رازۋېدكا ئايروپىلانى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رازۋېدكا ئايروپىلانى (reconnaissance aircraft) مەخسۇس ھاۋا بوشلۇقىدا ئاخباراتقا توپلايدىغان ھەربىي ئايروپىلان. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق رازۋېدكا قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ۋەزىپە ئىجرا قىلىش دائىرىسى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە تاكتىكىلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى دەپ ئايرىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا ئايروپىلانى ئادەتتە ئۇچۇش مۇساپىسى يۇقىرى، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، كۆپىنچىسى مەخسۇس لايىھىلەنگەن بولىدۇ. تاكتىكىلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى بولسا تۆۋەن بوشلۇقتا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، تاكتىكىلىق ئاخباراتقا ئېرىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە كۆپىنچىسى قىرغۇچى ئايروپىلانلاردىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ.
رازۋېدكا ئايروپىلانى ئادەتتە قورال ئېلىپ يۈرمەيدۇ، ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇش ئىقتىدارى ۋە ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش ئەسۋابىغا تايىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ. ئادەتتە ئاۋىئاتسىيە فوتو ئاپپاراتى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئالدى ياكى يان تەرەپنى كۆرۈش رادارى ۋە تېلېۋىزور، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رازۋبدكا ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولىدۇ، بەزىلىرىگە يەنە ھەر ۋاقىت ئاپتوماتىك ھالدا ئاخبارات بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى ۋە سانلىق مەلۇماتنى يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار بىرىكمە ئاپېرتۇرىلىق رادار سەپلەنگەن بولىدۇ. رازۋېدكا ئۈسكۈنلىرى ئايروپىلان بۆلۈمچىسى ياكى سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. رازۋېدكا ئايروپىلانى كۆز بىلەن كۆرۈپ چارلاش، نۇر ئارقىلىق چارلاش ۋە ئېلېكترونلۇق چارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۇر ئارقىلىق چارلاش رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ چارلاشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ كۆرۈنىدىغان نۇردىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە تارتىش، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش ۋە رادار ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش، مىكرو دولقۇنلۇق، تېلېۋىزىيەلىك ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا
RC-135
EP-3
يەر شارى بۈركۈتى
رۇسىيە
تۇ-214R
ئىل-38
ئىل-20
تۇ-142M3
جۇڭگو
运 8 ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.