سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى بولسا ئاشقازان كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، ئاشقازان ئېچىشىش، زەرداب سۇ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر .

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئاشقازان
ئاساسلىق ئالامىتى ئاشقازان ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، ئاشقازان ئېچىشىش، زەرداب سۇ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش
خەنزۇچە نامى 慢性胃炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى Chronic gastritis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئاشقازان ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، ئاشقازان ئېچىشىش، زەرداب سۇ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش، ھەزىم بولۇش تەسرەك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاغرىش ئېغىرلىشىش، قەۋزىيەت بولۇش، قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: زىرە مۇدەببەر ئىككى گىرام، قارىمۇچ ئالتە گىرام، زەنجىۋىل، سۇزاپ يوپۇرمىقى سەككىز گىرامدىن، ئاق توغرىغا ئىككى گىرام، قېلىن دارچىن، قوۋزاقدارچىن، گۈلدارچىن، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، مەستىكى سەككىز گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. sfs

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىتەركىبى: قىزىلگۈل 250 گىرام، ئاقلانغان ئامىلە 70 گىرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، مۇدەببەر قىلىنغان خۇبسىلھەدىد 20 گىرام، سىماق 15 گىرام، پىستە پوستى، ئاپېلسىن پوستى، مەستىكى، نارمىشىك، ئوغرىتىكەن، دارچىن، قىزىل سەندەل، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە، گاۋزىبان گۈلى ھەربىرى 10 گىرامدىن، قەنت 1800 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خۇبسىلھەدىدنى مۇدەببەر قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىنىدۇ. خۇبسىلھەدىدنى سوقۇپ 10 كۈن سىركىگە چىلاپ، سېركىنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ، كېيىن سوغۇق سۇدا 15 قېتىم يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، دورىلار تالقىنىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قەنت قىيامىغا سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىچىلىدۇ (بالىلارغا مىقدارى ئازايتىلىدۇ. )

3-رېتسېپ

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىتەركىبى: لاچىندانە، قاقىلە، بەسباسە، دارچىن يەتتە گىرامدىن، زەنجىۋىل، پىلپىل تۆت گىرامدىن، تاباشىر، سازەج ھىندى، ئاپېلسىن پوستى ئىككى گىرامدىن، مەستىكى، ئەنبەر، زەپەر ئۈچ گىرامدىن، جويۇز سەككىز گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، مەرۋايىت ئۈچ گىرام، ھەسەل 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#