشىمىن شەھىرىدىن مېكوڭ دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار ئارقىلىق مېكوڭ دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار ئارقىلىق مېكوڭ دەرياسىغا ئۆتكىلى بولىدۇ. خۇشىمىن شەھىرىدىن ھەر تەرەپكە كەتكەن سۇ يوللىرى، تۆمۈريول، تاشيوللار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.