يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ب

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农机安全操作规程

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ قائىدە يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا  بۇ قائىدىدە ئېيتىلغان يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىدىغان تراكتور، يېزا ئىگلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرى، باشقا ئۆزى يۈرەر ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى ۋە قۇۋۋىتى 8.88 كلوۋاتتىن يۇقىرى تۇرغۇن ماشىنىلارنى ھەمدە ئاساسلىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆرستىدۇ. 

3-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى بۇ چارىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. 

4-ماددا  بۇ قائىدىدە بەلگىلەنمىگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەر يول يۈرۈشكە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا ھەيدىشى، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

5-ماددا  بۇ قائىدىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىلىرى نازارەت قىلىپ ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى

6-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىسى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغان، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنشكىسى ۋە ئىشلتىش كىنشكىسى ئالغاندىن كېين ئىشلتىلىشى كېرەك.

نومۇر تاختىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئورنتىىشى ھەمدە پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك.نۇمۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىشكە، ئۆزگەرتىشكە ياكى يالغاندىن ياسىۋېلىشقا بولمايدۇ.

7-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا رەسمىي نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنشكىسى ۋە ئىشلتىش كىنىشكىسى ئېلشىتىن بۇرۇن يۆتكەشكە ياكى سىناق قىلىشقا توغرا كەلسە، يۆتكەش كىنىشكسى ياكى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك.

8-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، يول يرۈش كىنشكىسى ۋە ئىشلىتىش كىنشكىسى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئۇپراپ بۇزۇلغاندا، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش كېرەك. نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنشكىسى ۋە ئىشلىتىش كىنشكىسىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇلماستىن بۇرۇن، ۋاقتىلىق نومۇر تاختىسى ياكى ئىسپات تارقتىىپ بېرىلىدۇ.

9-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ تېخنىكا ھالىتى ياخشى، تاشقى قىياپىتى پاكىزە بولۇشى، تورمۇز، رول، سىگنال، يامغۇر سۈرتكۈچ، ئارقىنى كۆرۈش ئەينكى ۋە چىراغ قۇرۇلمىلىرىنىڭ تولۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

10-ماددا  تراكتورلارغا پەقەت بىرلا پىرىتسېپ چېتىشقا بولىدۇ. پىرىتسېپنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقتدارى تراكتورنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشىكە بولمايدۇ. چېتىش قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولۇشى، مۇھاپىزەت تورى ۋە پىرتىسېپنىڭ تورمۇزى، نىشان خادىسى، نىشان خادىسى چىرىغى، تورمۇز چىرىغى، رول قۇرۇلمىسى، ئارقا چىرىغى قاتارلىقلار تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك.

11-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ رول قۇرۇلمىسى، تورمۇزى، چىراغ قۇرۇلمىسى ئىشلىمىگەندە، سۆرىتىپ مېڭىشقا بولمايدۇ. باشقا كاشىلىلار كۆرۈلۈپ سۆرىتىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەندە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1. رەسمىي شوپۇر ھەيدەپ مېڭىشى كېرەك، شۇنىڭدەك ئادەم سېلىشقا ياكى پىرىتىسىپ چېتىپ مېڭىشقا بولمايدۇ؛

2. كەڭلىكى سۆرەپ ماڭغان ماشىننىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ بولۇشقا بولمايدۇ؛

3. يۇمشاق چاتما بىلەن سۆرەپ ماڭغاندا ، سۆرىگەن ماشىنا بىلەن بەلگىلىك بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى قالدۇرۇپ مېڭىش كېرەك؛

4. تورمۇز ئىشلىمىگەندە قاتتىق چاتما بىلەن سۆرەپ مېڭىش كېرەك.

12-ماددا  يېزا ئىگلىك تىرانسىپورىت ئاپتوموبىلى، ئۆزى يۈرەر كومبايىن، يۈك قاچىلاش ماشىنىسى ۋە كولاش ماشىنىلىرىنىڭ پىرىتىسېپ چېتىشىغا ياكى ماشىنلارنى سۆرەپ مېڭىشىغا بولمايدۇ.

13-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى ۋە چىقرىۋېتىلىدىغان زىيانلىق گازلىرى دۆلەتنىڭ بەلگۈلمىسىدىكى ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك.

14-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ كابىنكىسى ئىچىدە ياكى باشقۇرۇش سۇپۇسىدا ئارتۇق ئادەم سېلىشقا، باشقا جايلىرىغا ئادەم ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ماشىنا بىلەن پىرىتىسېپ چېتىلغان ئورۇندا ئادەم ئولتۇرۇشقا ياكى ئۆرە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە كابىنكىغا بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشقا دەخىلى قىلىدىغان نەرسىلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.

15-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى ئوت ئالدۇرۇشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. قول بىلەن ئايلاندۇرۇپ ئوت ئالدۇرغاندا، رۇكوياتكىنى بەش بارماقنى يىغىپ چىڭ تۇتۇشى، تۇرۇش ئورنى توغرا بولۇشى  كېرەك. ماتور ئوت ئالغاندىن كېين، رۇكوياتكىنى دەرھال چېقىرىۋېلىشى كېرەك؛

2. ئارغامچا بىلەن ئوت ئالدۇرغاندا، ئوت ئالدۇرغۇچ چاق بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك بولۇشى، ئارغامچىنى قولغا يۆگىۋالماسلىقى، ئارقىدا ئادەم بولۇشتىن قەتئىي ساقىلنىشى كېرەك؛

3. تراكتور، يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىلى ۋە كومبايىنلارنى ئادەتتە سۆرەش ئۇسۇلى بىلەن ئوت ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋالدا سۆرەپ ئوت ئالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، سۆرىگۈچى ماشىنا بىلەن سۆرەلگۈچى ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك ئارىلىقى بولۇشى ھەمدە ئېنىق مۇناسىۋەتلىشش بەلگىسىنى ئورنىتىشى، قۇۋۋەت كۈچى كىچىك ماشىنا بىلەن قۇۋۋەت كۈچى چوڭ ماشىنىنى سۆرەپ ئوت ئالدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنشى كېرەك؛

4. سۈرئەت ئۆزگەرتىش دەستىسى خالۇستويدا تۇرۇشى كېرەك؛

5. يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ماشىنىنى قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ؛

6. سىتارتېر (پوسكىتال( يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقاندا، ماگنىتورنى قول بىلەن بېسىپ تۇرۇپ ئوت ئۆچۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ؛

7. ئوت ئالدۇرغۇچنى مېتال زاپچاسلارنى بىۋاستە توكقا ئۇلاپ ئوت ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ؛

8. ئاساسىي ماتورنىڭ ھاۋا كىرىش تۇرۇبىسىدىن بېنزىن قويۇپ ئوت ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ؛

9. سوۋۇتۇش سۈيى بولمىغان ھالەتتە قوزغىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

10. قەھرىتان قىش پەسلىدە، ماتورنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن قايناقسۇ قۇيۇشقا بولمايدۇ، ئاۋۋال 70 گىرادۇس ئەتىراپىدىكى قىزىق سۇنى قويۇپ ماتورنى ئالدىن قىزىتىش لازىم؛

11. يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان ياكى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلتىلمىگەن قوزغاتقۇچى ئېلىكتىر ماتورنىڭ قارشىلىقىنى ئۆلچەش، ئېلىكتىر ماتورىنىڭ چىڭتىلغان قىسىملىرىنىڭ مۇستەھكەم بولغان-بولمىغانلىقىنى، ئۆتكۈزگۈچ سىم ئىزولىياتورىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم.

16-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى ئورنىدىن قوزغىتىشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى ئورنىدىن قوزغىتىشتىن بۇرۇن، ماشىنا ئەتىراپىنى كۆزىتىپ بىخەتەر دەپ قارىغاندا سىگنال بېرىپ، مۇفتا تەپكىسىنى دەرھال دەسسەپ، ئېھتياجلىق خوت (ئورنىدىن قوزغىلىشىتا يۇقىرى خوتقا سېلىشقا رۇخسەت قىلىنىمايدۇ)قا سېلىپ، ئاندىن موفتا تەپكىسىنى ئاستا سىلىق قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ماينى تەدىرىجىي كۆپەيتىپ بېرىپ، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى ئورنىدىن سىلىق قوزغاش لازىم؛

2. موفتىنى تېز ۋە ئۆزۈل-كېسىل ئاجىرىتىش، ئاستا سىلىق قوشۇش ئۈچۈن، ئوتى ئۆچۈپ قېلىشىنىڭ ياكى سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئورنىدىن قوزغىلىشتىكى ئىنېرتسىيە قارشىلىقىنى كېمەيتىپ، سۈرئەت تەڭشىگۈچىنى دەۋرىيلك ماي بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى تەڭشەپ ئۈلگۈرەلەيدىغان قىلىش لازىم.

17-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىغا ئاساسىي ۋە قۇشۇمچە يېقىلغۇ ھەم ئاپتول قاتارلىق سىقلىلاش مايلىرىنى قاچىلغاندا ئوتتىن قاتتىق ساقىلىنىش كېرەك.

