شوخلا دۈملىمىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق يالپاقلاپ توغراپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ پىششىق گۈرۈچ، تۇز، سوققان زىرە ۋە قارىمۇچ، ئۇششاق توغرالغان پىياز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
2. قىپقىزىل پىشقان 35 گرام چوڭلۇقتىكى شوخلىلارنى تاللاپ ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، بېغىش تەرىپىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ كېسىلگەن جايدىن ئىچىدىكى ئۇرۇق-شەرۋەتلىرىنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ(شوخلىنىڭ تېرىسىنى بۇزماي) ، ئۇنىڭ ئىچىگە تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىنىدۇ.
3. مانتا قازىنىنىڭ سۇ تۇرىدىغان يېرىگە ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، گۆشتىن ئاجرالغان سۆڭەك، شوخلىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۇرۇق-شەرۋەتلىرىنى سېلىپ قورۇپ تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قىيما سېلىپ تەييارلانغان شوخلىلارنى ئوچۇق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ جىمبىلگە تىزىپ، قايناۋاتقان شورپا ئۈستىگە قويۇپ، 20~25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقاندا لېگەن ياكى تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ، شورپىنى ئايرىم قاچىلارغا ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. پەمىدۇرلارنى يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، دۈملەپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.