بالىمان

بالىمان

بالىمان-پۈتۈنلەي قومۇشتىن ياسىلىدىغان، تارىخى ئۇزۇن، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان يەللىك مىللىي چالغۇلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل يەرلىك مۇزىكا ئەسۋابى، ئۇ قۇرغان يەردە ئۆسكەن قومۇشتىن ياسىلىدۇ،

ئۇيغۇرچە نامى بالىمان
باشقا نامى بىلى، پىپى
ئۇزۇنلۇقى 28 ~ 34 سانتىمېتىر، قۇيرۇق ئۇچى سىرتقى دىئامېتىرى 1.2 سانتىمېتىر
خەنزۇچە نامى 巴拉曼
خەنزۇچە باشقا نامى 皮皮、毕毕、巴拉曼皮 皮

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىمانبالىمان-پۈتۈنلەي قومۇشتىن ياسىلىدىغان، تارىخى ئۇزۇن، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان يەللىك مىللىي چالغۇلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل يەرلىك مۇزىكا ئەسۋابى، ئۇ قۇرغان يەردە ئۆسكەن قومۇشتىن ياسىلىدۇ، سەككىز تۆشۈكلۈك، ئاۋازى يۇمشاق چىقىدۇ، ئاساسەن كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز، سۇ كەمچىل چۆل-ئېدىرلاردا ئۆسىدىغان بۇ غوللۇق ئۆسۈملۈك قومۇشتىن پايدىلىنىپ، ئوقيا ياساپ ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان؛ قومۇشنى يانجىپ، يالپاقلاپ بورا ياساپ، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزە (تورۇس) قىسىمىنى بورا ئارقىلىق ياپقان؛ يەنە قومۇشنى كېسىپ، بىر ئۇچىنى يالپاقلاپ پۈۋلەپ ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسىنى چىقىرىپ، بۇ بالىماندىن ئىبارەت قەدىمىي پۈۋلىمە چالغۇنى ياساپ چىققان.

بالىمان سۆزى ئادەتتە « قالۇنلار قامۇسى» دا «بىلى» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «پىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شەكلى 

بالىماننى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولسا، پۈۋلەيدىغان ئۇچ قىسمى ياپىلاقلانغان، توغرىسىغا قومۇش قىستۇرۇلغان، ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بار بولغان ھالەتتە. بالىماننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى نەيگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

بالىماننىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قومۇش بولۇپ، يەنى ئىچى قىسمى كاۋاك ئاق قومۇشتىن ياسىلىدۇ. بۇنداق قومۇشلار ئاساسەن چۆل–ئېدىر، سايلاردا، سازلىقلاردا كۆپ چىقىدۇ.

غول قىسمىنى تەييارلاش

ئاۋۋال ياخشى ئۆسكەن قومۇشنى كېسىپ ئېلىۋېلىپ قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇلغان، كېسىپ تاللىۋېلىنغان قومۇشنى 30 سانىتىمېتىر ئەتراپىدا تىغلىق قول پىچىقى ئارقىلىق كېسىپ بالىماننىڭ غول قىسمى تەييارلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن بالىماننىڭ غول قىسمى ئۈستى تەرىپىگە يەتتىدىن سەككىزگىچە تۆشۈك ئېچىلىدۇ. تۆشۈك ئادەتتە (بىگىز) قول ئۈشكىسى ئارقىلىق ياكى ئالتە مىللىمېتىر توملۇقىدىكى سىم ياكى تۆمۈرنى قىزىتىپ كۆيدۈرۈپ تۆشۈك ئېچىلىدۇ.

بالىماننىڭ غول قىسمىغا تۆشۈك ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، پۈۋلەش ئۇچى قىسمى قول پىچىقى ئارقىلىق قىرىپ ياپىلاقلىنىپ، تۈز ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.

تەڭشىگۈچ ياساش

ئۇندىن كېيىن قومۇشتىن پايدىلىنىپ بالىمان تەڭشىگۈچ ياسىلىدۇ. بالىمان تەڭشۈگۈچىمۇ قومۇشتىن ياسىلىدۇ.

تەڭشۈگۈچ ياسىلىدىغان قومۇشنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ، ئىككىگە پارچىلىنىدۇ. ئىككى تەرىپىنى قايتا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرىپىنى ئىنچىكە شوينا (يىپ) ئارقىلىق يۆگەپ چىگىش ئارقىلىق بالىمان تەڭشىگۈچى تەييارلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەڭشىگۈچ بالىماننىڭ پۈۋلەش قىسمىغا قىستۇرۇلىدۇ.

بىر تەرەپتىن پۈۋلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەڭشىگۈچ مۇۋاپىق ئاۋاز تۈسىگە كەلگەنگە قەدەر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بالىمانبالىماننىڭ چېلىش قانۇنىيىتى بولسا بىر تەرەپتىن پۈۋلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىمان ئۈستىدىكى تۆشۈكچىلەرنى بارماق بىلەن بېسىپ، نەيگە ئوخشاش چېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئوتتۇرا ئاۋاز تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بالىمان قومۇشىىڭ ياپىلاقلانغان ئۇچ قىسمى ئېغىزنىڭ پۈۋلەش كۈچى ئارقىلىق تىترىشىدىن ئاجايىپ ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇ خوتەن رايونىغا، بولۇپمۇ، لوپ ناھىيەسى گە كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، C1 ئاھاڭدىن G2 ئاھاڭغىچە بولىدۇ.

بالىمانرايونىمىز خوتەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چالغۇسى سۈپىتىدە، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق تۈر قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

گەرچە بالىمان تولىمۇ ئاددى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان چالغۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مۇڭلۇق كۈي ئاۋاز تۈسى بىلەن مىللىي چالغۇ سەنئىتىمىزدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ كېلۋاتىدۇ. بىراق ھازىر بالىمان چالىدىغانلار كۈنسېرى ئازىيىپ، بالىمان ياسايدىغانلارمۇ ساناقلىق ھالەتتە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#