كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى

كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى

ھازىرقى زامان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئىچىدە كىچىك تىپتىكى بىر خىل يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، ئۇنىڭ تېزلىكى چوڭ تىپتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما ماشىنىلار ئىچىدىكى مىنىبۇسقا ئوخشاش، ئاران ئون نەچچە يولۇچىلا ئولتۇرالايدۇ. ئۇ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەردىكى ئاددىي ئۇچۇش يوللىرىدىمۇ ئۇچۇپ قونالايدۇ، شۇڭا «ھاۋادىكى مىنىبۇس» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى
خەنزۇچە نامى 小型客机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىھازىرقى زامان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئىچىدە كىچىك تىپتىكى بىر خىل يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، ئۇنىڭ تېزلىكى چوڭ تىپتىكى رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما ماشىنىلار ئىچىدىكى مىنىبۇسقا ئوخشاش، ئاران ئون نەچچە يولۇچىلا ئولتۇرالايدۇ. ئۇ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەردىكى ئاددىي ئۇچۇش يوللىرىدىمۇ ئۇچۇپ قونالايدۇ، شۇڭا «ھاۋادىكى مىنىبۇس» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ھاۋادىكى مىنىبۇسنىڭ «جۇغى» كىچىك بولسىمۇ، زامانىۋى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن قېلىشمايدۇ. بىر جۈپ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى20 مېتىرغا يەتمەيدۇ، ئايروپىلاننىڭ ئۆز ئېغىرلىقى15 توننىدىن ئاشمايدۇ، چوڭ تىپتىكى رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ ئاران ئون نەچچىدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. ئايروپىلان گەۋدىسىگە قىسقا ئۈچ شاسسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسىنى كۆرۈنەرلىك پاكارلاتقاچقا، ئايروپىلانغا چىقىپ چۈشۈش ئاپتوموبىلغا چىقىپ چۈشكەندەكلا قۇلاي.

كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىھاۋادىكى مىنىبۇسنىڭ سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 800 كىلومېترغا يەتسىمۇ، ئىلغار قارشىلىق ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە قارشىلىق تاختىسى قوللىنىلغاچقا، بىرەر كىلومېتىرچە ئۇچۇش يولى بولسىلا ئۇچۇپ قونالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شاسسىسى پۇختا ھەمدە پاكار بالۇن ئىشلىتىلگەچكە، ئايروپىلان ئېگىز-پەس يېزا ئۇچۇش يوللىرىدىمۇ بىخەتەر ئۇچۇپ قونالايدۇ. ئايروپىلاندا يەنە مۇكەممەل يول باشلاش-ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە رادارى قاتارلىقلار بولۇپ، ھاۋادىكى ئاپتوبۇس كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي، ھەرقانداق ھاۋا رايى شارائىتىدا بىخەتەر ۋە سىلىق ئۇچىدۇ. 

ھاۋادىكى مىنىبۇسقا نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى بىرىكمە ماتېرىياللار، يېڭىچە كۆنەكسىمان قۇرۇلما ئىشلىتىلگەچكە، ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى يېنىك، قۇرۇلما ئۆلچىمى كىچىك بولۇپ، بۆلمىسىنى چوڭ، ئورۇندۇقلىرىنى ئازادە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان. يولۇچىلار ئايروپىلاندا پەرداز قىلىپلا قالماي، قاتلىما ئۈستەل، سافالارنى ئېچىپ خىزمەت قىلالايدۇ، ئارام ئالالايدۇ، ھەتتا ھاۋا-يەر تېلېفونى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايلىرى بىلەن خالىغان چاغدا بىۋاسىتە ئالاقە قىلالايدۇ. 

ھاۋادىكى مىنىبۇسنىڭ ماي سەرپىياتى تۆۋەن، شاۋقۇنى ئاز بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى يولۇچىلار ئايروپىلانى قىلغاندىن باشقا، يەنە ھاۋادا مەشىق قىلدۇرۇش، يول باشلاش ۋە رادىئو ئېلېكترون ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى ئۇچۇش مەشىقلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#