خانقىز

 خانقىز بەدىنى خۇددى يېرىم شارچىغا ئوخشىشىدىغان غەلىتە ھاشارات بۇلۇپ كۆپىت يېيىش مۇتەخەسسىسى، كۆكپىت بولسا زىرائەتلەرنىڭ كۈشەندىسى، شۇڭا خانقىز پايدىلىق ھاشاراتقا كىرىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خانقىز
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى
ئائىلىسى نوگاي قوڭغۇزى ئائىلىسى
لاتىنچە نامى ladybird,ladybug
خەنزۇچە ئىسمى 瓢虫
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى قالقان قاناتلىقلار تۈركۈمى
تۈرى خانقىز
باشقا نامى ماي قوڭغۇز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خانقىز خانقىز بەدىنى خۇددى يېرىم شارچىغا ئوخشىشىدىغان غەلىتە ھاشارات بۇلۇپ كۆپىت يېيىش مۇتەخەسسىسى، كۆكپىت بولسا زىرائەتلەرنىڭ كۈشەندىسى، شۇڭا خانقىز پايدىلىق ھاشاراتقا كىرىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ھەممە خانقىزغا مۇنداق باھا بېرىشكە بولمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىنسانلارنىڭ دوستى بولسىمۇ زىرائەتلەرگە زىيان سالىدىغان ئاز ساندىكىلىرىمۇ بار.

خانقىزخانقىزنىڭ شەكلى يېرىم شار شەكلىدە بولۇپ، بېشى كىچىك، قانىتى قاتتىق، قانىتىنىڭ ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان ساندىكى چىكىتلىرى بۇلۇپ قانىتى ئىنچىكە، سىلىق ھەم پارقىراق بۇلۇپ خىللىرى كۆپ، رەڭگى ھەر خىل كېلىدۇ.

خانقىزدۇنيادىكى خانقىزلارنىڭ تۈرى 4000 خىلدىن ئاشىدۇ. خانقىز ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ پايدىلىق خانقىز ۋە زىيانلىق خانقىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن قانىتىنىڭ ئۈستىدىكى چىكىتلىرىگە قاراپ ئىككى چېكىتلىك، تۆت چېكىتلىك، يەتتە چېكىتلىك، توققۇز چېكىتلىك، 11 چىكىتلىك ۋە 28 چېكىتلىك خانقىز قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.   

كەنجى ئائىلىسىنىڭ تۈرلىرىدىن خانقىز كەنجى ئائىلىسى، قىزىل خانقىز كەنجى ئائىلىسى، كىچىك ئۇز خانقىز كەنجى ئائىلىسى، كاسكا كالپۇكلۇق خانقىز كەنجى ئائىلىسى، تۈكلۈك خانقىز كەنجى ئائىلىسى، ئۆسۈملۈكخورلار خانقىز كەنجى ئائىلىسى، ئويۇق كۆز خانقىز كەنجى ئائىلىسى، يوشۇرۇن پاقالچاق خانقىز كەنجى ئائىلىسى قاتارلىق كەنجى ئائىلە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

خانقىز بۇ خىل ھاشاراتلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زور كۆپچىلىكى كۆكپىت، سالجا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەپ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدا يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، دائىم ئۇچرايدىغان ئىككى چېكىتلىك ئادالىيە خانقىزى، يەتتە چېكىتلىك خانقىز ۋە چوڭ قىزىل ئۆتۈكچى قوڭغۇزلارنىڭ ھەممىسى كۆكپىت ۋە پوستلاق قۇرت (تراخېلوموناس) يوقىتىشقا ماھىر. ئەمما خانقىزلارنىڭمۇ زىيانلىقلىرى بار بۇلۇپ،  زىيانلىق خانقىزلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى 11 چىكىتلىك ئۆتۈكچى قوڭغۇز بىلەن 28 چېكىتلىك ئۆتۈكچى قوڭغۇز. ئۇلار زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى غاجىلاشقا ئامراق بولغاچقا، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

خانقىز ئۇنداقتا قايسىسىنىڭ پايدىلىق، قايسىسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ زوئولوگلار پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇنداق بىر ئاددىي ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن: ئومۇمەن قانىتى قاتتىق، ئىنچىكە، سىلىق ھەم پارقىراق بولسا، ئاساسەن پايدىلىق خانقىز ھېسابلىنىدىكەن. قانىتىنىڭ ئۈستىدە قويۇق يۇمشاق تۈكى بولسا، رەڭگى، چېكىتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆپىنچىسى زىيانلىق خانقىز ھېسابلىنىدىكەن.


بەدەن شەكلى كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ كۈشەندىسىدىن يوشۇرۇنۇش ۋە ئۇلارنى قوغلىۋېتىش چارىلىرى كۆپ. خانقىزمۇ ئەشەددىي كۈشەندىسىيە يولۇققاندا، يوشۇرۇنۇش چارىسىنى ئىشقا سالىدۇ.

بىرىنجى خىل چارىسى -ئۆلگەن بولۇۋېلىش. كۈشەندىسى ھۇجۇم قىلغاندا ياكى سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، خانقىز غەلىتە بىر خىل ھالەت-<<نېرۋىسى>> كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ خۇددى ئۆلۈك قۇرۇتتەك مىدىر-سىدىر قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ نېرۋاسېستىمىسى ئەسلىگە كېلىپ، يەنە ھوشىغا كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان كۈشەندىسى ئاللىغاچان كېتىپ قالىدۇ. 

خانقىز ئىككىنچى خىل چارىسى بولسا، سېسىق پۇرايدىغان سۇيۇقلۇق قۇيۇپ بېرىش. خانقىزنىڭ پۇت بۇغۇملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر خىل سېرىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، بۇ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ پۇرىقى سېسىق ھەم ئاچچىق بولۇپ، كۈشەندىلىرىنى بىئارام قىلىدۇ، ھەتتا ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يېيشكە ئامراق قۇشلارمۇ بۇ پۇراقنى پۇراپ قالسا بەدەر قاچىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/580/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#