18-ماددا  تراكتور ۋە يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىغا يۈك قاچىلاشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. يۈكنى يول يۈرۈش كىنشكىسىدە بەلگىلەنگەن يۈك ماسسىدىن ئارتۇق قاچىلاشقا رۇخسەت قېلنمايدۇ؛

2. يۈك تەكشى، تۈز قاچىلنىپ، مۇستەھكەم باغلىنىشى لازىم. ئاسان چېچىلىپ كېتىدىغان، ئۈچۈپ كېتىدىغان، ئېقىپ ۋە سىيرىلىپ كېتىدىغان بۇيوملار ناھايىتى ھىم يېپىلىشى ۋە چىڭ ئېتلىشى كېرەك؛

3. چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا تۆت مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ كەڭلىكى كوزوپتىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالدىنىڭ ماشىنا گەۋدىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە، ئارقىسنىڭ كوزۇپتىن ئىككى مېتىردىن ئارتۇق چىقىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قېلىنمايدۇ، چىقىپ قالغان قىسىمى يەرگە تېگىپ قالسا بولمايدۇ؛

4. چوڭ  تىپتىكى تراكتورلارنىڭ پىرىتىسېپىغا قاچىلانغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ كەڭلىكى پىرىتىسېپتىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالدىنىڭ پىرىتىسېپتىن ئېشىپ كېتىشكە، ئارقىنىڭ پىرىتىپسېتىن بىر مېتىردىن ئارتۇق چىقىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

5. يۈك ماسسى 1000 كىلوگرامدىن ئارتۇق بولغان كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ پىرىتسېپىغا قاچىلانغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا 2.5 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ كەڭلىكى كوزوپتىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالدىنىڭ ماشىنا گەۋدىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە، ئارقىنىڭ كوزۇپتىن بىر مېتىردىن ئارتۇق چىقىپ تورۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

6. يۈك ماسسى 1000 كىلوگىرامغا توشمايدىغان كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتۇمۇبىلى، كىچىك تىپتىكى تراكتورلارنىڭ پىرىتسېپىغا قاچىلانغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ كەڭلىكى كوزۇپتىن ئېشىپ كېتىشكە، يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالدىنىڭ كوزۇپتىن ئېشىپ كېتىشكە، ئارقىنىڭ كوزۇپتىن 50 سانتىمېتىردىن ئارتۇق چىقىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

7. قاچىلانغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى كوزۇپ ئارقا توسۇقتىن ئېشىپ كەتمىگەندە، كوزۇپ ئارقا توسۇقنى تۈز ئېچىپ قويۇشقا ياكى چۈشۈرۈپ قويۇشقا، ئېشىپ چىققان يۈكنىڭ كوزۇپ ئارقا توسۇقىدىكى نومۇر تاختىسى، بۇرۇلۇش چىرىغى، تورمۇز چىرىغى ۋە ئارقا چىراغلىرىنى توسۇۋېلىشىغا رۇخسەت قېلىنمايدۇ.

19-ماددا  تراكتور ۋە يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىغا ئادەم سېلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. يول يۈرۈش كىنشىكىسىدە بەلگىلەنگەن ئادەم سېلىش سانىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قېلىنمايدۇ؛

2. يۈك توشۇيدىغان ماشىنلارغا ئادەم بىلەن يۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىراق چوڭ تىپىتكى يېزا ئىگلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرى قىسقا مۇساپىگە يۈك توشۇغاندا، كوزۇپقا يۈك نازارەتچىسى ياكى قاچىلاش چۈشۈرۈش خادىملىرىدىن بىردىن بەشكىچە ئادەمنى سېلۋېلىشقا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارغا بىخەتەر ئولتۇرىدىغان ئورۇن قالدۇرۇش لازىم، يۈكنىڭ ئېگىزلىكى كوزۇپ توسۇقىدىن ئېشىپ كەتكەندە، يۈك ئۈستىگە ئادەم ئولتۇرغۇزۇشقا رۇخسەت قېلىنمايدۇ؛

3. تراكتورلارنىڭ پىرىتسېپىغا ئادەم سېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، لېكىن چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى تراكتورلار قىسقا مۇساپىگە يۈك توشۇغاندا، پىرىتىسېپقا يۈك نازارەتچىسى ياكى قاچىلاش-  چۈشۈرۈش خادىملىرىدىن بىردىن تۆتكىچە ئادەمنى سېلىشقا بولىدۇ، كىچىك تىپتىكى تراكتورلار قىسقا مۇساپىگە يۈك توشۇغاندا، پىرىتسېپىقا يۈك نازارەتچىسى ياكى قاچىلاش-چۈشۈرۈش خادىملىرىدىن بىردىن ئىككىگىچە ئادەمنى سېلىشقا بولىدۇ؛

4. كىچىك تىپتىكى ئۈچ چاقىلىق يېزا ئىگلىك تىرانىسپورت ئاپتوموبىللىرى قىسقا مۇساپىگە يۈك توشۇغاندا، كوزۇپقا يۈك نازارەتچىسى ياكى قاچىلاش-چۈشۈرۈش خادىملىرىدىن بىردىن ئىككىگىچە ئادەمنى سېلىشقا بولىدۇ؛

5. يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ كابىنكىسى بىلەن كوزۇپتىن باشقا ھەرقانداق قىسىمغا ئادەم ئولتۇرغۇزۇشقا رۇخسەت قېلىنمايدۇ.

20-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ كەڭ ۋە بوش، كۆرۈش سىزىقى ئېنىق يوللاردا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنىسىپى ئاستىدىكى سائىتىگە ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى بەلگىلمىسى تۆۋەندىكىچە:

1. تۆت چاقلىقتىن يۇقىرى يېزا ئىگلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ 50 كىلومېتىر بولىدۇ؛

2. چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى تراكتور، روللۇق ئۈچ چاقىلىق يېزا ئىگىلىك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ 30 كىلومېتىر بولىدۇ؛

3. كىچىك تىپتىكى تراكتور، تۇتقۇچلۇق ئۈچ چاقلىق يېزا ئىگلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلى، چاقلىق مەخسۇس ئىشلتىلىدىغان ماشىنلارنىڭ 15كىلومېتىر.

بىراق ئۆزى يۈرەر يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولغان سۈرئەت چەكلەش قاتناش بەلگىلىرى ۋە يول يۈزى بەلگە سىزىقلىرىغا يولۇققاندا، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگىنى يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن يۇقىرى بولسا، كۆرسىتىلگەن سائىتىگە يۈرۈش سۈرئىتى بىلەن مېڭىشقا رۇخسەت قىلىندۇ؛ يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن تۆۋەن بولسا،كۆرسىتلگەن سائىتىگە يۈرۈش سۈرئىتى بويىچە مېڭىش لازىم.

21-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى يول يۈرۈۋېتىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بېرىگە يۇلۇققاندا، سائىتىگە ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قېلىنمايدۇ، تراكتورلارنىڭكىنى 15 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ:

1. تار كوچا، تۆمۈريول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، تاريول، تار كۆۋرۈك، تونىللاردىن ئۆتكەندە؛

2. كەينىگە بۇرىغاندا، بۇرۇلغاندا، تىك داۋاندىن چۈشكەندە؛

3. بوران، يامغۇر، قار، تۇمانلىق كۈنلەردە 30 مېتىرنىڭ نېرىسىنى كۆرگىلى بولمىغاندا؛

4. قار-مۇزلۇق، پاتقاق يوللاردا يۈرگەندە؛

5. سىگنال ۋە ئەينەك سۈرتكۈچتىن كاشىلا چىققاندا؛

6. كاشىلا چىققان ماشىنلارنى سۆرىگەندە؛

7. ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يولىغا كىرگەندە ياكى ئۇنىڭدىن چىققاندا.

22-ماددا  بىر يولدا يۈرۈۋاتقان ئۆزى يۈرەر يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئارقىدا مېڭۋاتقىنى، يۈرۈش سۈرئىتى، ھاۋا رايى ۋە يول ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن تېگىشلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ مېڭىشى كېرەك.

23-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئىشلتىش:

1. ئوڭغا بۇرۇلغاندا، ئوڭ تەرەپكە يول ئۆزگەرتكەندە، ماشىنىنى يول ياقىسىدا توختاتقاندا، ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش لازىم؛

2. سولغا بۇرۇلغاندا، سول تەرەپكە يول ئۆزگەرتكەندە، ماشىنىنى توختاتقان جايدىن ھەيدەپ ماڭغاندا ياكى كەينىگە بۇرىغاندا، سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك.

24-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى قاتناش سىگنالى ياكى قاتناش بەلگىلىرى بىلەن تىزگىنلەنگەن كېسشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، تۆۋەندىكى بەلگۈلمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يول ئېىزىغا 100 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە ئارىلىق قالغاندا، سۈرئەتنى كېمەيتىپ ئاستا مېڭىشى، بۇرۇلىدىغان ماشىنىلار بۇرۇلۇش بىلەن تەڭ بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇشى، كېچىسى يول يۈرگەندە يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىغا ئۆزگەرتىپ يېقىشى لازىم؛

2. يول باشلاش كۆرسەتكۈچى سىزىلغان يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتكەندە، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بويىچە ئايرىلغان يولدا مېڭىشى لازىم؛

3. مېڭىشقا رۇخسەت قىلىش سىگنالى بېرىلگەندە، ئالدى بىلەن مېڭىشقا رۇخسەت قىلىنغان ماشىنىلارغا يول بېرىش لازىم؛

4. سولغا بۇرۇلغاندا، ماشىنلار يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىغا يېقىن يۆنىلىپ كىچىكرەك بۇرۇلۇشى لازىم؛

5. ئوڭغا بۇرۇلغاندا، بىر يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ئالدىدىكى يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا، كەينىدىكى ماشىنىلار رەت بويىچە توختاپ كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك؛

6. ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدىكى يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، يول ئېغىزىغا كىرىشىكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

7. توختاش سىگنالىغا يۇلۇققاندا، توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا رەت بويىچە توختاش لازىم، توختاش سىزىقى يوق يوللاردا، يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا توختاش كېرەك.

