تاماكا

تاماكا — چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان، ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىپ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان چېكىملىكتۇر.

ئۇيغۇرچە تاماكا
ئىنگىلىسچە cigarette
تەسىرى سالامەتلىككە زىيىنى بار
خەنزۇچە
تۈرى چىكىملىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاماكاتاماكا — چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان، ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىپ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان چېكىملىكتۇر.

جاۋاب: «تاماكا» سۆزىنىڭ ئەسلىسى ھىندى تىلىدىكى «tobaco» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراش بار. يەنە بەزىلەر «tobaco» سۆزى مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى بولۇپ، تاماكىنىڭ شۇ جايدا تېپىلىپ كېيىنچە ئىسپانىيىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان، دەپ قارايدۇ. تاماكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىقتۇر. كولومبو ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىلىك ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە 1492 ـ يىلى تۇنجى قېتىم بارغىنىدا، ئۇلار تاماكا ماددىسى بىلەن تونۇشقان ۋە شۇندىن بېرى تاماكا ماددىسى بارچە ياۋروپا قىتئەسىگە تارقالغان ئىكەن.

جاۋاب: تاماكا كۆپلىگەن زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددا ئىككى بولۇپ، بىرى نىكوتىن، يەنە بىرى قەتىراندۇر.

نىكوتىن

 نىكوتىن — زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا بولۇپ، زەھەرلەش كۈچى شۇنچىلىك يۇقىرىكى، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر تال تاماكىدا بولغان نىكوتىننى شپىرىس بىلەن تېنى ساق، ئۆزى قاۋۇل بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە سالغان ھامان ئۇ ئادەم ئۆلىدىكەن.

قەتىران

قەتىران — تاماكا چەككەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسىدىن فىلتىردا پەيدا بولىدىغان، خۇددى يوللارغا بېسىلىدىغان قارا مايغا ئوخشايدىغان ئاققۇچى خاراكتېرلىك ماددا بولۇپ، ھۆل ئوتۇنلارنى كۆيدۈرگەندە ئۇنىڭ كۆيگەن يېرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدىغان قارا سۇغا ئوخشايدىغان ئىسلىق ماددىدۇر.

 تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بالىلارنىڭ بەڭگى ئاتا ـ ئانىلىرىنى دورىشى ۋە ئاتىلارنىڭمۇ ئۇلارنى توسماسلىقى.

2. بەڭگى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش، خۇسۇسەن بالىلار يىگىتلىك ياشلىرىدا بەڭگىلەر بىلەن دوست بولۇشى.

3. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى كۆرسىتىش دەيدىغان سەپسەتىگە ئىشىنىپ زورىغا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىۋېلىشى.

4. بەزىلەرنىڭ غەم ـ قايغۇ، ئەندىشىلەردىن قايسىبىر يول بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن تاماكىغا يۈزلىنىشى.

5. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنىڭ خەتىرىنى ئاددىي ساناش.

6. ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋر ـ تاقەتنىڭ كەملىكى.

تاماكا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى مەلۇمكى، تەن ساقلىقى ئەڭ چوڭ نېمەت بولۇپ، دۇنيانىڭ لەززىتى ۋە سائادىتى، تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى شۇ تەن ساقلىقىغا باغلىقتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق نېمەت تەن ساقلىقىغا يەتمەيدۇ. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكىنىڭ يۈرەك ئېغىشى، ئۆپكە كېسىلى، قىزىل تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى، بوغما ئۈچەي ياللۇغى، ئانگىنا، ئاشقازان كېسىلى، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

نەپەس يولىغا بولغان زىيىنى

تاماكىنى شوراش ئارقىلىق نەپەسلىنىش تۇرۇبىلىرىدا قېپقالغان تۈتۈننىڭ قالدۇقلىرى بەلغەم ۋە قاتتىق ھۆتەل پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا، تەدرىجىي ھالدا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۆپكىگە بولغان زىيىنى

ئىنساندىكى ئۆپكە تەنگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ زىيانلىق بولغانلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ناھايىتى مۇھىم ئورگان. ئۆپكە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ، زىيانلىق بولغان كاربون ئوكسىدىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۆپكىگە تاماكىنىڭ تۈتۈنى كىرگەندە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىننىڭ زەھىرى ئۆپكىدە سەلبىي ئەھۋاللارنى تۇغدۇرىدۇ. نەپەسنىڭ سىقىلىشى، ئۆپكىنى تۈتۈننىڭ قالدۇقى بولغان قارا لەشنىڭ قاپلاپ كېتىشى ۋە ئاخىرىدا تەدرىجىي ھالدا راك ئاغرىقنى پەيدا قىلىشى قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

