قارشىلىق

قارشىلىق

قارشىلىقنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئوم. قارشىلىق (电阻,Resistor) ئادەتتە توك يولىدا كۆپ قوللىنىدىغان دېتال بولۇپ، ئسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى (as it’s name ,so is it) ئۇ توك ئوتۇشىگە قارشىلىق قىلىدىغان بىرخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى قارشىلىق
چەتئەلچە نامى Obstruction;Resistance
خەنزۇچە نامى 阻力
تەۋە پەن تۈرى فىزىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارشىلىققارشىلىق: جىسىم ئىچىدىكى ئىلىكتىرونلار تەرتىپلىك ئاققان چاغدا، ئاتوم يادىروسىنىڭ ئىلىكتىروننى تارتىش كۈچىنى يىڭىشقا توغرا كىلدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مولىكۇلىلارغا، ئاتۇملارغا ئۈزلىكسىز سوقۇلىشىدىن ھاسىل بولغان توسقۇنلۇقنىمۇ يېڭىشقا توغرا كىلىدۇ. ئىلىكتىرونلار جىسىمنىڭ ئىچىدە تەرتىپلىك ئاققاندا ئۇچرىغان قارشىلىق كۈچى ئېلېكتىر قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ R ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىلكتىر قارشىلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى «ئېلېكتىر قارشىلىق قىممىتى» ياكى قارشىلىق قىممىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

قارشىلىقنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ئوم. قارشىلىق (电阻,Resistor) ئادەتتە توك يولىدا كۆپ قوللىنىدىغان دېتال بولۇپ، ئسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى (as it’s name ,so is it) ئۇ توك ئوتۇشىگە قارشىلىق قىلىدىغان بىرخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە. يەنى توك بولسا زەرەتلەرنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى، قارشىلىق بولسا مۇشۇ زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان فىزىكىلىق مىقدار.

ئادەتتە، توك يولىدىكى قارشىلىق ئومومى سايمانلار (توك يولىغا بېكىتىلگەن ئومومىي ماتىرياللار) سانىنىڭ  %30 نى ئىگەللەيدۇ. قارشىلىق توك يولىدا توك بىسىمى ۋە توك كۇچى (توك ئىقىمى) نى چەكلىش، يەنى بىسىم تۆۋەنلىتىش، توك كۇچىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. قارشىلىقنىڭ بىرلىكى ئوم Ω (欧姆)، توك يولىدا R ( Resistor ) بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە بىر مىگا ئوم = بىر مىڭ كىلو ئوم = بىر مىليۇن ئوم بويىچە ھىسابلىنىدۇ.

ئادەتتە ئشلەتكەن ماتېريالىغا ئاساسەن، ئورام قارشىلىق (سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ) ۋە پەردىلەنگەن قارشىلىق (膜式电阻، film resistor) (يەنى ئوخشىمىغان فىزىلىك خۇسۇسىيەتتىكى ماددىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلىدۇ).

ئشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، نازۇك قارشىلىق (ئشلەپچىقىرىش ھۇنەر سەنئىتى ناھايتى سىپتا، نازۇكلۇق بىلەن ئشلەنگەن قارشىلىقلار)، يۇقرى چاستۇتىلىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى چاستۇتىلىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق)، يۇقرى بىسىملىق قارشىلىق (يەنى يۇقرى بىسىملىق توك ئۆتۇشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قارشىلىق)، چوڭ قۇۋەتلىك قارشىلىق (مەسىلەن 5W لىق لامپا،پوزا)،كىچىك قۇۋەتلىك قارشىلىق، ئسسىقلىققا سەزگۇر قارشىلىق (يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق)، ئھتىيات قارشىلىق (يەنى ئھتىيات سىمى ئورنىدا ئشلەتكىلى بولىدىغان قارشىلىق)، بىسىمغا سەزگۇر قارشىلىق، يورۇقلۇققا سەزگۇر قارشىلىق ۋە گازغا سەزگۇر قارشىلىق دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ.

قارشىلىققارشىلىقنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ، كاربون پەردىلىك (كاربون )قارشىلىق، مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق، ئورام قارشىلىق، توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق، پۇتسىز (چاپلايدىغان ) قارشىلىق، تەڭشىلىدىغان قارشىلىق، ئسسىقلىققا سەزگۈر قارشىلىق، بىسىمغا سەزگۈر قارشىلىق قاتارلىق تۈرلىرى بار. 

كاربون پەردىلىك (كاربون) قارشىلىق 

كاربون پەردىلىك (كاربون) قارشىلىق (碳膜电阻 Carbon film resistor). كاربون پەردىلىك قارشىلىق بۇرۇن ئشلىتىلگەن ھەم ئشلىتىش دائىرسى بىر ئاز كەڭرەك بولغان قارشىلىق بولۇپ، ئادەتتە كاربوننى فار فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ ،يالىتىلغان كاربون قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قىلىنلىقىغا ئاساسەن قارشىلىق قىممىتى بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇغىرلىقى يۇقرى (准确度高)، يۇقرى چاستۇتا (耐高频)، يۇقرى تىمپىراتۇرغا چىداملىقلىقى ياخشى، ئادەتتە ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئۇسكىنىلەرگە ئشلىتىلىدۇ؛

مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق

مىتال ئوكسىدلىق پەردىلەنگەن قارشىلىق (金属氧化膜电阻 Metal Oxide Film Resistor) بۇخىل قارشىلىق ئادەتتە مىتال ئوكسىد پەردىنى فار-فۇر ئۇستىگە يالىتىش ياكى قوندۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، توغىرلىقى يۇقرى، مۇقملىقى ياخشى. تاشقى كۆرۇنىشى كاربون پەردىلىك قارشىلىقتىن كۆپ پەرىق قىلمايدۇ؛

ئورام قارشىلىق

ئورام قارشىلىق (绕线电阻 Winding resistor) سىمنى زىچ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىدۇ؛

توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق

توپلاشتۇرۇلغان قارشىلىق (集成电阻 Integrated resistor) توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ ، ئشلىتىش قولاي، ھەرخىل قارشىلىق قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ؛

پۇتسىز (چاپلايدىغان) قارشىلىق

پۇتسىز (چاپلايدىغان) قارشىلىق (无引线电阻) بۇمۇ بىر خىل يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ، بىۋاستە توك تاختىسىغا داغماللاپ قويۇلىدۇ، ھەجىمى كېچىك بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى؛

تەڭشىلىدىغان قارشىلىق

تەڭشىلىدىغان قارشىلىق ياكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىق ۋە ياكى پوتنىسئومىتىر可调电阻,电位器,Potentiometer,VR,Variable Resistor؛

ئسسىقلىققا سەزگۈر قارشىلىق

ئسسىقلىققا سەزگۈر قارشىلىق: (热敏电阻) يەنى تىمپىراتۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق؛

بېسىمغا سەزگۈر قارشىلىق

بېسىمغا سەزگۈر قارشىلىق: يەنى بىسىم كۇچنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قارشىلىق قىممىتى ئۆزگىرىپ بارىدىغان قارشىلىق، بەزى سېزمچان ئكران ئشلىتىلگەن يانفۇنلارنىڭ بەزىسى ئېكرانغا بىسىمغا سەزگۈر قارشىلىق تېخىنىكىسى قوللىنىلغان.

قارشىلىقتا ئىككى مۇقىم نۇقتا بار بۇلۇپ، يەنى: قارشىلىق قىمممىتى، قۇۋەت سانى.

قارشىلىقىنى ئوقۇش يەنى قارشىلىنىڭ قىممىتىنى بىلىش، ئادەتتە قارشىلىق قىممىتى تۆۋەندىكى ئۇچ خىل ئۇسۇلدا خاتىرلىنىدۇ.