25-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتناش سىگنالى بولمىغان ياكى قاتناش بەلگىسى ئورنتىلمىغان كېسىشمە يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتكەندە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىپ، رەت بويىچە يول بېرىشى لازىم:

1.  تارماق يولدىكى ماشىنىلار غول يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

2. تارماق يول بىلەن غول يول ئايرىلمىغان بولسا، ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرى ماشىنىلارنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛ ئوخشاش تۈردىكى ماشىنلار ئوڭ تەرىپىدىن قاتناش ۋاستىلىرى كەلمىگەن ماشىنىلارنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

3. ئوخشاش تۈردىكى ماشىنىلار قارمۇ قارىشى يۆنلىشتە ئۇچراشقاندا، سولغا بۇرۇلىدىغان ماشىنلار ئۇدۇل يۈرىدىغانلىرىنىڭ ياكى ئوڭغا بۇرۇلىدىغانلىرىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

4. ھالقىسمان يول ئېغىزىغا كىرىدىغان ماشىنلار يول ئېغىزىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئاۋۋال يول يۈرۈشىگە يول بېرىش.

يول بېرىدىغان ماشىنلار توختاپ تۇرۇشى ياكى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئوبدان كۆزىتىپ، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندىن كېين ئاندىن ئۆتۈشى لازىم.

26-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1.  ئادەتتە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتىن بۇرن، ئېغىرلىقنى چەكلەش بەلگىسىدە چەكلەنگەن تونناژىغا دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېين ئاندىن ئۆتۈش لازىم؛

2. ئوخشاش يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ماشىنلار (ماتۇرلۇق ۋە ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرى) ئالدىدىكى ماشىنلار بىلەن بولغان ئارلىقنى چوڭايتىپ، رەت بويىچە ئۆتۈش لازىم؛

3. ئەگەر كۆۋرۈك يۈزى تار ياكى تەكشى بولمىسا، تۆۋەن خوتقا سېلىپ ئاستا سۈرئەتتە سىلىق ئۆتۈش لازىم؛

4. كۆۋرۈك ئۈستىدە خوت يۆتكەش، تورمۇزلاش، ئۇچىرىشىپ قېلىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى لازىم، يانداپ ئۆتۈشكە تېخىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

5. ئەگمە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، كۆۋرۈككە چىقىشتىن بۇرۇن سىگنال بېرىش، قارىشى تەرەپتىن كېلۋاتقان ماشىنلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش لازىم؛

6. كەلكۈن پەسلىدە، كەلكۈننىڭ كۆۋرۈككە زىيان يەتكۈزۈشى تۈپەيلىدىن ھادىىسە كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم.

27-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يول يۈرگەندە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە دىققەت قىلىش لازىم:

1. ئورنىدىن ئاستا قوزغىلىش، پرىتسېپىنى تارتقاندىن كېين ئاندىن ماينى كۆپەيتىپ بېرىش لازىم؛

2. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يول يۈرۈش جەريانىدا، ماي بىلەن تەمىنلەش سېستىمىسدا كاشىلا كۆرۈلسە، سۈنئىي ئۇسسۇلدا ماي بىلەن تەمىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

3. داۋانغا چىقشتا ئاۋۋال خوتنى ياخشى تاللاپ، توختىماي ئۆتۈپ كېتىش، ئوتتۇرا يولدا خوت يۆتكىمەسلىك لازىم. داۋاندىن چۈشۈشتە بوش خوتتا سىيرىلدۈرۈپ يۈرۈشكە رۇخستە قىلىنمايدۇ،  تورمۇزنى ئىمكان قەدەر ئىشلەتمەسلىكى لازىم، جىددىي تورمۇزلاش قاتتىق مەنئىي قېلىندۇ؛

4. ئالدى تەرەپتىكى يول، قاتناش ئەھۋالىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېنىقلاش، ئاۋۋال ماشىنا سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىش، جىددىي تورمۇزلىماسلىق، ئايلىنىش رادىئوسى چوڭ بولۇش لازىم. توسالغۇلاردىن ئۆتۈشتە بۇرۇن بۇرۇلۇش، توسالغۇ ئالدىدا تويۇقسىز بۇرۇلماسلىق كېرەك؛

5. ماشىنىلار بىلەن ئۆتۈشكەندە مۇۋاپىق جاينى تاللاش، ئۆتۈشتىن ئىلگىرى سۈرئەتنى سەل تۆۋەنلىتىش، ئۆتۈشۈش جەريانىدا سۈرئەتنى سەل تېزلىتىپ، سۆرىگۈچى ماشىنا بىلەن پرىتسېپنىڭ تارتىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، پرىتىسېپنىڭ تەۋرىنىشىنى ئازايتىش لازىم. ئەگەر باشقا ماشىنىلارنى يانداپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ماشىنا-سايمانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئويلىشش، نورمال يۈرۈش لىنىيسىگە بالدۇر كىرىۋالماسلىق كېرەك؛

6. تراكتور پرىتىسېپ چېتىپ يۈرگەندە ئارقىغا ياندۇرماسلىق، ئارقىغا ياندۇرۇشقا توغرا كەلسە، كەڭرەك، تەكشى جاينى تاللاش لازىم. رولنىڭ بۇرۇلۇش يۆنلىشى مەشغۇلاتتا پرىتىسېپ چاتقان چاغدىكىنىڭ ئەكىسىچە بولىدۇ. ئەگەر ئارقىغا ياندۇرۇش داۋامىدا قاتلىشش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئارقىغا ياندۇرۇشنى توختىتىپ، پرىتسېپنى ئالدىغا تارتىپ تۈزلىگەندىن كېين ئاندىن قايتا ئارقىغا ياندۇرۇش لازىم؛

7. پرىتسېپىقا قاچىلانغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى ئاشۇرۋېتىش قاتتىق مەنئىي قېلنىدۇ.

28-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا، كەنىت، ئېتىز-ئېرىق يوللىرىدا يۈرگەندە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش لازىم:

1. يېزا، كەنىت، ئېتىز-ئېرىق يوللىرىدا قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتۈشكەندە، ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يول بېرىشى، تراكتور ئاپتوموبىلغا يول بېرىشى، قورۇق قاتناش ۋاستىلىرى يۈكلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يول بېرىشى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چاتمىغان تراكتور دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چاتقان تراكتورغا يول بېرىشى، زەنجىر تاپانلىق تراكتور چاقلىق تراكتورغا يول بېرىشى، داۋاندىن چۈشىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى داۋانغا چىقىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يول بېرىشى لازىم. ئەمما داۋاندىن چۈشۈۋاتقان قاتناش ۋاستىلىرى يېرىم يولغا كەلگەن بولسا، داۋانغا چىقىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى تېخى داۋانغا ياماشمىغان بولسا، ئۇھالدا داۋانغا چىقىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى داۋاندىن چۈشۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يول بېرىش كېرەك؛

2. تراكتور تاشيول بىلەن تۆمۈر يول كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە «بىرىنچىدىن توختاش، ئىككىنچىدىن قاراش ، ئۈچىنچىدىن ئۆتۈش»نى ئورۇنىدىشى لازىم، ئاۋۋال تراكتورنى توختىتىپ،سىگنالغا قاراش ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قۇماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېين ئۆتۈش كېرەك. ئەگەر سىگنال ياكى باشقۇرغۇچى خادىم بولمىسا، پويىزنىڭ كېلۋاتقان-كەلمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆزىتىپ ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندا ئاندىن ئۆتۈش كېرەك. تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. يول ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ماتورنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈپ سىيرىلىدۈرۈپ يۈرمەسلىك لازىم. ماتورنىڭ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆمۈر يول ئۈستىدە خوت يۆتكەشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم. ناۋادا ئوتى ئۆچۈپ قېلىپ تراكتور توختاپ قالسا، تۆمۈريولدىن ئامال قىلىپ تېز ئايرىلىپ، كېلۋاتقان پويىزغا سوقۇلۇپ ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛

3. كەنىت بازارلاردىن ئۆتۈشتە ياكى ئەگىرى يوللاردا يۈرگەندە، دەرەخ، ئۆي، زىرائەتلەر كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدىغان بولغاچقا، چوقۇم سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، سىگنال بېرىش، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يۈرۈش، پىيادىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئوينىشىپ تراكتورغا ئېسلىۋېلىشلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

29-ماددا  يول ئۈستىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن كاشىلا چىقىپ يۈرەلمەي قالغاندا، ماشىنىنى ئۆزلۈكىدىن چەتكە يۆتكەپ قويۇش لازىم؛ تورمۇز، رول ۋە چىراغلاردىن كاشىلا چىققان بولسا، رېمونت قىلىپ ئوڭشىغاندىن كېيىن يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

كاشىلا چىققان ماشىنىنى قاتناشقا دەخل يەتمەيدىغان يەرگە يۆتكەپ قويۇش ھەمدە ئۇنىڭ كەينىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېسىپ قويۇش ياكى خەتەرنى كۆرسىتىش بەلگە چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويۇش، كېچىلىرى يول كەڭلىكىنى كۆرسىتىش چىرىغىنى ۋە ئارقا چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇش ياكى ئېنىق بەلگە ئورنىتىپ قويۇش كېرەك.

30-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يول يۈرۈۋاتقاندا، ئارقىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يانداش سىگنالى بەرسە، شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا ئوڭغا يۆنىلىپ يول بېرىشى ھەمدە ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇشى شەرت. قەستەن يول بەرمەسلىككە ياكى سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قېلىنمايدۇ.