ئاشقازانغا بولغان زىيىنى

تاماكىدىكى نىكوتىن دېگەن زەھەر ئېغىزغا يىغىلغان سۇغا ئارىلىشىپ ئاشقازانغا كېتىدۇ، ئاشقازاندا سەلبىي تەسىرلەرنى قوزغاپ ئىشتىھانىڭ ئازىيىشى، ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.

تاماكاتاماكىنىڭ بالىلارغا بولغان يامان تەسىرى كۆپ، ئۇلاردىن:

1. ئاتا ـ ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار تاماكا ئارقىلىق گۇناھ ـ مەسىيەت ئىشلارنى ئىشلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ.

2. تاماكا چېكىدىغانلارغا ئارىلاشقان بالىلار تەدرىجىي تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.

3. ئاتا ـ ئانىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرمىغان بالىلار تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ يامان ئادەتلەرگە تېزلا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

4. ئاتا ـ ئانىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك.

5. بالىلاردىكى پاڭلىق ھالىتىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ تاماكا چېكىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەڭگى ئانا ھەر قېتىم تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن، قاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ پەسلىشى بالىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

6. ئاتا ـ ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلاردا نەپەس سىقىلىش، بۇرۇن ۋە كاناي ئېلىرگىيىسى، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

7. ئاتا ـ ئانىسى ياكى بۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ. ئاتا ـ ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار بىلەن ئاتا ـ ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلىغان.

تاماكا چەكلەش تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش دېگەنلىك قۇتۇلۇش ئەڭ قىيىن بولغان خەتەرلىك بىر يولنى تاللىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ماددىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەر بەدىنىدە قوزغاش كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە بەدەننىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۇنى تاشلاش يولىدا كۆپ ئازابلانماقتا. زىيانلىق ماددىلار ئىچىدە تاماكا ئىنسان ساقلىقىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. شۇڭا خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۈستى يېپىق جايلاردا، خۇسۇسەن، ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىپ كەلمەكتە.

تاماكىنىڭ زىيانلىرى ۋە ئاۋارىچىلىكلىرى شۇنداق كۆپ بولغان ئىكەن، ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر. «ساقلىنىش داۋالىنىشتىن ئەۋزەل» دەيدىغان ھېكمەت ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.

 تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ. چۈنكى تاماكا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق بىر تەبىئىي ئاپەت ياكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبلىك ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ئۆلىدۇ. بۇ سان 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن تەخمىنەن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاتوم زەربىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 250 مىڭ ئادەم ئىدى. دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن كېيىن 1981 - يىلىدىن 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچىلىك بولغان 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 250 مىڭدىن ئازراق ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن بىر يىل ئىچىدە ئۆلىدىغان ئادەم سانى ياپونىيىگە تاشلانغان ئاتومدا ئۆلگەن، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك 12 يىل ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولماقتا.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2002 - يىلى 31 - ماي كۈنىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا: «ھازىر ھەر يىلى دۇنيادا تاماكا سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ۋابا، ئىچ سۈرۈلۈش، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، كولىرا، تىفوس ۋە باشقا ھەر قانداق كېسەل سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتمەكتە. تاماكا چېكىدىغانلاردىن ھەر ئون كىشىدىن 3 ى تاماكىدىن تەدرىجىي زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلىدۇ. قالغانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن قىينىلىدۇ. تاماكا چېكىدىغانلاردىن %90 كىشىنىڭ  ئۆپكىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئايرىم بىر مۇشكىلە.» دەپ قەيت قىلىنغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ستاتىستىكىدا يەنە مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «تاماكا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا بىر مىليارد بىر يېرىم مىليوندىن ئادەم تاماكا چېكىدۇ، ئۇلاردىن 800 مىليونى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 2020 – يىلىغا يەتكەندە ھەر يىلىغا 4 مىليونغا يېتىدىغانلىقى،  2030 - يىلىغا بارغاندا دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبى بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 10 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.»

 پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تاماكىنىڭ ئىنسان ساقلىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغان. بىر يىل ئىچىدە تېنى ساق كىشىلەردىن  ئىككى يېرىم مىليون كىشىنىڭ پەقەت تاماكا سەۋەبىدىنلا دۇنيادىن ئايرىلىشى ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئەڭ زور پالاكەتلىك ئاپىتى بولۇپ سانىلىدۇ.

  تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەتتە تاماكىغا خۇمار بولۇپ قېلىش ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن تىز ۋە ئاسان بولىدۇ. 100 ئادەم ھاراق ئىچسە، ئۇلارنىڭ %10 ياكى %15 ى ھاراققا خۇمار بولسا، 100 ئادەم تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ %85 ى تاماكىغا خۇمار بەڭگى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش كېرەك.

تاماكا تاشلاش  دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۈشكۈلىنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ. تاماكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى تاشلاش مۇمكىندۇر.

 تاماكىنى دەر ھال تاشلاش. ئۇنى دەرھال تاشلاش چىن ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىش. لېكىن ئۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس.  ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر.

تاماكا خۇمارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سەۋر بىلەن تاقابىل تۇرۇش. خۇمار تۇتقان شۇ بىر قانچە مىنۇتقا چىدىغان ئادەم ئۇنى چوقۇم تاشلاپ كېتەلەيدۇ.

تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنى قەتئىي ئېسىگە كەلتۈرمەسلىك، كۆرۈپ قالغان ياكى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار ئاستىدا خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش كېرەك.

1. تاماكا ئورنىغا نىكوتىن ماددىسىدىن ياسالغان مەخسۇس رىۋاشكىلارنى چايناش تاماكىغا بولغان ئىشتىھانى پەسەيتىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنى تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويغان نەرسە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىن ماددىسىدۇر. مىسۋاك قوللىنىشمۇ تاماكىنى تاشلاشقا ياردەمچى بولىدۇ. خۇمار قاتتىق تۇتقان لەھزىلەردە مىسۋاكنى ئېغىزىدىن چىقارماي تۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر.

2. تاماكىنى تەدرىجىي تاشلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىگە بىر پاچكا چېكىدىغان كىشى ئۇنى بىر ياكى ئىككى تالغا چۈشۈرۈشى، ئىمكان قەدەر ئاز چېكىشكە تىرىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك چارە — يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك — دەرھال تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر.

3. تاماكا چەكمەيدىغان ھەمراھلار بىلەن بىرگە كۆپرەك سەيلىگە ۋە سەپەرلەرگە چىقىش. شۇ ئارقىلىق تاماكا چەكمەسلىككە ئۆزىنى كۆندۈرۈش مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەسنادا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ھەتتا ئۆزىگە تاماكا ھەققىدە خىيال سۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

4. تاماكىغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس تېببىي مەركەزلىرى بولىدۇ.يىڭنە سانجىش ئارقىلىق داۋالايدۇ.

5. تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىنى تەرك ئېتىپ، تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش.

6. بېرەر ياكى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك. ئادەتتە تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلاردىن 60% كىشى ئىرادىسىدىن يېڭىلىپ يەنە تاماكا چېكىش ئادىتىگە قايتىدۇ. لېكىن تاماكىنى تاشلىماقچى بولغان ئادەم بىر ياكى ئىككى قېتىم يېڭىلغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى بىلىۋېلىپ، بارچە ھىممىتى ۋە كۈچىنى شۇ ئاجىزلىق تەرىپىنى يېڭىش يولىغا سەرپ قىلىدىكەن، ئۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ. ئىرادىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھارماي كۈرەش قىلغانلار ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

7. ئۆز ـ ئۆزىگە سۆز بېرىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكىنى قەتئىي تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەر ۋاقىت خۇمارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆز - ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەكلىكنى ئويلاپمۇ ۋەدىسىنى بۇزۇشتىن يانىدۇ.

8. يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلالمىغانلار ئۈچۈن، يەنە بىر چارىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ، تاماكا چەكمەسلىككە قەسەم قىلىش. ئەگەر قەسىمىدە تۇرالماي گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقسا، ۋاقىتلىق قەسەم قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر يىللىق، ئۈچ ئايلىق، بىر ئايلىق. بۇ ئۇسۇل بىلەن تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلارمۇ كۆپ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە 

http://www.bilimnur.com/?p=1084

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#