ئىسكەندەرىيە

ئىسكەندەرىيە

 ئىسكەندەرىيە مىسىرنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 332-يىلى گرېتسىيىدىكى ماكېدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە سېلىنغان.

نامى ئىسكەندەرىيە
دۆلىتى مىسىر
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 亚历山大
چەتئەلچە نامى Alexandria

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسكەندەرىيەمىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. قاھىرەدىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. ئىسكەندەرىيە نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تارماق يېرىم ئاراللار ئۈستىگە جايلاشقان.

ئىسكەندەرىيە ئىسكەندەرىيە مىسىرنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 332-يىلى گرېتسىيىدىكى ماكېدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە سېلىنغان. شەھەرنىڭ نامى ئۇنىڭ نامىغا ئىسكەندەرىيە دەپ ئاتالغان. ئىسكەندەرىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 641-يىلى ئەرەبلەر مىسىرنى بويسۇندۇرغانغا قەدەر مىسىرنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن 1-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، 16-ئەسىردە شەھەر تەدرىجىي ۋەيران بولۇشقا باشلىغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى يەنە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ ئافرىقا بويىچە مۇھىم پورت شەھىرى بولۇپ شەكىللەنگەن، ھازىر شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . 

ئىسكەندەرىيە ئىسكەندەرىيە مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، كېمىسازلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، نېفىت ئايرىش، نېفىت-خىمىيە، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. ئىسكەندەرىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ. ئىسكەندەرىيە پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار پۈتۈن مىسىر بويىچە ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار پۈتۈن مىسىر بويىچە ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ % 80نى ئىگىلەيدۇ. يىلىغا 23 مىليون توننىدىن ئارتۇق مالنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئىسكەندەرىيە پورتى شەرقىي پورت، غەربىي پورت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. غەربىي پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەرقىي پورت بېلىقچىلىق پورتىدىن ئىبارەت. ئىسكەندەرىيە پورتىنى مىسىر ھۆكۈمىتى داۋاملىق كېڭەيتىپ قۇرماقتا. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەشھۇر گرېك رىم مۇزېي، مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ئىسكەندەرىيە شەھىرىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يوللىرى ئارقىلىق مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#