ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى

ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى

2015-يىللىق گېرمانىيە «رەقەملەشكەن ئىقتىساد»نى باش تېما قىلغان خاننوۋېر ئالاقە ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلدى. ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ بەرپاچىسى ما يۈن مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىگەن بىردىنبىر كارخانىچى. ما يۈن بۇ نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىباب، ئىخچام تىللار بىلەن بايان قىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى
ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
سۆزلىگۈچى ما يۈن
باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 马云德国汉诺威博览会演讲
خەنزۇچە نامى 马云在德国的演讲
ئورنى گېرمانىيە
باشقا نامى ما يۈننىڭ گېرمانىيە خانوۋېر يەرمەنكىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقىھۆرمەتلىك زۇڭلى مېركېل، مۇئاۋىن زۇڭلى ما كەي، خانىملار، ئەپەندىلەر، كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر!

بۈگۈنكى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن.

14 يىللار ئىلگىرى، مەن تۇنجى قېتىم خاننوۋېرغا كەلگىنىمدە، بىز بىر كىچىككىنە يايما ئورنىنى ئىجارە ئېلىپ، جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە، ياۋروپاغا ساتقانىدۇق. شۇ چاغدا يايما ئورنىنى خېلى ئۇزاقتا تاپقان بولساقمۇ، ئەمما خاننوۋېر ھازىرقىدەك بۇنداق ئاۋاتلاشمىغانىدى.

يايما ئىزدەش جەريانى بەك تەسكە توختىدى، ئاخىرىدا بىز ئاران دېگەندە بىر كىچىك يايما ئورنىنى تاپقانىدۇق، ئەمما ئادەملەر ئانچە بەك نەزەر سېلىپ كەتمەيتتى.

سەككىز يىل ئىلگىرى، بىز يەنە كەلدۇق. بىز بارلىق كۆرگەزمە قاتناشچىلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى تورغا يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ نەرسە-كېركلىرىنى ئالى بابا تورىدا سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈمىدىدە بولدۇق، ئەمما بۇمۇ ئۇتۇقلۇق بولمىدى. چۈنكى شۇ چاغدا كىشىلەر تور سودىسى ۋە سودا يەرمەنكىسىنى ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.

بۈگۈن مەن يەنە كەلدىم. مەن قايتا كېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىنتېرنېت ئىقتىسادى كەم بولۇشتەك ئاشۇ بىر بۆلەكنى تېپىشتىن ئىبارەت. ئىلگىرىكى 20 يىلدا، ئىنتېرنېت ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولدى، ئەمما مەن بىر ئىنتايىن غەلىتە ئىشنى بايقىدىمكى، ئۈچ يىلغىچە ساغلام، مۇقىم جان كەچۈرەلەيدىغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرى تولىمۇ ئازكەن.

بۇ نۇرغۇن ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ پەقەت «شېرىن كۈنى»، «شېرىن ھەپتىسى»لا بارلىقىدىن دېرەك بەردى، ئۇلارنىڭ ھەتتا «شېرىن ئېيى»مۇ يوق ئىدى. مەسىلە قەيەردە؟ نېمە كەم؟ مەن كەم بولۇۋاتقان ئاشۇ نەرسىنى ياۋروپادىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

 نېمە؟

سىز نېمىنى ياخشى كۆرۈشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئىلگىرىكى 20 يىلدا ئىنتېرنېت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ھەربىر ئادەم ئىنتېرنېتنىڭ دۇنياغا ئۇلۇغ تۆھپىلەرنن قوشالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. ئەمما نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كارخانىلار ئىنتېرنېتتىن بىزار، چۈنكى ئىنتېرنېت ئۇلارنىڭ سودىسىنى يوق قىلغانىدى.

ئەمما نېمىشقا ئىنترنېت شىركەتلىرى غەمدە قالىدۇ؟ سىز Google، Facebook، ئامازۇن، ebay ۋە ئالى بابالارغا قاراپ بېقىڭ، بىزمۇ كۈندە دېگۈدەك ئەنسىرەپ ئولتۇرىمىز. بىز بۇ يەردە چوقۇم بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز چوقۇم بىر ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ، بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزنىمۇ Benz، Siemens لاردەك ئۇزاق مۇددەت، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز زۆرۈر.

ناۋادا بىر كەسىپ ئۈچ يىلغىچە بەرداشلىق بېرەلمىسە، ناۋادا بارلىق شىركەتلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشالمىسا، ئۇنداقتا بۇ كەسىپ مەڭگۈ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالمايدۇ، بۇ كەسىپ مەڭگۈ ئىقتىسادتا چوڭقۇر يىلتىز تارتالمايدۇ، شۇڭا بىز قانداق قىلغاندا ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپالايمىز؟

دۇنيا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرماقتا، بىزنىڭ بۈگۈنكى تېخنىكا تەرەققىياتىمىز ئىنتايىن تېز بولماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر نېمىنىڭ ئۇچۇر كەسپى (I T)، نېمىنىڭ ئىنتېرنېت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى پەقەت بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان تېخنىكىلا خالاس، ئەمما كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل دۇنيا شەكلىگە مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.

بىز دۇنيانىڭ 30 يىلدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىز رەقەملەشتۈرۈشنىڭ 30 يىلدىن كېيىن قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما بىز پۈتۈن دۇنياندا 30 يىلدىن كېيىن غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ناۋادا تۇنجى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئازاد قىلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى تېخنىكا ئىنقىلابى ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئازاد قىلدى.