31-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يول ئېغىزى، پىيادىلەر توغرا يولى، ئايلانما يول، تار يول، كۆۋرۈك، تىك داۋان، تونىللاردا ياكى ئاسان خەتەر تۇغۇلدىغان يول بۆلەكلىرىدە كەينىگە بۇراشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

32-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يول يۈرۈۋاتقاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە دەرھال ماتور ئوتىنى ئۆچۈرۋېتىش كېرەك:

1. ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ۋە ماشىنا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە؛

2. ماتوردا «ئېپىقچىپ كېتىش» ھادىسىسى يۈز بەرگەندە؛

3. كېچىلىك مەشغۇلات جەريانىدا، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن چاتاق چىققاندا.

33-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تىرانسىپورت مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغاندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى» ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئەمەل قىلغاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. كىچىك تىپتىكى تراكتورلارغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى پرىتىسېپلارنى چېتىشقا بولمايدۇ؛

2. پرىتسېپىقا يەل ۋە ماي تورمۇز قۇرۇلمىلىرى ھەمدە ئارقا چىراغ، تورمۇزچىراغ، يول كۆرسەتكۈچ چىراغ قاتارلىق رۇشەن بەلگىلەر ئورنىتىلىشى كېرەك؛

3. تراكتورغا چېتىلغان پرىتىسپ چىڭ، ئىشەنچىلىك بولۇشى ھەمدە مۇھاپىزەت تورى، بىخەتەرلىك زەنجىرى ۋە بىخەتەرلىك چۈلۈكى سەپلىنىشى كېرەك؛

4. تراكتورغا يول كۆرسەتكۈچ چىرىغى، سىگنال، ئارقا چىراغ، تورمۇز چىرىغى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىشى كېرەك؛

5. پرىتسپىقا قاچىلانغان يۈك تەكشى بولۇشى، بىر ئوقلۇق پرىتسېپىنىڭ ئالدى، قوش ئوقلۇق پرىتىسېپنىڭ كەينى قىسىمىغا قاچىلانغان يۈك زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكى، پۈتۈن يۈكنىڭ قاچىلىنىشى بىر تەرەپكە قىيسىيپ قالماسلىقى كېرەك؛

6. ئەگىم يول ياكى تۇسالغۇلاردىن ئايلنىپ ئۆتىدىغان يوللارغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىش، تراكتور ۋە پرىتىسېپ پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغاندىن كېين ئاندىن نورمالنى سۈرئەتتە مېڭىشقا بولىدۇ؛

7. داۋاندىن چۈشكەندە، قار مۇزلۇق يوللاردا ۋە لاي پاتقاق يوللاردا ماڭغاندا تراكتورنى جىددىي تورمۇزلاشتىن ساقلىنىش لازىم؛

8. يول يۈرگەندە پرىتسېپنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ مېڭىشقا دىققەت قىلىش، ئىككى تەرەپكە پۇلاڭشش ھەمدە قىڭغىر بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى بولماسلىقى، تراكتور ماشىنىلار بىلەن ئۆتۈشكەندە ۋە ياندىغاندا پرىتسېپنىڭ بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

34-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى تۆمۈر يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلىرىگە رىئايە قىلىش لازىم.

3-باب   يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتى

35-ماددا  ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتىدا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچ سائەتلىرىنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، سىتىرېلكا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تۇرۇشى لازىم. نورمال سۇ تېمپىراتورىسى، 95-75   سېلسىيە گىرادۇستا بولۇشى، جەينەكلىك ئوق ئوتتۇرا ئايلىنىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى ئايلانغاندا، ئامپېرمېتر ستىرېلكىسى زەرەتلەش دائىرىسى ئىچىدە تەۋرىنىشى لازىم. پار سۈيى بىلەن سوۋۇتۇش شەكلى قوللىنلىغان قول تراكتور ۋە كىچىك تۆت چاقىلىق تراكتورلاردا، نورمال سۇ تېمپىراتورىسى 100-60 سېلسىيە گىرادوس، دىزېلىننىڭ بېسىمى10⁴×(0.98-0.49 ) كىلوپاسكال بولىدۇ، سۇ گورىزونتىنى كۆرسەتكۈچنىڭ قىزىل بەلگىسى تۆۋەنلەپ سۇ قۇيۇش ۋارۇنكا ئېغىزى بىلەن تەڭ بولغاندا، تۇلۇقلاپ سۇ قۇيۇش لازىم؛

2. تراكتور ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىدا نورمالسىز ئاۋاز بايقالسا، دەرھال توختىتىپ تەكشۈرۈشى لازىم؛

3. مەشغۇلات ئېلىپ بارغان ياكى تىرانسىپورت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ماشىنا-سايمانلار ئۈستىدە يۇقىرى-تۆۋەن سەكرەشكە، خوتتىن چىقارماي تۇرۇپ موفتىنى دەسسەپ ۋاقىتلىق توختتىشقا ۋە باشقىلار بىلەن پاراڭ سېلىشقا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىشقا رۇخسەت قېلىنمايدۇ؛

4. مۇقىم مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا شوپۇر، مەشغۇلاتچىلار ماشىنا-سايمانلاردىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ، ماشىنا-سايمانلارنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش لازىم؛

5. قول تراكتور ۋە كىچىك تۆت چاقىلىق تراكتورلاردا تاسمىلىق چاقىنى چوڭايتىش، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىنىڭ چىشلىق چاقىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، تراكتورنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە رۇخسەت قېلىنمايدۇ؛

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دۆڭ جايلاردا توغرىسىغا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، يانتۇلۇق دەرىجىسى ئادەتتە يەتتە گىرادۇستىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك؛

6. كېچىسى مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، يۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولۇشى لازىم. مەشغۇلات رايۇنىدا ياكى ماشىنا-سايمانلا ئۈستىدە ئۇخلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

36-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى دەريادىن كېمە بىلەن ئۆتكۈزۈشتە، ئاۋۋال دەريادىن ئۆتكۈزىدىغان كېمىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، كېمىنى مۇقىم توختىتىشى، ئۆتۈش ئارىلىقى چوڭ بولغان تاختىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىرەك بولۇشى لازىم. كېمىگە چىقىپ-چۈشكەندە، سۈرئەتنى تېزلىتىشكە بولمايدۇ. كېمىگە چىققاندىن كېين يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئورۇنغا توختىتىپ، ئاسما دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى يەرگە تەككۈزۈپ قويۇشى، ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئارقا خوتقا سېلىپ قويۇشى، قول تورمۇزنى چىڭ تارتىپ قويۇشى، ئالدى-ئارقا چاققا شىنا قىستۇرۇشى لازىم، كېمىگە چىققاندا چوڭراق دائىرىدە يۆتكىلىشكە ۋە بۇرۇلدۇرۇشقا رۇخسەت قېلنىمايدۇ. كىچىك تراكتورنى كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتكۈزۈشتە، ماتۇرنىڭ ئوتىنى ئۈچۈرۈشى، قول بىلەن ئايلاندۇرۇپ كېمىگە چىقىرىشى ۋە چۈشۈرۈشى لازىم. كېمىگە چىققاندا ئارغامچا بىلەن چىڭ باغلاپ قويۇشى، تۆۋەن سۈرئەت خوتىغا سېلىپ قويۇشى، موفتا تۇتقۇچىنى قۇشۇلۇش ئورنىغا قويۇشى كېرەك.

37-ماددا  دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چاتقاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چاتقاندا، تراكتورنى تۆۋەن سۈرئەتلىك خوتقا سېلىپ ماينى ئاز بېرىپ ئارقىغا ياندۇرۇش ھەمدە ھەر ۋاقىت تراكتورنى تورمۇزلاپ توختتىشقا تەييار تۇرۇش لازىم. چېتىلدىغان دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى تەكشى، تۈز جايدا توختتىش، تراكتورنى ئارقىغا ياندۇرغاندا سىيرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېھقانچىلىق سايمانلىرى مەشغۇلاتچىلىرى تراكتور بىلەن دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئارىسىدىكى ئاسانلا سوقىۋىتىدىغان ۋە قىسىۋېتىدىغان ئۇرۇندىن ئىمكان قەدەر يىراق تۇرۇش لازىم؛

2. دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چاتقاندا ئۈستى تارتقۇ ۋە ئوڭ-سول ئاستى تارتقۇنىڭ جايلىرىنى ياخشى قۇلۇپلىشى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياكى پرىتىسېپ سۆرىگەندە، بەلگىلىمە بويىچە ئاستى تارتقۇنى ئوبدان مۇقىملاشتۇرۇپ، ئوڭ-سولغا تەۋرىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛

3. دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى سۆرىگەندە، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈشكە ۋە جىددىي بۇرۇلۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

4. ئېنېرگىيە چىقىرىش ئوقىنى ئىشلەتكەندە، ھەرىكەت ئۇزاتقۇچى ئوق چاچىراپ چىقىپ ھادىسە پەيدا قىلىشتىن ساقلنىش ئۈچۈن، ئېنېرگىيە چىقىرىش ئوقى بىلەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئوق تۇتاشتۇرغۇچىسىنى قۇلۇپلاپ مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە مۇھاپىزەت قالپىقى ئورنىتىش لازىم. تاسمىلىق چاقنى ئىشلەتكەندە، يېتەكلىگۈچى ئەگەشكۈچى تاسمىلىق چاقلار ئوخشاش بىر تەكشلىكتە بولۇشى ھەمدە ھەرىكەت ئورنىتىش تاسمىسنى بەلگىلىك چىڭلىقتا ساقلىشى لازىم. تاسما ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلنىش ئۈچۈن، تاسمىنىڭ ئۇلانما ئۇچىدىكى قسقۇچىنىڭ ياكى ۋېنتىنىڭ ئۇلىنىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئۇزاتما ھەرىكەتنى قوشقاندا، ئاۋۋال تۆۋەن سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە جەھەتتە نورمال بولغاندىن كېين ئايلنىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ؛

5. ماشىنا توختىمىغان ئەھۋالدا، ئوت-چۆپ قاتارلىقلارنى تازىلاشقا رۇخسەت قېلنىمايدۇ. ئاسما قۇرۇلمىنى قۇلۇپلىمىغان ئەھۋالدا، دېھقانچلىق سايمانلىرى ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

6. ئاسما ياكى چاتما دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى بىرقەدەر ئۇزۇن بولسا، يۈرگەندە ۋە بۇرۇلغاندا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؛

7. تراكتورغا سۇلۇلق ئېتىز چاقىنى ئورتاتقاندىن كېيىن ئېگىز قىردىن ئۆتكەندە، دۆڭگە ياماشقاندا، تراكتورنى ئارقىچىلاپ يۈرگۈزۈش لازىم.