بىۋاستە قارشىلىق ئۇستىگە يېزىش

بىۋاستە قارشىلىق ئۇستىگە يېزىلىپ قويۇلىدۇ، ئاساسلىقى كونىراق توك سايمانلىرىدا كۆپرەك كۆرۇلىدۇ، 30-40 يىلنىڭ ئالدىدىكى جىڭ سايمانلاردا بولىدۇ. بىۋاستە ئوقۇشقا بولىدۇ.

رەڭ بەلباغلىرى بىلەن ئپادىلەش

رەڭ بەلباغلىرى بىلەن ئپادىلىنىدۇ، تۆۋەندىكى جەدىۋەل بويىچە ھىسابلىنىدۇ. يەنى 4خىل رەڭلىك قارشىلىقلاردا ئوڭدىن باشلاپ بىرىنچى ۋە ئككىنچى رەڭگە ماس كېلىدىغان سان قوشۇپ يىزىلىپ، ئۇچىنچى خانىسىدىكى سان ئوننىڭ دەرىجىلىك سانى بويىچە كۆپەيتىپ ھىسابلىنىدۇ، ئاخىرقى خانىسى خاتالىق پەرقى بولىدۇ. مەسىلەن : مەلۇم قارشىلىقىنىڭ رەڭگى قىزل، يىشىل، سىرىق،ئالتۇن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارشىلىق قىممىتى %5± 104x25 يەنى ئككىيۇز ئەللىك مىڭ ئوم قوشۇلغان ياكى ئېلىنغان خاتالىق پەرقى بولىدۇ 2.1 ئەگەر بەش خىل رەڭلك قارشىلىق بولۇپ قالسا، بىرىنچى، ئككىنچى، ئۇچىنچى خانىسىنى ئۇلاپ يېزىپ، تۆتىنچى خانىسىدىكى سان ئوننىڭ دەرىجىلىك سانى بويىچە كۆپەيتىپ ھىسابلىنىدۇ، ئاخىرقى خانىسى خاتالىق پەرقى بولىدۇ. مەسىلەن مەلۇم قارشىلىقنىڭ رەڭ بەلبىغى ئاق،كۆك،قارا، كۇلرەڭ، قىزىل بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىممىتى %2± 108x960 بولىدۇ.

ھېسابلاپ ئوقۇش ئۇسۇلى

قارشىلىقھىسابلاپ ئوقۇش ئۇسۇلى : كۆپچىلىككە مەلۇملۇق بولغۇنىدەك، رەڭ بەلبىغى بىلەن ئوقۇش ئۇسۇلى بىرئاز تەس، رەڭلەرنىڭ تەرتىۋىنى ئەستە تۇتماق قىيىن، بولۇپمۇ ماۋۇ كىيىن دۇنياغا كەلگەن پۇتسىز قارشىلىقنىڭ جىسمى بەك كېچىك بولغاچقا، يەنى چوڭلىرى بۇغدايدەك، كىچىكلىرى كۇنجۇتتەك، تىخىمۇ كىچىكلىرىنى لوپا ئەينەك ياكى مىكروسكوپ كۆرۇشكە توغرا كېلىدىغىنى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۇستىگە رەڭلەرنى سىزىش ياكى بېسىش ئەپسىز بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا قارشىلىق قىممىتى بىۋاستە يېزىپ قويۇلىدۇ مەسىلەن 123، بۇدېگىنى 12 كۆپەيتىلگەن ئوننىڭ 3-دەرىجىسى دېگەن گەپ يەنى 12 مىڭ ئوم بولىدۇ (ھە راس ما دەرىجە دېگەننى بىلمىسەڭلار شۇ ساننىڭ كەينىگە قانچە دەرىجە بولسا شۇنچە نۆل قويۇپ ھىسابلىساڭلارمۇ بولىدۇ)، يەنى ئاخىرقى رەقەم ئوننىڭ دەرىجە سانىنى بىلدۇرىدۇ. مەسىلەن 104، بۇ يۇزمىڭ ئوم ياكى يۇز كىلو ئوم دېگەننى بىلدۇرىدۇ. 220 بولسا 22 ئوم دېگەننى بىلدۇرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#