كەلگۈسى دۇنيادا، بىز نېفىتنى قوزغىتىپ ئولتۇرمايمىز، ئەمما سانلىق مەلۇماتلارنى قوزغىتىمىز، كەلگۈسى دۇنيادا سودا B2C شەكلىدە ئەمەس، C2B شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئابونتلار كارخانىنى ئۆزگەرتسىمۇ، ئەكسىچە كارخانىلار ئابونتلارغا سېتىپ چىقىرىدۇ، چۈنكى بىزدە زور مىقدارىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بولىدۇ. ياساش سودىگەرلىرى چوقۇم خاسلىشىشى كېرەك، بولمىسا ئۇلارنىڭ كۈنى تەس.

كەلگۈسى دۇنيادا، بارلىق ياساش سودىگەرلىرى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇ ماشىنىلار پەقەت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، يەنە گەپ قىلالىشى، تەپەككۇر قىلالىشى كېرەك. ماشىنىلار ئۇ چاغدا نېفىت ۋە توك بىلەن ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ماشىنىلارغا سانلىق مەلۇماتلار جان بېرىدۇ.

كەلگۈسى دۇنيادا، كارخانىلار كۆلەمگە ئېتىبار بەرمەيدىغان بولىدۇ، كارخانىلار ئۆلچەملىشىش ۋە ھوقۇق كۈچىگە ئېتىبار بەرمەيدىغان بولىدۇ، ئۇلار پەقەت جانلىقلىق، چاققانلىق، خاسلىق ۋە خېرىدارلارنىڭ دوستانىلىقىغا ئېتىبار بېرىدىغان بولىدۇ.

ئەمما مەن كەلگۈسى دۇنيادا بىزنىڭ نۇرغۇن ئايال يولباشچىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، چۈنكى كەلگۈسىدە كىشىلەر پەقەت بىلەكنىڭ كۈچىدىن ئەقىل-پاراسەت، كۆيۈنۈش ۋە مەسئۇلىيەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ.

مېنىڭچە، ئىنتېرنېت چوقۇم ئۆزىنىڭ ئاشۇ كەم تەرىپىنى تېپىشى كېرەك. بۇ كەم تەرەپ مائۇس بىلەن سېمونتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىر ئامال تېپىپ ئىنتېرنېت ئىقتىسادى ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پەقەت مائۇس بىلەن سېمونت بىرلەشكەندىلا، ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ئاندىن ياشىيالايدۇ، 30 يىل جان باقالايدۇ.

ناۋادا بۇ خىل بىرلىشىش رېئالىققا ئايلانسا، ئۇنداقتا ئۇ رەقەملەشكەن دەۋر دېيىلىدۇ. پەقەتلا رەقەملىك ئىقتىسادلا، مەن ئۇنى رەقەملىك ئىقتىساد دەپ ئاتىدىم، بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئىنتايىن گۈزەل بولىدىغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، رىقابەتچانلىقنىڭمۇ ئىنتايىن مول بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. «ئالما»دەك مۇشۇنداق شىركەتلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىر خىل نەرسە بار، ئۇ ماشىنىلاردا ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈيدۇ، ئۇ دەل سانلىق مەلۇماتتۇر.

بىز بىر يېڭىلىق يارىتىشقا، يۈكسەك ئىرادىگە، كەشپىياتقا ۋە ئىجادىيلىققا تولغان ئۇلۇغ دەۋردە ياشىماقتىمىز، مەن ھەربىرەيلەننىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن بىز ھەقىقىي دۇنيانىڭ ئىشچىلىرىنى، يەنى يۈك ماشىنىسى شوپۇرلىرى ۋە ئويۇنچۇق ئوينايدىغانلار قاتارلىقلارنى كۆردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتىدۇ، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۈگۈن سانلىق مەلۇماتلار ھەممىنى راستقا ئايلاندۇرىدۇ.

ئەمما مەن پەن-تېخنىكىنىڭ دۇنيانى ئەمەس، بەلكى پەن-تېخنىكىنىڭ كەينىدىكى ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ناۋادا، پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكەن بولسا، مەن بۇ يەردە تۇرمىغان بولاتتىم، بۇنداق بىر پە-تېخنىكا مۇتەخەسسىسى بولۇپ تەربىيەلىنەلمىگەن بولاتتىم، مەن كومپيۇتېر ھەققىدە ھېچنېمىنى بىلمەيمەن، ئىنتېرنېت ھەققىدىمۇ ئانچە جىق نەرسىلەرنى بىلمەيمەن. ئەمما مەندە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كۈچلۈك ئارزۇ بار.

شۇڭا 14  يىل ئىلگىرى مەن بۇ يەرگە كېلىپ ياۋروپاغا جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقچى بولۇپ، مەغلۇب بولغانىدىم. 14 يىلدىن كېيىن مەن ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئىنتېرنېتتا مەھسۇلات سېتىشىغا ياردەم بەرگىلى كەلدىم.

خانىملار، ئەپەندىلەر، بىز بىرلىكتە تىرىشايلى! بۇ بىر رەڭدار دۇنيا، بۇ بىر ياشلارغا مەنسۇپ دۇنيا، بۇ بىر كەلگۈسىگە مەنسۇپ دۇنيا.

ھەممەيلەننىڭ نۇتۇقۇمنى ئاڭلىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت! [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#