38-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرگەندە، رىمونت قىلغاندا ھەمدە كاشىلىلارنى ئوڭشىغاندا ئېنىرگىينى ئۈزۈپ، ئوتنى ئۈچۈرۋەتكەندىن كېين ئېلىپ بېرىش كېرەك.

39-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتى توختىتىلغاندىن كېين، ئاسما ياكى يېرىم ئاسما دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك، ماتورنىڭ ئوتى ئۆچكەندىن كېين، ئۇنىڭ توك ئۇلىغۇچىنى ئېتىۋىتىپ ئاچقۇچنى ئېلۋېلىش لازىم.

40-ماددا  قىش پەسلىدە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئوتى ئۈچۈرۈلۈپ، سوۋۇتۇش سۈيىنىڭ تېمپىراتورىسى سۇۋۇپ 70℃ تىن تۆۋەنلىگەندىن كېين، سۈيىنى پۈتۈنلەي قۇيۇۋېتىش ھەمدە «سۈيى يوق » دېگەن تاختاي ئېسىپ قويۇش كېرەك.

4-باب  يەر تۈزلەش مەشغۇلاتى

41-ماددا  ئايلانما سوقا مەشغۇلاتى:

1. ئاسما شەكىللىك ئايلانما سوقنى قوزغاشتىن بۇرۇن سوقا چىشىنى يەرگە كىرگۈزۈشكە ياكى يەرگە قاتتىق چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم؛

2. مەشغۇلات قىلغاندا تېز ئايلنىشقا بولمايدۇ، ئايلاندۇرغاندا ياكى ئارقىغا ياندۇرۇشتا ئاۋۋال ئايلانما سوقنى كۆتۈرۈش لازىم. تاپ بېشىدا چۈشۈرۈشتە ياكى كۆتۈرۈشتە ماينى ئاز بېرىش، بەك يۇقىرى كۆتۈرۋەتمەسلىك كېرەك. ئەركىن يۆنىلىىشلىك ئۆگىنىڭ ئىككى بېشىدىكى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بېرىش بۇلۇڭى 30 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛

3. قول تراكتورنى ئېتىز بېشىدا ئايلاندۇرغاندا ئاۋۋال قول تۇتقۇنى كۆتۈرۈپ ئايلانما سوقنىڭ چىشى يەردىن چىقىرىۋېلىنغاندىن كېين ئاندىن بۇرۇلۇش موفتىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك؛

4. ئېتىزدىن يۆتكىلىشتە ۋە قىردىن ئۆتكەندە، ئايلانما سوقنىڭ ئېنىرگىسينى ئۈزۈۋىتىپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇنغا كۆتۈرۈش لازىم. قول تراكتور قىردىن ئۆتكەندە شوپۇر ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرماسلىقى كېرەك؛

5. مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، پىچاق ئوقى، ھەرىكەت ئۇزىتىش زەنجىرى قاتارلىق بۆلەك-زاپچاسلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلنىش ئۈچۈن، ئايلانما سوقنى تۇپىراققا شىددەت بىلەن چۈشۈرۈپ كىرگۈزۈش مەنئىي قىلىنىدۇ؛

6.كىچىك تىپتىكى تراكتور بىلەن ئايلانما ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، ئايلانما ئاغدۇرۇش پىچىقىنى چىڭىتقۇچى گايكىنىڭ بۇشاپ چۈشۈپ قېلىپ، پىچاقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم.

42-ماددا  ئاسما سوقا مەشغۇلاتى:

1. ئاسما سوقنى كۆتۈرگەندە ۋە چۈشۈرگەندە ئاستا، سىلىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر يەرگە كىرىش ئىقتدارى ناچار بولسا، تەڭشەش ياكى ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇش يولى بىلەن ھەل قىلىش لازىم. سوقا ئۈستىگە ئادەم چىقىپ كۈچەپ يەرگە كىرگۈزۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

2. مەشغۇلات جەريانىدا بۆلۈنمە شەكىللىك سۇيۇقلۇق بېسىم سېستىمىسىنىڭ باشقۇرۇش دەستىسىنى « 浮动-لەيلەش» ئورنىغا (بەزى ئالاھىدە مەشغۇلاتتا، مەسلەن: سۇلۇق ئېتىزلارنى ئاغدۇرۇش قاتارلىقلاردا،中立 ”-بتەرەپ “) قويۇش لازىم، « 压降 -چۈشۈرۈش» ئورنىغا قويۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. يېرىم بۆلۈنمە شەكىللىك ۋە پۈتۈن گەۋدە شەكىللىك سويۇقلۇق بېسىم سېستىمىسى تۇپراقنىڭ سېلىشتۇرما قارشىلىقى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئېگىز-پەسلىكىگە ئاساسەن ئورۇن تەكشىگۈچ ۋە كۈچ تەڭشىگۈچ باشقۇرۇش دەستىسىنى توغرا ئىشلتىش لازىم؛

3. سوقنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى تراكتورنى بۇرۇلدۇرۇش، ئارقىغا ياندۇرۇش ۋە چەمبەر شەكلىدە يەر ئاغدۇرۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

4. ئېتىزلىقتىن يۆتكىلىشتە، قىردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە ئاستا يۈرۈش كېرەك. سوقنى سۆرەپ ماڭغاندا كۆتۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش دەستىسىنى ياخشى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئورۇن چەكلەش زەنجىرىنى مۇۋاپىق چىڭىتىپ، ئۈستى تارقۇنى قىسقارىتىپ، سوقنىڭ بىرىنچى چىش ئۈچىنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقىنى 25 سانتېمتىردىن يۇقىرى قىلىپ تەڭشەش لازىم؛

5. يېرىم ئاسما شەكىللىك سوقا بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا بىخەتەرلىك زەنجىرى تارتىش، ئۇزۇن يول يۈرگەندە ماي باكى تۆۋەنلەشنى چەكلەش كلاپان چۈلۈكىنى ئېتۋېتىش لازىم؛

6.تراكتورنى توختاتقاندىن كېين، ئاسما ماشىنا-سايماننى يەرگە تەككۈزۈپ قويۇش كېرەك. ئاسما ھالەتتە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

43-ماددا  چاتما سوقا مەشغۇلاتى:

1. چاتما سوقا بىلەن تراكتورنىڭ ئارىلىقىدا ئالاقىلىشش بەلگىسى ئورنىتىلىشى، شوپۇر دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۆزىىتىپ تۇرۇش لازىم؛

2. سوقا ئۈستىدە ئولتۇرۇش ئورنى يوق جايدا ئادەم ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئىشلەش داۋامىدا مەشغۇلاتچى ئۆز ئورنىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكى لازىم ؛

3. سوقا چىشى يەرگە كىرگەندىن كېين، بۇرۇلۇش ۋە ئارقىغا ياندۇرۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

4. كۆتۈرۈش-چۈشۈرۈش قۇرۇلمىسى ئىشلىمىگەندە، تراكتورنى توختىتىپ رېمونت قىلىش كېرەك. پۇت ياكى قول بىلەن ئورغاقسىمان ئىلغۇچنى مىدىرتىش ۋە ياكى تراكتورنى سىلىكىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ؛

5. چاتما سوقنى ئۇزۇن ئارىلىقتا ئارقىغا ياندۇرۇشقا بولمايدۇ، قىسقا ئارىلىقتا ئارقىغا ياندۇرغاندا قويرۇق چاقىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى سوقنىڭ ئارقىغا ياندۇرۇش يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم؛ 

6. تۈز تارتقۇ ئۈسىتىدىكى بىخەتەرلىك چۈلۈكىنى تۆۋەن كاربۇنلۇق پۇلات بىلەن ياساش، باشقا ماتېرىياللارنى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلەشكە ياكى ئۆلچىمىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ؛

7. چاتما سوقنى ئۇزۇن يولغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگەندە، سوقا چىشى ۋە توپا قىرىش كۆرىكىنى سۆكىۋىېتىپ ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرۈش لازىم.

