بېرىنگ دېڭىزى

بېرىنگ دېڭىزى

بېرىنگ دېڭىزى  تىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكياندىكى چۇكوتكا دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بېرىنگ دېڭىزى
چەتئەلچە نامى Bering Sea
ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 1636 مېتىر
خەنزۇچە نامى 白令海
كۆلىمى 2،304،000 كۋادرات كىلومېتىر
ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇقى 4773 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېرىنگ دېڭىزىتىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكياندىكى چۇكوتكا دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي ئالىئوت ئاراللىرى ھەم كوماندىر ئاراللىرى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىدە ئا ق ش نىڭ ئالياسكا شتاتى، غەربىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كامچاتكا ئوبلاستى بار. دېڭىزنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 1500 كىلومېتر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 262 كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 1598 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 4773 مېترغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ غەربىدە ئانادىرون، كاراگىن، شەرقىدە نورتون، برىستول قولتۇقلىرى بار. دېڭىزدىكى چوڭراق ئاراللاردىن مۇقەددەس لاۋرېنتىيە، پىرىپلوۋا، نونىۋاك(يۇقىرىقى ئۈچ ئارال ئا ق ش غا قارايدۇ) ئاراللىرى بار. بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭراق دەرياللاردىن يوكون، ئانادېر دەريالىرى بار.

بېرىنگ دېڭىزى بېرىنگ دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى سۇبئارىتكىكا ئىقلىمىغا، جەنۇبى مۆتىدىل ئىقلىمغا كىرىدۇ. شىمالىي قىسمىدا فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23-، جەنۇبىدا ℃0 دىن ℃4-قا يېتىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ℃5 دىن ℃10 قىچە بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى شىمالدا 200-400 مىللىمېترغىچە، جەنۇبىدا 1500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. 

بۇ دېڭىزدا قاتناش ئەھمىيىتى چوڭراق بولغان پورتلاردىن سوېت ئىتتىپاقىدا پروۋىدېنىيە، ئا ق ش دا نوم قاتارلىق پورتلار بار. دېڭىزنىڭ نامى دېڭىزدا بىرىنچى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بېرىنگنىڭ نامىغا قويۇلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/15806.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#