ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

70-يىللىرىدا ئەنئەنىۋى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاندىنمۇ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان دەپ ئاتالدى. بۇ ئايروپىلان ئادەتتە تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

نامى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان
تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ئېغىرلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىش
ئىقتىدار ئۇچۇش قونۇش قولايلىق
سۈرئىتى 50-100كىلومېتىر/ سائەت
خەنزۇچە نامى 超轻型飞机
ئىشلىتىلىشى خەلق ئاۋىياتسىيە تۈرى
ئېغىرلىقى 115كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلانئېغىرلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا ، ئەڭ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان ، 70 - يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان . ئۇ يېنىك ئايروپىلان بىلەن بولان پەرقىدە قاتتىق بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمە يوق . ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان خەلق ئاۋىياتسىيە تۈرىگە تەۋە ، ئۇچۇش پائالىيىتى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ ، شوپۇرلۇق پىراۋىسى خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى تارقىتىدۇ ، ئىلتىماس قىلىش بىر قەدەر قىيىن . ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى ۋە ئاۋىياتسىيە كۇلۇبىدا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

ئېغىرلىقى

70-يىللىرىدا ئەنئەنىۋى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاندىنمۇ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان دەپ ئاتالدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشىلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 115 كىلوگىرامدىن، ئىككى كىشىلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 150 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلانئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ئادەتتە تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەيدەپ تەنتەربىيە نومۇرى كۆرسىتىشنى ياكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزى دۆلەتلەردە، ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، ئايروپورت، ئۇچۇش لىنىيەسى ھەمدە تاشيول، پىرىستان ۋە شەھەر-بازار قاتارلىق ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ سىرتىدا كۈندۈزى ئۇچقاندا ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ قورۇلمىسى ئاددىي، باھاسى ئەرزان، ھەيدەش ئاسان، بىخەتەر بولغاچقا، يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ئارقىلىق قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار، مەسىلەن، دېھقانچىلىق، يايلاق، ئورمانلىقلارنى چارلاش، قىسقا يوللۇق ياكى قاتناش شارائىتى ناچار رايونلاردا قاتناش قورالى قىلىپ ئىشلىتىلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ئارقىلىق قىلىنىدىغان بولدى. پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان تېخىمۇ يېنىك، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ، ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

http://baike.baidu.com/view/330624.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#