ئاندېرسىن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاندېرسىننىڭ چۆچەكلىرى دېموكراتىك ئىدىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» ، «سەت ئۆردەك» ، «دەرۋازىۋەننىڭ ئوغلى» قاتارلىقلاردا ھەم نامرات كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن، ھەم ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، پاكلىقى قاتارلىق ئالىيجاناب پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن. «قار مەلىكە «قاتارلىقلاردا ئاپتورنىڭ ئىنسانلارنىڭ غايىسىگە بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسى، چىنلىق، پاكلىق، گۈزەللىكنىڭ ئاخىر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى ئىپادىلەنگەن. «باغۋەن بىلەن خوجايىن» دا بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە ۋەھشىي، ئاچ كۆز، ساختىپەز، ئەخمەق ئېكسپىلاتاتورلار بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار غەزەپ بىلەن قامچىلىنىپ، دىنىي جەمئىيەت روھانىيلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ خىلمۇخىل يامان ئىللەتلىرى پاش قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دە پادىشاھنىڭ ھاماقەتلىكى، ناقابىللىقى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەخسىكەشلىكى ئاچچىق ھەجۋىي قىلىنغان. «بۇلبۇل» ۋە «پۇرچاق ئۈستىدىكى مەلىكە» دە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نادانلىقى ۋە نازۇكلۇقى مەسخىرە قىلىنغان.
ئاندېرسىننىڭ چۆچەكلىرى ساددا، يېڭى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن قانداشلىقى كۈچلۈك. تىلى جانلىق، تەبىئىي، راۋان، گۈزەل، كۈچلۈك سەھرا پۇرىقىغا ئىگە، ئۇ ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ ھەم چوڭلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا لايىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى80 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. 1919-يىلى «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» خەزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن
«ئاندېرسىن چۆچەكلىرى توپلىمى» كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.