ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن بويىدىن ئاجراش

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قالغىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا بويىدىن ئاجرىماسلىق ھەمدە جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. ئىككى ئايغا يەتمىگەن بولسا ئۆلۈك ھامىلە دىيىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن بويىدىن ئاجراش
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەسلەپكى دەۋرلىك ھامىلىدارلىق بەلگىلىرى تۇيۇقسىز يوقىلىپ، بالىياتقۇ ھەجمى كىچىكلەيدۇ. جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان كېلىدۇ.

ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، بالىياتقۇ قىسقىراش ياخشى بولماسلىقتىن قاناش كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئېھتىيات قىلمىسا شۇك كىلىپ چىقىدۇ.

دىئاگنوزى

كىلىنكىلىق ئالامىتى ۋە ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە، شۇنداقلا قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. سۈيدۈك ئېلىپ ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى ئىشلىگەندە، مەنپى چىقىدۇ. فىبرىنوگىن كېمىيىپ كېتىدۇ. (نورمال قىممىتى 400 −200 مىللىگرام  بولىدۇ). B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە، ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى كۆرۈنمەيدۇ.

بالىياتقۇنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن فىبرىنوگىننى ئۆلچەش، ئوپىراتسىيە داۋامىدا كۆپ قان يوقىتىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىن ئېلىش لازىم. ئەگەر فىبرىنوگىننى ئۆلچەش شارائىتى بولمىسا، ۋىنادىن 5 مىللىتىر قان ئېلىپ، تەجرىبە نەيچىسىگە قويۇپ، 6 مىنۇت مىدىرلاتماي قويغاندا ئۇيىمىسا ياكى ئۇيىسىمۇ كاللەكلەشمىسە، يەنە بىر سائەت ئىچىدە ئېرىپ كەتسە، قان ئويۇش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش دەپ ئويلاپ، ئانار شەربىتى، قورسى كەھرىبا، شەربىتى ئەنجىباھار، قورىسى گۈلنار، ئانار گۈلقىنى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئەگەر ھامىلە ئۈچ ئايلىقتىن كىچىك بولسا، بالىياتقۇنى قىرىش ئوپىراتسىيىسى قىلىنىدۇ. بەزىدە بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ چىڭ چاپلىشىپ قالغانلىقتىن، ئوپراتسىيە قىيىنغا چۈشىدۇ. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ياخشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئوپىراتسىيە داۋامىدا ھۇشيار تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ھامىلە ئۈچ ئايلىقتىن چوڭ بولسا، مەجۇنى ئۇبھەل كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى ئۇبھەلنى سوقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. قۇندۇز قەھرى 3 گرام، پەرپىيۇن 1.5 گرام، ئىپار بىر گرام، پىلپىل 1.5 گرام ئېلىپ، شامچە تەييارلاپ، بالىياتقۇغا سېلىنىدۇ ئەگەر بالىياتقۇ بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، قان كەلمىسە ۋە يۇقۇملانمىغان بولسا، سۇ خالتىسى ئىشلىتىپ تۇغدۇرۇۋېتىش لازىم.

1. يېتىپ ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

2. ئوپىراتسىيىدە دېزىنفىكسىيىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

3. ئوپىراتسىيە مەشغۇلاتىغا دىققەت قىلىش ۋە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1196

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1196

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#