بالىلار تىلى
بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرى بولغاندەك ئۆزىگە خاس بالىلىق تىلىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى، بالا تۇغۇلۇپ ئاددىي تىلى چىققۇچىلىك بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەقسەت-ھېسياتىنى يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، بۇ دەۋردە ئانا بولغۇچى بالىنىڭ يىغلاش ھالىتىگە قاراپ ھەرخىل پەرەزگە كېلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىپ بەزلەيدۇ، ئەركىلىتىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرى بولغاندەك ئۆزىگە خاس بالىلىق تىلىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى، بالا تۇغۇلۇپ ئاددىي تىلى چىققۇچىلىك بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەقسەت-ھېسياتىنى يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، بۇ دەۋردە ئانا بولغۇچى بالىنىڭ يىغلاش ھالىتىگە قاراپ ھەرخىل پەرەزگە كېلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىپ بەزلەيدۇ، ئەركىلىتىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلىق مېھرى ئۇقۇمى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغان. بىر قىسمى ھەرخىل قىياپەت-ھەرىكەت ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان، بەزىلىرى مەخسۇس ياسالغان، قېلىپلاشمىغان سۆزلەردىن بولۇپ، پەقەت بالىلارنىڭ ئاددىي تىلى چىقىش مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
مېڭىشقا تەقلىد قىلىنغان سۆزلەر
دەم-دەم، دەي-دەي، تەي-تەي(شۇڭا بالىنىڭ يېڭى ئايىغى چىققانلىقى «دەمدەم بولدى» دېيىلىدۇ) . بۇلاردىن باشقا پاكىزلىق، گۈزەللىك، ئۇقۇمى «ھاي-ھاي» ، مەينەت ئۇقۇمى «ھەلەق، ھىششە» ، قۇرقۇش ئۇقۇمى «بۆجۇ» «ھۈجۈ» ، ئاغرىق ئۇقۇمى «ئۈۋە-ئۈۋە» ، «ۋايجان-ۋايجان» ، يىقىلىپ كېتىش ئۇقۇمى «دۈڭ» ، «دۈم» ؛ ئۇخلاش ئۇقۇمى «ئۇخخا» ، «ئۇخخە» سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بالىلارنى ھەرخىل تىغ ئويناشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈنمۇ «پىخام بولماق» دېيىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.