جاڭ زىجۇڭ

جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇشتا سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى ئاققۇچە ئېلىشقانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مۇشۇ قەھرىمانلار ئىچىدە ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ چىققان، جەڭ مەيدانلىرىدا قان تۆكۈپ، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بەرگەن بىر ئالىي گېنېرال بار، ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 33-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، گېنېرال پولكوۋنىك جاڭ زىجۇڭدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ زىجۇڭ
باشقا نامى 字荩臣,后改荩忱
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1891-يىل
كەسپى قوماندان
خەنزۇچە ئىسمى 张自忠
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىڭچىڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1940-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى تيەنجىن سىياسىي - قانۇن مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 

جاڭ زىجۇڭ (1891- 1940-يىللار) شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىڭچىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە، دۆلەتنىڭ ئاجىزلىشىپ جاھانگىرلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى قولىغا ئالغان. گېنېرال فېڭ يۈشياڭنىڭ قوشۇنىدا جەڭ تۆھپىسى بىلەن دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى شىمالىي جۇڭگونى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇتۇۋېلىشقا كىرىشكەندە، جاڭ زىجۇڭ قوشۇننى باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىفېڭ ئېغىزىدا ياپونىيە ئارمىيەسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، تۇنجى بولۇپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بايراق كۆتۈرگەن داڭلىق گېنېراللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 1938-يىلى  2-، 3-ئايلاردا، تەيئېرجۇاڭ ئۇرۇشى پارتلىغان، جاڭ زىجۇڭ قوشۇننى باشلاپ ياپون ئارمىيىسى ئىچىدە «پولات ئارمىيە» دەپ ئاتالغان بەيخېڭ دىۋىزىيەسىنى توسۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ، دۈشمەننىڭ ياردەمچى قوشۇنىنى توسۇپ 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇ يىلى9-ئايدا يەنە ۋۇخەن ئۇرۇشىدا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ، 33-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىغا، قوشۇمچە 5-جەڭ رايونى ئوڭ قانات بىڭتۇەنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قىسمى كۆپ قېتىم ياپون ئالۋاستىلىرىغا زەربە بېرىپ، مەشھۇر «شىمالىي خۇبېي چوڭ جېڭى» دە دۈشمەننىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان.

 1940-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا، ياپون ئالۋاستىلىرى  300 مىڭ ئەسكەر بىلەن خۇبېيغا تاجاۋۇز قىلغاندا، جاڭ زىجۇڭ بۇيرۇققا بىنائەن توسۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. جاڭ زىجۇڭ تولغاق بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ باشقا گېنېراللارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، جەڭگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلغان. ئۇ مۇئاۋىن باش قوماندان ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويۇپ، قوشۇننى باشلاپ شەرق تەرەپتە شېخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن بىلەن قان كېچىپ باتۇرلارچە جەڭ قىلغان. 5-ئاينىڭ  14-كۈنى، جاڭ زىجۇڭ ئىككى تۇەن ئەسكەرنى باشلاپ، مىڭلىغان ياپون ئالۋاستىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ نۇرغۇن دۈشمەننى يوقاتقان. كەسكىن جەڭ توققۇز كۈن داۋاملاشقان. ئەسكەرلەر يارىدار بولۇپ ئۆلۈپ تۈگىگەن، جاڭ زىجۇڭنىڭ يەتتە يېرىگە ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغان. ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۇنىڭ تىنىقى بارلىقىنى كۆرۈپ، مىلتىقنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىقماقچى بولغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز مىلتىقنىڭ نەيزىسىنى تۇتۇۋېلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى كۆزىنى دۈشمەنگە تىككىنىچە جان ئۈزگەن. . . بۇ جۇڭخۇا ئەزىمىتى ئەنە شۇنداق قۇربان بولغان.

جاڭ زىجۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى قۇراپ چىقىپ، ھەربىي ماتەم ئۆتكۈزۈپ، ھازا تاختىسىغا «جۇڭگولۇق كاتتا گېنېرال جاڭ زىجۇڭ» دەپ يازغان ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى خەنكۇغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. كېيىن، دۆلەت ئارمىيىسى ئىككى كېچە-كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ نەچچە يۈز ئادىمىنى يوقىتىپ، ئاخىر گېنېرال جاڭ زىجۇڭنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، چۇڭچىڭغا يۆتكەپ كېلىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. جاڭ زىجۇڭنىڭ نامىنى جۇڭخۇا زېمىنىدا مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن «زىجۇڭ يولى»، «زىجۇڭ مەكتىپى» دېگەن ناملارنى ئىشلەتكەن، خۇبېيدا يەنە «زىجۇڭ ناھىيەسى» تەسىس قىلىنغان.

جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇشتا سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى ئاققۇچە ئېلىشقانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مۇشۇ قەھرىمانلار ئىچىدە ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ چىققان، جەڭ مەيدانلىرىدا قان تۆكۈپ، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بەرگەن بىر ئالىي گېنېرال بار، ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە33-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، گېنېرال پولكوۋنىك جاڭ زىجۇڭدۇر.

جاڭ زىجۇڭ(1891 −1940-يىللار) شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىڭچىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە، دۆلەتنىڭ ئاجىزلىشىپ جاھانگىرلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى قولىغا ئالغان. گېنېرال فېڭ يۈشياڭنىڭ قوشۇنىدا جەڭ تۆھپىسى بىلەن دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى شىمالىي جۇڭگونى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇتۇۋېلىشقا كىرىشكەندە، جاڭ زىجۇڭ قوشۇننى باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىفېڭ ئېغىزىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، تۇنجى بولۇپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بايراق كۆتۈرگەن داڭلىق گېنېراللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1938

-يىلى2-، 3-ئايلاردا، تەيئېرجۇاڭ ئۇرۇشى پارتلىغان، جاڭ زىجۇڭ قوشۇننى باشلاپ ياپون ئارمىيىسى ئىچىدە «پولات ئارمىيە» دەپ ئاتالغان بەيخېڭ دىۋىزىيىسىنى توسۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ، دۈشمەننىڭ ياردەمچى قوشۇنىنى توسۇپ1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇ يىلى9-ئايدا يەنە ۋۇخەن ئۇرۇشىدا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ، 33-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، قوشۇمچە5-جەڭ رايونى ئوڭ قانات بىڭتۇەنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قىسمى كۆپ قېتىم ياپون ئالۋاستىلىرىغا زەربە بېرىپ، مەشھۇر «شىمالىي خۇبېي چوڭ جېڭى» دە دۈشمەننىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان. 1940 sfdf

-يىلى5-ئاينىڭ بېشىدا، ياپون ئالۋاستىلىرى300 مىڭ ئەسكەر بىلەن خۇبېيغا تاجاۋۇز قىلغاندا، جاڭ زىجۇڭ بۇيرۇققا بىنائەن توسۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. جاڭ زىجۇڭ تولغاق بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ باشقا گېنېراللارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، جەڭگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلغان. ئۇ مۇئاۋىن باش قوماندان ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويۇپ، قوشۇننى باشلاپ شەرق تەرەپتە شېخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن بىلەن قان كېچىپ باتۇرلارچە جەڭ قىلغان. 5-ئاينىڭ14-كۈنى، جاڭ زىجۇڭ ئىككى تۇەن ئەسكەرنى باشلاپ، مىڭلىغان ياپون ئالۋاستىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ نۇرغۇن دۈشمەننى يوقاتقان. كەسكىن جەڭ توققۇز كۈن داۋاملاشقان. ئەسكەرلەر يارىدار بولۇپ ئۆلۈپ تۈگىگەن، جاڭ زىجۇڭنىڭ يەتتە يېرىگە ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغان. ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۇنىڭ تىنىقى بارلىقىنى كۆرۈپ، مىلتىقنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىقماقچى بولغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز مىلتىقنىڭ نەيزىسىنى تۇتۇۋېلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى كۆزىنى دۈشمەنگە تىككىنىچە جان ئۈزگەن. . . بۇ جۇڭخۇا ئەزىمىتى ئەنە شۇنداق قۇربان بولغان.

جاڭ زىجۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى قۇراپ چىقىپ، ھەربىي ماتەم ئۆتكۈزۈپ، ھازا تاختىسىغا «جۇڭگولۇق كاتتا گېنېرال جاڭ زىجۇڭ» دەپ يازغان ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى خەنكۇغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. كېيىن، دۆلەت ئارمىيىسى ئىككى كېچە-كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ نەچچە يۈز ئادىمىنى يوقىتىپ، ئاخىر گېنېرال جاڭ زىجۇڭنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، چۇڭچىڭغا يۆتكەپ كېلىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. جاڭ زىجۇڭنىڭ نامىنى جۇڭخۇا زېمىنىدا مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن «زىجۇڭ يولى» ، «زىجۇڭ مەكتىپى» دېگەن ناملارنى ئىشلەتكەن، خۇبېيدا يەنە «زىجۇڭ ناھىيىسى» تەسىس قىلىنغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#