44-ماددا يەر تىرنىلاش مەشغۇلاتى:

1. كۆپ چاتمىلىق تىرنا بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، چېتىش نوقتىسى پۇختا، ئىشەنچىلىك بولۇشى ھەمدە بىخەتەرلىك زەنجىرى ئورنىتىلىشى لازىم؛

2. مەشغۇلات جەريانىدا ئارقىغا ياندۇرۇشقا ۋە تېز بۇرۇلدۇرۇشقا بولمايدۇ؛

3. ئېغىرلىتىش ساندۇقى ئۈستىگە تاش پارچىلىرى ۋە تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق نەرسىلەرنى قويۇپ ئېغىرلىتىشقا بولمايدۇ. ئېغىرلىتىش ساندۇقى بىلەن تىرنا ئۈستىگە ئادەم چېقىۋېلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

4. ئېغىر دەرىجىدە داڭگال قىسۋېلىش ۋە تۇپا دۆۋىلنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، سەۋەبنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم، مەجبۇرىي  مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ؛

5. ئېتىزلىقتىن يۆتكەلگەندە ياكى قىسقا ئارىلىققا ماڭغاندا، تىرنىنى تىرانسىپورت ھالىتىگە تەڭشىشى ھەمدە چاق بېكتىشى، ئۇزۇن يولغا ماڭغاندا ماشىنىغا قاچىلاپ يۆتكىشى لازىم.

5-باب  ئۇرۇق سېلىش، مايسا تىكىش مەشغۇلاتى

45-ماددا  قول تراكتور بىلەن ئۇرۇق سېلىش: 

1. ئۇرۇق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە ئادەم ئولتۇرۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ 

2. ئۇرۇق ۋە ئوغۇت يەتكۈزۈپ بېرىش قۇرۇلمىلىرى ئېتىلىپ قالسا، قول ياكى مېتال بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە تازىلاش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ 

3. مەشغۇلات جەريانىدا ئارقىغا ياندۇرۇشقا بولمايدۇ؛

4. تاپ بېشىدا بۇرۇلغاندا، سىيالكىدىكى ئېنېرگىينى ئۈزۈۋېتىپ، قول تۇتقۇ جاھازىسىنى كۆتۈرۈش لازىم؛

5. چەمبەر شەكىللىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. 

6. ئېتىزلىقتىن يۆتكەلگەندە ۋە قىردىن ئۆتكەندە ئېنېرگىيىنى ئۆزۈۋېتىش، چۆنەك ئاچقۇچنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ قويۇش لازىم. 

46 – ماددا  چاتما سىيالكا مەشغۇلاتى: 

1. تراكتور بىلەن سىيالكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشش بەلگىسى ئورنىتىلىشى لازىم؛ 

2. كۆپ چاتمىلىق سىيالكا مەشغۇلاتىدا، ھەرقايسى چاتما نوقتىلىرىنىڭ چېتىلىشى مۇستەھكەم، پۇختا، ئىشەنچىلىك بولۇشى ھەمدە بىخەتەرلىك زەنجىرى ئورنتىلىشى لازىم؛

3. مەشغۇلاتچىلاردىن باشقا كىشلەرنىڭ سىيالكىنىڭ ئۈستىگە چېقىۋېلىشىغا بولمايدۇ، يۈرۈش جەريانىدا مەشغۇلاتچى دەسسەش تاختىيىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشى كېرەك، چىقىپ-چۈشۈشكە بولمايدۇ، سىيالكىنىڭ ساندۇقى ئۈستىگە ياكى سىيالكا جاھازىسنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشىغىمۇ بولمايدۇ؛

4. ئىشلەش جەريانىدا ئۇرۇق ساندۇقى ياكى ئوغۇت ساندۇقىغا قولنى تىقىپ ئۇرۇقنى ياكى ئوغۇتنى ئۇياق – بۇياققا قىلىپ تەكشىلەشكە بولمايدۇ، ئۇرۇق يوللاش قۇرۇلمىسى بىلەن چۆنەك ئاچقۇچ ئېتىلىپ قالسا قول ياكى مېتال بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە تازىلاشقا بولمايدۇ؛ 

5. چۆنەك ئاچقۇچ يەرگە تەگكەندىن كېيىن، تراكتورنى بۇرۇلدۇرۇشقا ياكى ئارقىغا ياندۇرۇشقا ھەمدە چەمبەر شەكىلدە ئۇرۇق سېلىشقا بولمايدۇ؛ 

6. تازىلاش ياكى ئاسراش ئېلىپ بارغاندا، چۆنەك ئاچقۇچىنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۋېتىش لازىم؛ 

7. ئېتىزلىقتىن يۆتكەلگەندە ياكى قىسقا ئارىلىققا ماڭغاندا ۋە ياكى تاپ بېشىدا بۇرۇلغاندا، چۆنەك ئاچقۇچ كۆتۈرۈگلۈك ئورۇندا تۇرۇشى ھەمدە كۆتۈرۈش-چۈشۈرۈش دەستىسى مۇقىم بېكتىلىشى، تاپ سىزغۇچ يۈرۈش ئورنىدا تۇرۇشى لازىم؛

8. ئۇرۇق چۈشۈرگۈچى چاق، چۆنەك ئاچقۇچ قاتارلىقلاردا كاشىلا كۆرۈلسە ماشىننى توختتىپ ئوڭشاش لازىم؛

9. غەيرى دېھقانچىلىق سايمانلىرى مەشغۇلاتچىلىرى ياكى تەربىيىلەنمىگەن خادىملارنىڭ سىيالكىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

10. مايسا تىككەندە، قولنى مايسا ئايرىش چاقى ئارىسىغا ئۇزىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، مايسا ساندۇقىغا مايسا سالغاندا مايسا قامىقى ۋە مايسا يوللىغۇچىنىڭ قولىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ماشىنا تۇيۇقسىز ئايلنىپ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەشغۇلاتچى مايسا تىكىش خوتنى سالغاندا، چىڭتىش چاقىنى چىڭ تارتقاندا، مايسا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋە ئەتراپتىكى ئادەملەرگە دىققەت قىلىشىنى چوقۇم ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛

11. تېيلىشىتىن ساقلىنىش چاقىنى ئورنىتىپ ئېتىز – ئېرىقلاردا ئىشلىگەندە، تېيلىشىتىن ساقلىنىش چاقى ئالدىغا ئىلگىرلىگەندە پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ھەرىكەت قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. مەشغۇلاتچى خادىملارنىڭ كېمە ئۈستىدىن تېيلىپ يىقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مايسا كېمىسى ئۈستىدە پاتقاق بولماسلىقى لازىم.

6-باب  ئۆسۈملۈك ئاسىراش، ئوغۇتلاش، سۇنى چىقىرىۋېتىش ۋە سۇغۇرۇش مەشغۇلاتى

47-ماددا  كېسەللىك ھاشارەتلەر زىينىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىمىيلىك ئۇسۇلدا ئۆت-چۆپ يوقىتىش:

1. دېھقانچىلىق دورىسى، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى زەھەرلەش خاراكتېرىگە ئىگە. ئوغۇت چاچقاندا، مەشغۇلاتقا قاتناشقان خادىملارنىڭ مۇداپىئە ئۈسكۈنلىرى بولۇشى لازىم؛

2. مەشغۇلاتقا قاتناشقان خادىملار دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىشى، زەھەرلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ۋە دەسلەپكى زەھەرلىنىشىتىن قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىشى لازىم؛

3. مەشغۇلاتچىلار ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى كىيىۋېلىشى، تاقىۋېلىشى لازىم؛ 

4. كىچىك بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە باشقا مەشغۇلاتقا قاتنىششقا مۇۋاپىق بولمىغان خادىملار مەشغۇلات مەيدانلىرىغا كىرمەسلىكى لازىم؛ 

5. مەشغۇلات ماشىنىلىرىنىڭ دورا ساندۇقى، تۇرۇبىلىرى ھەمدە تۇرۇبىسىغا ئۇلانغۇچى قىسىملىرى ئېقىپ قالماسلىقى لازىم؛

6. ماشىنلار شامالغا قارىشى يۆنىلىش بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، قول بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى لازىم؛

7. مەشغۇلات جەريانىدا، ئادەم بەدىننىڭ ئۇچۇق قالغان قسىمىنىڭ دورا، ئوغۇتلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم، مەشغۇلات مەيدانىدا يېمەكلىك يېيشىكە، تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

8. مەشغۇلاتتىن كېيىن قول، يۈز، بۇرۇن، ئېغىز، پۇت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پاكىز يۇيۇش، كيىم، ماسكا، باش كىيم، ئاياغ كيىم، پايپاق، پەلەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دىزېنفكسىيە قىلىپ يۇيۇش لازىم. دىزېنفكسىيە قىلىپ يۇمىغان كىيملەرنى ئۆي، ئاشخانىلارغا ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، يېمەكلىك يېيىشتىن بۇرن قولنى، يۈزنى، كىر سوپۇن، سۇ بىلەن يۇيۇش، ئېغىزىنى پاكىز سۇ بىلەن چايقاش، خىزمەت كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك؛

9. ماشىنا-سايمانلار چىرىپ بۇزۇلۇش ۋە زەھەرلىنىش ھادىسسى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندا، دورا ئارىلاشتۇرۇش، ئوغۇتلاش ئېلپ بارغان دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى پاكىز تازىلاش كېرەك؛ 

10. زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ساقلىغاندا، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇشى، ئايرىم ساقلاپ باشقۇرۇشى كېرەك. 

