قىزىلچا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قىزىلچا (كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى )
  2. قىزىلچا (خام دورا)
كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى

قىزىلچا

قىزىلچا

قىزىلچا (Beta vulgaris)، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئەسلى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويدىن چىقىدۇ.

قىزىلچا قەنت قىزىلچىسى، كۆكتات قىزىلچىسى، يىلتىز ئستېمال قىلىنىدىغان قىزىلچا، يەم-خەشەك قىزىلچىسى دەپ ئايرىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى قىزىلچا
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لويلا ئائىلىسى (Chenopodiaceae)
تۈرى قىزىلچا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甜菜
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چىنىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قىزىلچا ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Beta vulgaris

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلچاقىزىلچا ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىز تارتىپ كونۇسسىمان ئۇرچۇق شەكلىدە بولۇپ، شىرنىلىك. غولى تىك، بىر قانچە تارماق شاخلىرى بار؛ ئاساسىي يوپۇرمىقى سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى 20-30 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 10-15 سانتېمىتىر، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، ئۈستىدىكى قورۇلۇپ قالغان، سەل پاقىراق، ئاستىدا توم يوپۇرماق تومۇرلىرى پولتىيىپ چىققان، تۇلۇق گىرۋەكلىك ياكى سەل دولقۇنسىمان ھالەتتە، ئالدى ئۇچى دىقماق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، كەسمە شەكىللىك ياكى سەل-پەل يۈرەك شەكلىدە بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى توم، تۆۋەندىكى دۆڭ ئۈستى تەكشى ياكى ئوقۇر. غول يوپۇرمىقى كىچىكرەك بۇلۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى يىڭنىسىمان سوقىچاق، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، قىسقا سېپى بولىدۇ. 2 - 3 تال مېۋە بەرگەندە بىر-بىرىگە تۇتاش ئۆسىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى ئۇزۇنچاق ياكى تار سوقىچاق؛ مېۋىسى قوش كۆپۈنگۈ ئەينەك شەكىللىك، دىئامېتىرى 2-3 سانتېمىتىر، رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل، پارقىراق؛ بىخى ھالقىسىمان، بوز رەڭلىك؛ 5-6-ئايلاردا چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىش مەزگىلى 7-ئاي.

قىزىلچاقىزىلچا چوڭقۇر ھەم ئورگانىك ماددىسى كۆپ بولغان يۇمشاق تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ.  سۇغىرىشى، شور مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۇپراقتىمۇ ئۆسىدۇ. كۈچلۈك كىسلاتالىق تۇپراققا سەزگۈر. قىزىلچا مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ، ئىسسىق رايونلاردا سالقىن پەسىل تېرىلىدۇ. مۇۋاپىق كىلىمات ئاستىدا كۆكتات قىزىلچىسى ئۆسۈش مەزگىلى 8 ~ 10 ھەپتە، بىر قىسىم يەم-خەشەك قىزىلچىلىرىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى 30 ھەپتە.

قىزىلچا ئەسلى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن. تەخمىنەن 1500 يىللار ئىلگىرى ئەرەب ئەللىرىدىن جۇڭگوغا كىرگەن. 1906-يىلى شېكەر قىزىلچىسى جۇڭگوغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ، خېيلوڭجياڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#