iPhone 5
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامېرىكا ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي يانفون iphone 5 نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئالما يانفونلىرى بىلەن كۆرىنەرلىك بولغان پەرقى ئېكرانى چوڭراق بولۇپ، يانفۇننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى نېپىزلىتىلگەن. 2012-يىلى 9-ئاي 21-كۈنى (شىياڭگاڭ) بازارغا سېلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.
ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا يېڭى مەھسۇلاتنى تارقىتىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يانفون iphone 5 نى چىقارغان. ئالما شىركىتىنىڭ ئاش ئىجرائىيە مۇدىرى تىم كۇك يېڭى iphone نىڭ ئىسمىنى iphone 5 دەپ ئېلان قىلغان، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالدىن زاكاسلارنى قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا، شىياڭگاڭ قاتارلىق توققۇز دۆلەت ۋە رايوندا سېتىشنى باشلىدى، ئۇنىڭ 16GB، 32GB، 64GB دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئىككى يىللىق پۈتۈشكەن باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 119 ئامېرىكا دوللىرى، 299 ئامېرىكا دوللىرى، 399 ئامېرىكا دوللىرى.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالما شىركىتى iPhone 5s ۋە iPhone 5c نى چىقارغاندىن كېيىن iphone 5 نى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يانغوننىڭ تىپى: 4G يانفون، ئەقلىي يانفون، رەسىمگە تارتىدىغان يانفون.
ئاساسىي ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: 640×1136 پىكسېل.
سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS، CDMA 1X، EVDO rev.A.
قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى: 2G: GSM 850/900/1800/19003G :CDMA EVDO 800/1900 4G: LTE-TD 700.
iphone 5ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر بىردە)، ئالما شىركىتى iphone 5 نى ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچتى. ئالما شىركىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا iphone 5، يېڭى بىر ئەۋلاد iPod، iTouch قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن دېرىكتورى Phil Schiller كۆپچىلىككە iphone 5 نى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا نىشانلىق بايلىقنى باشقۇرۇش شىركىتى (Destination Wealth Management) نىڭ باش ئجرائىيە مۇدىرى مىكائېل يوشىكامى (Michael Yoshikami) «iphone 5كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرالمىدى، چۈنكى بۈگۈنكى ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلەر پەقەت يېڭىلانغان مەھسۇلاتنىلا كۆردى، ئىسلاھات قىلىنغان نەرسىنى كۆرمىدى. بىراق مەن ئۇلارنى ئىستىمالچىلارنى رازى قىلىشقا تىرىشتى دەپ قارايمەن» دېگەن.
KPCB نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى Matt Murphy باھا بېرىپ «ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلالايدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقاردى، بۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان مەھسۇلات» دېگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.