48-ماددا  سۇنى چىقىرىۋېتىش ۋە سۇغىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رېئايە قىلىش لازىم:

1. سۇنى چىقىرۋېتىش ۋە سۇغىرىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغاندا، تورمۇز ئىشەنچىلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش پۇختا بولۇش لازىم؛

2. ھەرىكەت ئۇزىتىش تاسمىسىنىڭ ئۇلانما قىسىمى پۇختا بولۇشى لازىم.  ئەتراپىدا مۇناسىۋەتسىز ئادەمنىڭ تۇرۇشىغا، ھەرىكەت ئۇزىتىش تاسمىسدىن ئاتىلاپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

3. ئايلىنىش جەريانىدا ئاساسلىق ماشىنا ياكى سۇ ناسۇسىدا غەيرى ئاۋاز ۋە تەۋرىنىش بار بولسا، ماشىننى دەرھال توختىتىپ تەكشۈرۈش لازىم؛

4. سۇ ناسۇسىنىڭ سۇ كىرىش تۇرۇبىسىنىڭ ئاستى ئېغىزىغا سۈزگۈچ تور ئورنىتىش لازىم، ماشىنا گۇرۇپپىسى ئىشلىگەندە، سۇ كىرىش كۆلچىكى، سۇ تۇرۇبىسىنىڭ سۇ مەنبەسى ئەتىراپىدا ۋە سۇ چىقىرىش كۆلچىكىدە چۆمۈلۈش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ 

5. ئىشلىگەندە، مەشغۇلاتچىلار ئىش ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىشقا بولمايدۇ.

7-باب   ئورۇش-يىغىش، خامان مەشغۇلاتى  

49-ماددا  ئورۇش-يىغىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە رىئايە قېلىش لازىم: 

1. مەشغۇلاتتىن بۇرۇن، مۇقىم، ھەرىكەتچان پىچاق ئارىسىنى، دان ئايرىش تولۇقى قىسىمىنى تەكشۈرۈش، تازىلاش، سىلىقلاش مېيى بىلەن مايلاش، چىڭتىلغان زاپچاسلارنىڭ بوشىغان-بوشىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھەمدە سايمانلارنى ئېنىقلاش لازىم؛

2. قوزغاشتىن بۇرن، ماشىنا-سايمانلارنىڭ ئەتىراپىنى تەكشۈرۈپ، توسالغۇ يوق دەپ قارىغاندىن كېيىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ 

3. مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، ئالغا ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تاللاپ، ماتورنىڭ ئىشلشىنى باشتىن-ئاخىرى بەلگىلەنگەن ئايلىنىش سۈرئىتىدە ساقلاش لازىم، ئەگەر ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، يۈرۈش مۇفتىسىنى دەرھال تارتىپ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش لازىم؛

4.  ماشىنا-سايمانلار بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، تاسمىغا مۇم سۈركەشكە، ئاسىراشقا، تەڭشەشكە ياكى كاشىلىلارنى ئوڭشاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

5. ماشىنا-سايمانلاردىن خەۋىرى يوق ئادەملەرنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

6. كومبايىن ئايلىنىۋاتقاندا، ئورۇش سۇپىسىنى قول، پۇت ياكى قاتتىق نەرسىلەر بىلەن تازىلاش مۇتلەق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

7. ترانىسپورت مەشغۇلاتىدا، تەكشى بولمىغان يوللاردا ياكى ئادەم كۆپ جايلاردا يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈشكە بولمايدۇ؛

8. يۇقىرى سۈرئەتتە جىددىي بۇرۇلۇش ۋە دۆڭدىن چۈشۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ 

9. مەشغۇلات رايونى ئىچىدە، تاماك چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، باشقا يېقىلغۇ بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېرىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ئىس چىقىرىش كانىيغا ئوت ئۇچقۇننى يىغىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. 

50-ماددا  ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشىنا مەشغۇلاتى:

1. چاتما شەكىللىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشىنىلىرى بىلەن تراكتور ئارىلىقىدا ئالاقىلىشش بەلگىسى ئورنىتىلىشى لازىم. ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشىنىلىرى ئايلىنىش ۋە قوزغىلىشىتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىشى كېرەك؛ 

2. ئاسما شەكىللىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشنىلىرى ئۈستىدە ئادەم تۇرۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، چاتما شەكىللىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشىنىلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىدىن سىرىت، باشقا قىسىملىرىدا ئادەم ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

3. ئۇرۇپ قۇرۇتۇش ماشىنىلىرى مەشغۇلات جەريانىدا، ئۇرۇش پىچىقىنىڭ ئالدىدا ئادەم تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

51-ماددا  كومبايىن مەشغۇلاتى:

1. كومبايىننىڭ ھەرقايسى ھەرىكەت ئۇزىتىش قىسىملىرىنىڭ مۇھاپىزەت تورلىرى، بىخەتەرلىك موفتىسى ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى پۇختا ئورنىتىلىشى ئىشلىشى نورمال بولۇشى كېرەك؛

2. ھەيدەش سۇپىسى ۋە شوتىسى مۇستەھكەم ئورنىتىلىشى، ماي داغلىرى بولماسلىقى، مەشغۇلاتچىلار شوتىدىن چۈشۈپ-چىقىشى لازىم باشقا قىسىملىرىدىن چۈشۈپ-چىقىشقا، مۇناسىۋەتسىز خادىملارنىڭ كومبايىن ئۈستىدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

3. مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىتىن بۇرۇن، ئاۋۋال مەشغۇلات رايوندىكى توسالغۇلارنى تازلىۋېتىشى لازىم، زۆرۈر بولغاندا توسالغۇلار بەلگىسى ئورنىتىلىشى، توك يەتكۈزۈش سىم يوللىرىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ماشىنا سايمانلارنىڭ ئەتراپى، ئاستى قىسىملىرىنى تەكشۈرۈشى، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندىن كېيىن، سىگنال بېرىپ قوزغىلىشى كېرەك؛ 

4. بىرلىككە كەلگەن ئالاقىلىشش سىگنالىنى بەلگىلۋېلىشى لازىم، چاتما شەكىللىك كومبايىن بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، تراكتور شوپۇرلىرى كومبايىن مەشغۇلاتىچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك؛

5. ئوخشاش بىر مەشغۇلات لىنيىسىدە، ئىككى كومبايىننىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

6. مەشغۇلاتچىلار قول، پۇتى بىلەن ھەرقايسى ئايلىنىش قىسىملىرىغا چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

7. ئاشلىق چۈشۈرۋاتقاندا دان ساندۇقى ئىچىگە بەدەننى كىرگۈزۈشكە، پۇت قولى ياكى تۆمۈر سايمانلار بىلەن دان ساندۇقىنى تازىلاشقا، تاغارغا ئاشلىق قاچىلىغاندا، ئاشلىق چۈشۈرۋاتقان ئېغىزغا قولنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

8. كومبايىن تولۇق توختاتماي تۇرۇپ، كومبايىننىڭ ئالدى تەرىپىدە ئادەم تۇرۇشقا رۇخسەت قلىنمايدۇ؛ 

9. تۇرغۇن ھالەتتە دان ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، يان تەرەپكە ئورنىتلىغان ئورۇش سوپىسىنى ئېلىۋېتىشى، ئالدى تەرەپكە ئورنىتىلغان ئورۇش سۇپىسىنىڭ سول ئايرىش چاقىنى چۇۋۇپ ئېلىۋېتىشى ھەمدە ئورۇش پىچىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئۈزۈۋېتىشى لازىم؛ 

10. كومبايىنغا قارىتا تەكشۈرۈش، ئاسراش، تازىلاش، يېقىلغۇ قاچىلاش ۋە كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارغاندا، ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ توك مەنبەسىنى ئۆزىۋېتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆرىگۈچى تراكتورنىڭ ئوتىنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىشى لازىم؛ 

11.  ئورۇش سۇپىسى ئاستىدا تەكشۈرۈش ياكى ئاسىراش ئېلىپ بارغاندا، ئورۇش سۇپىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەر كۆتۈرۈش جاھازىسى ياكى تىرەك قويۇپ تورغۇنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ 

12. ئاسىراش ياكى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى سايمان ۋە زاپچاسلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاسىراش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئورنىدىن ئايرىلىشى لازىم. ئاۋۋال ئادەم كۈچى بىلەن ئېنىرگىيە تاسمىسىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرۈپ، ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ئايلنىشى نورمال بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، سىگنال بېرىپ ماشىننى ھەيدەش كېرەك؛ 

13. ئېتىزلىقتىن يۆتكەلگەندە، ئورۇش سۇپىسىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى قۇلۇپلىشى، كېچىسى يول يۈرگەندە يولنى ئالدىن چارىلاپ كۆرۈشى كېرەك؛ 

14.  مەشغۇلاتقا قاتناشقان تراكتور، كومبايىن ۋە يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلىرىدا ماي ئېقىش، گاز قېچىش، توك قېچىش ئەھۋاللىرى بولماسلىقى، ئىس چىقىرىش كانىيغا ئوتتىن ساقلىنىش قالپىقى ئورنىتىلىشى كېرەك؛ 

15. كېچىسى مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، يۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ياخشى بولۇشى لازىم، ئاسىراش، ماي قاچىلاش ۋە كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئوت يېقىپ، گۈلخان يۇرۇقىدىن پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

16. مەشغۇلات رايونى ئىچىدە تاماكا چېكىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، كومبايىندا ئوت ئۈچۈرگۈچ ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى بولۇشى كېرەك؛

17. مۇناسىۋەتسىز كىشلەرنىڭ مەشغۇلات رايونى ئىچىگە كىرىشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.

