جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى» 1993–يىلى 7–ئاينىڭ 2–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993–يىلى 7–ئاينىڭ 2–كۈنى
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2012–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国农业技术推广法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó nóng yè jì shù tuī guǎng fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېزرەك قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن–تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى» 1993–يىل 7–ئاينىڭ 2–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2012–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېزرەك قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن–تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقتا قوللىنىلىدىغان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) سورتلۇق ئۇرۇق كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش، ئوغۇت ئىشلىتىش تېخنىكىسى ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى؛

(2) ئۆسۈملۈكتىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنى، ھايۋانات يۇقۇمى ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تېخنىكىسى؛

(3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، پىششىقلاش، ئوراش–قاچىلاش، ساقلاش، توشۇش تېخنىكىسى؛

(4) يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىك تېخنىكىسى؛

(5) ئېتىز–ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى، يېزىلاردا سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش، تۇپراقنى ياخشىلاش ۋە سۇ–تۇپراقنى ساقلاش تېخنىكىسى؛

(6) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرى تېخنىكىسى؛

(7) يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى، يېزىلاردا ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسى؛

(8) باشقا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرى.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش شۇنىڭدەك مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى جەريانىدا ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

3–ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىدۇ، ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك، بىخەتەر يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

4–ماددا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) يېزا ئىگىلىكىگە، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش؛

(2) يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش؛

(3) شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش؛

(4) پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كېڭەيتىش بىلەن تىجارەتلىك كېڭەيتىشنى ئايرىپ باشقۇرۇش؛

(5) ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش.

5–ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يارىتىشى، كېڭەيتىشى، قوللىنىشىغا مەدەت بېرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇسۇل، چارىلىرىنى يېڭىلاپ، كېڭەيتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

6–ماددا دۆلەت چەت ئەلنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

7–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

8–ماددا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

9–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى دېيىلىدۇ) مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن–تېخنىكا تارمىقى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

2–باب يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى

10–ماددا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى بىلەن يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن–تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، دېھقان تېخنىكلار بىرلەشتۈرۈلگەن كېڭەيتىش سىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

دۆلەت تەمىنات–سودا كوپىراتىپلىرى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پەن–تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

11–ماددا دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇپ، تۆۋەندىكى پاراۋانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن مۇھىم يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش، سىناق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش؛

(2) ئۆسۈملۈكتىكى كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنى، ھايۋانات يۇقۇمى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاپەتنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش، مۇداپىئەلىنىش؛

(3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا پىرىيوم قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ مەسلىھەت بېرىش تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىنى قىلىش؛

(4) يېزا ئىگىلىك بايلىقى، ئورمان بايلىقى، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۆزىتىش؛

(5) سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېتىز–ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش؛

(6) يېزا ئىگىلىك جامائەت ئۇچۇرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، تەربىيەلەش؛

(7) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

12–ماددا ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى شۇنىڭدەك ناھىيەلەردىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئورمان بايلىقى، سۇ ۋە سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، ناھىيە، يېزا – بازار ياكى رايونلاردا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلىدۇ.

يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىدا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاساس قىلىنىدىغان ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاساس قىلىنىدىغان، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە يولغا قويۇلسا بولىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

13–ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ خادىم ئىشتاتىنى مۇلازىمەت رايونىدىكى تېرىقچىلىق، باقچىمىلىق كۆلىمى، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى قاتارلىقلارغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىپ، پاراۋانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىدا ئىش ئورنى تەسىس قىلىشتا، كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىنى ئاساس قىلىش كېرەك. يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئورنى پۈتۈنلەي كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئاپپارات ئىش ئورنى ئومۇمىي سانىنىڭ %80ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ باشقا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئاپپارات ئىش ئورنى ئومۇمىي سانىنىڭ %70ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

14–ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تەلىپىگە لايىق بولۇشى كېرەك.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى تەكلىپ قىلغان يېڭى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئالاقىدار كەسپىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەشكىللىگەن كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم ناھىيە، مىللىي يېزا ۋە دۆلەت بېكىتكەن تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئالاقىدار ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار ياكى باشقا مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئىگە خادىملار تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن–تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قوشۇنىنى تولۇقلىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.

