ئەفسەنتىن

ئەفسەنتىن توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭە، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەفسەنتىن
ئىنگلىزچە Worm Wood
باشقا نامى خەترىق (ئە)، مۇردە (پ)، ئەفسەنتىن (ئو).
ئورۇنباسارى غاپەس.
خەنزۇچە نامى 苦艾 ku ai
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تۈزەتكۈچىسى ئاچچىق ئانار.
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى شەربىتى ئەفسەنتىن. رەۋغىنى ئەفسەنتىن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاچچىق ئەمەن بولۇپ، تېنى يېشىل رەڭلىك، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى ئۆتكۈر، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «ئاچچىق ئەمەن» ياكى «ئەفسەنتىن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭە، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە ياغ، يېلىم، ئاز مىقداردا مىنېرال ماددىلار بار.

سۈيدۈك، ھەيز راۋان بولماسلىق، بوغۇم ئاغرىقى، تەپ، جىگەر ياللۇغى، مەددە قۇرت، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، گال ئاغرىقى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، چىيقان، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئاچچىق ئەمەندىن 7 گرام، فۇپەلدىن 5 گرام، بەرەڭگى كابىلىدىن 5 گرام ئېلىپ، سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، مەددە قۇرت چۈشۈرىدۇ.

 2. ئاچچىق ئەمەندىن بىلەن چۈچۈكبۇيادىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇيسا، چىيقان ۋە ھۆل تەمرەتكىگە پايدا قىلىدۇ.

3. ئاچچىق ئەمەن 30 گرام، ئاق سەندەلدىن 15 گرام ، سىركەدىن 50 گرام ئېلىپ، سىركەنجىۋىل تەييارلاپ ئىچسە، گال ئاغرىقى ۋە تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 4. بادام يېغى بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق يارىلىرى ۋە ئاغرىقلىرىنى ساقايتىدۇ.

 5. ئاچچىق ئەمەن، رومبەدىيان، كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى

سازاڭ قۇرتىنى ئۆلتۈرش تەسىرى بار.

شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن شۇنداقلا ئافغانىستان، ئىران، كەشمىر، قازاقىستان، ئوكرائىنا، ئەرمىنىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، چەت ئەلدە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=483

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#