52-ماددا  دان ئايرىش مەشغۇلاتى؛

1. ئاساسىي ۋە قوشۇمچە ماشىنلارنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى، قويۇلۇشى توغرا، مۇستەھكەم، ئىشەنچىلىك بولۇشى لازىم. دان ئايرىش ماشىنسىنىڭ ئەسلى بېكتىلگەن ئايلىنىش سۈرئىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

2. مەشغۇلات جەريانىدا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئايلىنىش سۈرئىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۈنچە يوللاپ بېرىش كېرەك، ئۈنچىنى تەكشى، ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ بېرىشى، ئوڭ – سول ئىككى تەرەپتىن ياكى تۆمۈر ئارا، تاياق – توقماق بىلەن ئىتتىرىپ يوللىماسلىقى، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ تولۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم؛ 

3. قول بىخەتەرلىك سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئادەم بەدىنى ئايلىنىۋاتقان زاپچاسقا تېگىپ كەتمەسلىكى لازىم؛

4. دان ئايرىش ماشىنسىنىڭ ئۈنچە يوللاش سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك (80 سانتىمېتىردىن كەم بولماسلىقى ) بولۇشى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇتام ئۈنچىنى يوللاشتا، بىر تۇتام پاخالنى قوشۇپ يوللىشى كېرەك؛ 

5. ھەربىر سىمېندا تولۇقنىڭ تېخنىكا ھالىتىنى تۆت قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئەستايدىل تەكشۈرۈپ چىقىشى، بولۇپمۇ تولۇقنىڭ بولتلىرىغا دىققەت قىلىشى، ئەگەر بوشاپ كەتكەن بولسا ۋاقتىدا چىڭىتىشى، بۇزۇلغان بولسا ئالماشتۇرۇشى لازىم، ئۆلچەمگە توشمايدىغان زاپچاسلارنى ئىشلتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

6. مەشغۇلات مەيدانى ئىچىدىكى بارلىق قۇرال-جابدۇقلارنى بەلگىلەنگەن جايغا قويۇشى، ئۇ يەر-بۇ يەرگە قالايمىقان تاشلىماسلىقى كېرەك؛ 

7. تراكتورغا تاش تولۇق چېتىپ خامان تەپكەندە، تولۇقنى تۆمۈر جاھازا بىلەن چېتىش كېرەك، يۇقىرى سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئۈنچە ئۆرىگەندە خامان تېپىش ماشىنا-سايمانلىرىنى خامانغا كەلسە-كەلمەس تاشلاپ قويۇشقا بىر تەرەپتىن تېگىنى ئۆرۈپ، بىر تەرەپتىن خامان تېپىشقا بولمايدۇ؛ 

8. مەشغۇلاتقا قاتنىشىدىغان ئېنىرگىيە ماشىنىلىرىنىڭ ئىس چىقىرىش كانىي يۇقىرى قارىتىلىشى ھەمدە ئوتتىن ساقىلىنىش قالپىقى ئورنىتىلىشى لازىم، ئېنېرگىيە ماشىنىلىرىنىڭ ئەتىراپىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان زىرائەت غوللىرى ۋاقتىدا تازىلىنىشى لازىم؛

9. يېزىلاردا توكنى بىخەتەر ئىشلتىشكە دائىر بەلگىلمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامان ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ۋە يۇرۇتۇش توك سىملىرىنى پۇختا ئۇلۇشى، ئېگىز جاھازىغا ئېلىشى كېرەك، توك قاچىدىغان ياكى توك ئۇچقۇنلايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، يەر بويلاپ سىم تارتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛

10. خامان ئىچىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابلىرى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. بېنزىن، كىرسىن ۋە دىزېلىن قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى قويۇپ قويۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

53-ماددا  خامان مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك: 

1. شوپۇر ۋە مەشغۇلاتچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىگە بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، سەرەڭگە، چاقماق ياكى باشقا يېقىلغۇ بۇيۇملىرىنى خامانغا ئېلىپ كېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، خاماننى گۈلخان يېقىپ يورۇتۇشقا بولمايدۇ؛ 

2. ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان بېنزىن ۋە ماشىنلارغا ئىشلتىلدىغان دىزېلىن، ئاپتۇللارنى خامان ئىچىدە ساقلاشقا، قويۇشقا بولمايدۇ؛ ۋاقىتلىق ساقلاش زۆرۈر بولسا، خاماندىن 50 مىتېر يىراق قويۇش لازىم؛

3. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىس چىقىرىش كانىيغا ئۇچقۇن يىققۇچ ياكى باشقا شەكىلدىكى بىخەتەرلىك قالپىقىنى ئورنىتىش لازىم، ئىس چىقىرىش كانىي بولمىغان ئەھۋالدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

4. مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتچىلاردىن سىرت، كىچىك بالا، قېرى، مېيىپلار ۋە باشقا بىكار خادىملارنىڭ خامانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

5. كېچىسى مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، چىراغلار تولۇق بولۇشى لازىم؛

6. بارلىق خادىملارنىڭ خامان يېنىدا، سامان ئۈستىدە يېتىشىغا ياكى دەم ئېلىشىغا بولمايدۇ؛ 

7. تراكتور ۋە دان ئايرىش ماشىنىسىنى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرن ئەستايدىل رېمونت قىلىش، ئاسىراش ۋە سىناپ ئايلاندۇرۇش، ھەرقايسى ئىش بۆلەكلىرىنى تەڭشەش ۋە سىلىقلاش لازىم؛

8. ماشىننى ھەيدەشتىن بۇرۇن، زۆرۈر بولغان ئالاقىلىشش سىگنالىنى ئالدىنئالا بەلگىلەش، ئۆزئارا ماسلىشش، ئورتاق ئەمەل قىلىش لازىم، دان ئايرىش ماشىنىسىغا ئۈنچە يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلەرنى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىتىن بۇرۇن بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش مەشىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەشغۇلاتقا قاتناشتۇرسا بولىدۇ؛

9. مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، ئوي – پىكىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئېھتيات بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ھەركىم ئۆز ئىشىنى قىلىش لازىم، ئىش ئورنىدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ، ھاراق ئېچىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛

10. دېھقانلارنىڭ خامانلىرى بىلەن ئاشخانا ئارىلىقىدا بەلگىلىك ئارىلىق بولۇش ھەمدە شامال يۆنىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش، مۇرا يېنىدا شامال يۆنىلىشىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق لازىم؛

11.  سۇ، قۇم قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەييارلاپ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

8-باب  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتى 

54-ماددا  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىلىرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. ئاساسىي ۋە قوشۇمچە ماشىنلارنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى پۇختا، ئىشەنچىلىك بولۇشى، ھەرىكەت ئۇزىتىش تاسمىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسىقىلىقى ۋە بوش-چىڭلىقى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم، ئايلىنىۋاتقان تاسىمىنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە ياكى ئاستىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ 

2. پىششقلاپ ئىشلەش مەيدانلىرىنىڭ پاكىزلىقى ياخشى بولۇشى، تۆمۈر-تەسەك ۋە تاش پارچىلىرىغا ئوخشاش قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ماشىنا ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم؛ 

3. ماشىننى ئىشلتىشتىن بۇرۇن، ئاممىغا بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، ماشىننى ئەستايدىل تەكشۈرۈش لازىم، ھەرقايسى ھەرىكەت ئۇزىتىش بۆلەكلىرىنىڭ ئىشلىشى ياخشى، چىڭتىلىشى ئوبدان بولۇشى، سوقۇلۇش ئەھۋاللىرىنىڭ بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ، ماشىننى ئىشلتىشتە، ئاۋۋال ماشىنىدا غەيرى ئاۋازنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئاڭلاپ كۆرۈش لازىم، ماشىننىڭ ئايلىنىشى نورمال بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ماتېرىيال يوللاشقا بولىدۇ؛ 

4. چىگىت ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، ماتورنىڭ ئىس چىقىرىش كانىيغا ئۇچقۇن يىققۇچ ئۈسكۈنىسى ئورنتىشى، ناھال قاققان ئاياغ بىلەن زاۋۇت ئىچىگە كىرمەسلىكى كېرەك، ئىشلەش جەريانىدا بولقا ياكى باشقا تۆمۈر ئەسۋابلار بىلەن ماشىننى تاراڭشىتىپ ئۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ماشىننى رېمونت قىلغاندا، ئاۋۋال ماشىننىڭ ئەتىراپىدىكى پاختىلارنى پاكىزە يىغىشتۇرۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابلىرىنى تەييارلاپ قويۇشى لازىم؛ 

5. ئۇن تارتىش ماشىنىسى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان ماتېرىياللار، ئاۋۋال پاكىزە تاسقاپ تازىلىنىشى لازىم؛ 

6. ئۇششاقلاش ماشىنىسى بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، مەشغۇلاتچىلار سوقما تۆمۈرنىڭ ئايلىنىش يۈزى تەرىپىدىن يىراق تۇرۇشى، پەلەي كىيۋېلىپ ماتېرىيال يوللاشقا، قولنى بىخەتەرلىك سىزىقىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ، ماتېرىيال يوللاپ بېرىشتە تاياق-توقماقنى قول ئورنىدا ئىشلتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ؛ 

7. ئۇن تارتىش ماشىنىسىنى توختىتىشتىن بۇرۇن، ئايلىنىۋاتقان تولۇق بىلەن مۇقىم ھالەتتىكى تولۇقنى ئاجرىتىۋېتىش لازىم.

9-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

55-ماددا  بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇرۇنقى ئالاقىدار بەلگىلمىلەرنىڭ بۇ قائىدە بىلەن زىت جايلىرى بولسا، مۇشۇ قائىدە ئاساس قىلىنىدۇ. 

56-ماددا  بۇ قائىدىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى كونكرېتنى مەسىللەرنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ چۈشەندۈرىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#