ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگەن كېڭەش ئەزاسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامېرىكىنىڭ تىكساس شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى مىككى مىككوئول 1972-يىلى 6-ئايدا، روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا كېتىدىغان زور مىقدار پۇلنىڭ خامچوتى ھەققىدە 42 سائەت 3 مىنۇت سۆز قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ سەنيىيۇەنلەر تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگىنى ئارىگون شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋايېنې مورسى بولۇپ، ئۇ، 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى چاۋشى نېفىتلىكىنىڭ قانۇن لايىھىسى ھەققىدە 22 سائەت 26 مىنۇت سۆزلىگەن. بۇ ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ ئورنىغا قايتىپ بارمىغان.
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولنا شتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ستروم چۇرموند 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 28-, 29-كۈنلىرى خەلق ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى توغرىسىدا 24 سائەت 19 مىنۇت سۆزلىگەن. بۇ ئارىلىقتا بىر يېڭى كېڭەش ئەزاسىنىڭ قىسقا ۋاقىت قەسەم بېرىش تۈپەيلىدىن بىردەم توختاشقا مەجبۇر بولغان.
كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن سۆزلىشى ئەمەلىيەتتە كېڭەش كۈن تەرتىپىگە توسالغۇلۇق قىلغانلىقى ئىكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.