تۆمۈر مۇزلۇقى

تۆمۈر مۇزلۇقى

تۆمۈر چوققىسى مۇزلۇق رايونى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھازىرقى زامان مۇزلۇقنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىي 829 مۇزلۇق، بۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىز ئىچىدە 509 مۇزلۇق، مۇزلۇقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2746 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 

ئۇيغۇرچە نامى تۆمۈر مۇزلۇقى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
مۇزلۇقنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 2746 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 托木尔冰川
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.3 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۆمۈر مۇزلۇقىتۆمۈر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7443.8 مېتىر، تەڭرىتېغىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا. «تۆمۈر چوققىسى» ئۇيغۇر تىلى مەنىسى «تۆمۈر تاغ» بۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى تەڭرىتاغنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چىگرا ئىچىگە جايلاشقان. تەڭرىتېغى تاغ تىزمىسىنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن تەبىئىيلىكى ئۇنىۋېرسال قوغدىلىدىغان رايون.

مۇزلۇق چوققىسى قوغداش رايونى 4-ئەسىردىن بۇيان، يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق مۇز دەۋرى ئارىلىقتىكى مۇزلۇق. بىرقەدەر تىپىك مۇزارت دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، مۇز ئېراسىنىڭ ئىزنالىرى تېپىلغان. دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ رايونلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ تەتقىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تۆمۈر نارات تاغ مۇزلۇقى رايونىغا، تەڭرىتاغنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيا بويىچە داڭلىق تاغ مۇزلۇقى رايونىنىڭ بىرى. 

تۆمۈر چوققىسى رايونى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھازىرقى زامان مۇزلۇقنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىي 829 مۇزلۇق، بۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىز ئىچىدە 509 مۇزلۇق، مۇزلۇقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2746 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چىليەنشەن تېغى مۇزلۇق كۆلىمىنىڭ نىسبىتىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بولىدۇ، قار-مۇز زاپىسى 350 مىليارد كۇب مېتىر، جۇڭگو مۇزلۇق رايونلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تاغ مۇزلۇقلارنى نۇرغۇنلىغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەلىرى «تۆمۈر نارات تاغ جىلغىسى تىپىدىكى مۇزلۇق» دەپ ئاتىغان، بۇ خىلدىكى مۇزلۇقلار مۇزلۇق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %85 نى ئىگىلەيدۇ.

تۆمۈر مۇزلۇقىمۇزلۇقلار دائىم تېرموكارست ھادىسىسىگە ئوخشاش، چوڭقۇر چۈشەنمەك تەس بولغان مۇز كۆل، نەچچە يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مۇز يېرىقى، يەنە سۇس كۆك، يېشىل مۇز ئېرىمە غار، مۇز موگۇ مۇز ئاستى ئېقىنى قاتارلىق ئاجايىپ يېتىلگەن مۇزلۇق بولۇپ، زور مىقداردىكى مۇزلۇق سۇلىرى چوققا ئۇچىدىكى مۇز ئۆڭكۈر ئېقىنىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. تاغنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان بۇلۇپ، بەزىدە بىپايان سۈزۈك ئاسماندا تۇيۇقسىز «گۈلدۈرماما» چېقىپ ئاسماننى بىر ئالىدۇ. قار توزانلىرى تۈرۈلۈپ تۆۋەنگە ئېقىپ، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى كەلگەن قارلارنى قوزغاپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بۇ قار كۆچكۈنى دىيىلىدۇ. 

2005-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي رەت تەرتىپى بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان، مەملىكەت بويىچە 34 كۆپ ۋاستە ھەمكارلاشقان «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي» نى باھالاش پائالىيىتى سەككىز ئاي داۋاملاشتۇرۇپ «مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى»، «كۆپ ۋاستە-قۇرۇلتىيى گۇرۇپپىسى» بىلەن «تور يانفون مىجەزى گۇرۇپپىسى» ئۈچ خىل باھالاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «ئاخبارات گۇرۇپپىسى» بىلەن «مىجەزى گۇرۇپپىسى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بېلەت تاشلاش ۋە تورداش، يانفون ئابونت بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلار 12 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تۆمۈر مۇزلۇقىھالبۇكى، جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى «مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى» مۇكاپاتىنى ئۆزگىچە ھالەتتە كۈچلۈك يولغا قويۇپ، تاغ، كۆل، ئورمانلىق، ئوتلاق، قۇملۇق، يارداڭ يەر شەكلى، دېڭىز ئارىلى، دېڭىز قىرغىقى، شاقىراتما، مۇزلۇق، مۇز تاغ، جىلغا، شەھەر ئىچى رايونى، يېزا-كەنت قەدىمىي بازىرى، ساياھەت رايونى، سازلىق نەم يەر قاتارلىق 15 تۈرگە بۆلگەن. بۇلار ئىچىدە، تۆمۈر چوققىسى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە چوڭ مۇزلۇق، مۇز تاغلارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

تۆمۈر مۇزلۇقىشىنجاڭ تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە. جۇغراپىيەلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان ˊ50°79~ˊ54°80، شىمالىي كەڭلىك ˊ40°41 ~ˊ04°42، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپىغا تەۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى. تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 105 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 28 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 23.76 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. شىنجاڭ تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 1980-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 2003-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#