15–ماددا دۆلەت كەنت يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت پونكىتلىرى ۋە دېھقان تېخنىكلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دېھقان تېخنىكلاردىن پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ياردەملەشكەنلىرىگە بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.

دېھقان تېخنىكلاردىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ شەرتكە توشقانلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تېخنىكا ئۇنۋانى ھەمدە گۇۋھنامە بېرىلسە بولىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى كەنت يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت پونكىتلىرى ۋە دېھقان تېخنىكلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى كەنت يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت پونكىتلىرى ۋە دېھقان تېخنىكلارنىڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

16–ماددا يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەر يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يارىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىلغار تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەر پەن–تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرىنى خىزمەت باھالاش ۋە ئۇنۋان باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

17–ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرى، بېلىقچىلىق مەيدانلىرى، سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

18–ماددا دۆلەت يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ئاممىۋى پەن–تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

3–باب يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش

19-ماددا چوڭ–چوڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىشنى دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك، ئۇنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى پەن–تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مەسئۇلىيىتى بويىچە ماسلىشىپ يولغا قويىدۇ.

20–ماددا يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق كېڭەيتسە ياكى يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىگە ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بىۋاسىتە كېڭەيتسە بولىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەرنى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

21–ماددا يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىگە ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا كېڭەيتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى كېڭەيتىلگەن جايدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئىلغار، ياراملىق ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان تېخنىكا بولۇشى شەرت.

22–ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللانسا، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، مەبلەغ، ئەشيا ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يار – يۆلەك بولۇشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئىختىيارىيلىق پىرىنسىپى بويىچە قوللىنىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە شارائىتى بار دېھقانلارنى، رايونلارنى ياكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاللاپ قوللىنىپ ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك.

23–ماددا ناھىيە، يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىنى يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، پەن–تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرىنىڭ تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

دۆلەت جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

24–ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 11–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىدىن باشقا ئورۇنلار ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرىدىن تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددىگەرلىكى، تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى قىلىش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تەمىنلىگەنلىرى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى ۋە يېڭى ئۆسۈملۈك سورتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى پاتېنتى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددىگەرلىكى، تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇشتا، ئالاقىدار تەرەپلەر توختام تۈزۈپ، ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلىرىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

25–ماددا دۆلەت دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

26–ماددا دۆلەت كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەۋزەل ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۈلگە رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

27–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى پاراۋانلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ.

4–باب يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

28–ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەبلىغىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە بۇ مەبلەغنى بەلگىلىمە بويىچە يىلدىن – يىلغا كۆپەيتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندىدىن مەلۇم نىسبەتتە مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەبلىغى غەملەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تۈرلىرىگە ئىشلىتىدۇ. مەركەز مالىيەسى چوڭ–چوڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ياردەم پۇل بېرىدۇ.

ناھىيە، يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتى شۇ جايدىكى مۇلازىمەت كۆلىمى ۋە نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئۇنى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ناھىيە، يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى، تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ياخشىلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

ناھىيە، يېزا–بازار، كەنتلەردە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا، ئۇلارنىڭ كېڭەيتىش خىزمىتىدىكى كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

30–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەجرىبە–ئۈلگە سورۇنى، خىزمەت سورۇنى، كېڭەيتىش ۋە تەربىيەلەش ئەسلىھە–ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەجرىبە–ئۈلگە سورۇنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا مال–مۈلكىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

31–ماددا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرىنى پىلانلىق ھالدا تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلىشى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

32–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ پاراۋانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، باھالىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى ۋە دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئارىسىدا خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاساس قىلىنىدىغان يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن باھالاش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشتە، مۇلازىمەت رايونىدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇلازىمەت قىلىنغۇچىلاردىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاساس قىلىنىدىغان، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە بولغان يېزا–بازارلاردىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن باھالاش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشتە، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارمىقى ۋە مۇلازىمەت قىلىنغۇچىلاردىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.

33–ماددا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى قىلغانلار دۆلەت بەلگىلىگەن باج، كىرېدىت قاتارلىق جەھەتتىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

34–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

35–ماددا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى مەسئۇل ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

36–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن، ئىلغارلىقى، ياراملىقلىقى ياكى بىخەتەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

37–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە مەجبۇرلاپ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

38–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

39–ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277512.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#