بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى

بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى
«بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى» ئەڭ كەڭ مەزمۇنغا ئىگە ئەڭ ئاتاقلىق قامۇس بولۇپ، ئەسلى نامى: Encyclopedia Britannica ، خەنزۇچە نامى: 不列颠百科全书 يەنە 大英百科全书 دەپمۇ ئاتىلىدۇ،  ھازىر چىكاكو ۋە لوندۇندا تۈزۈلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى
ئېنگىلىزچە نامى Encyclopedia Britannica
خەنزۇچە نامى 不列颠百科全书
باشقا ناملىرى 大英百科全书

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى» ئەڭ كەڭ مەزمۇنغا ئىگە ئەڭ ئاتاقلىق قامۇس بولۇپ، ھازىر چىكاكو ۋە لوندۇندا تۈزۈلىۋاتىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال 1768-يىلى شوتلاندىيىلىك بېل مىيكفانېر ۋە سىمىللىنىڭ تەھرىرلىكىدە شوتلاندىيىنىڭ ئېدېنبۇرگ شەھىرىدە جەمئىي ئۈچ توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان. 1801-يىلى ئۈچىنچى نەشىرىدە 20 توم نەشىر قىلىنغان. 1910-يىلى ئونىنچى نەشىرىدە ئەڭ يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيىگە ئىگە زور تىتپىتىكى ئونۋېرسال پايدىلىنىش كېتابى بولۇپ قالغان. كېيىن 1920-يىلى ئۇنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى ئامېرىكىنىڭ روبارك شىركىتى بىر مىليون 330 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. 1929-يىلى 14-نەشىرىدە، ئۇنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزگەن. نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن ئەسەرلەر قىسقارتىلغان ياكى چىقىرىۋېتىلگەن. ئامېرىكا كىتابخانىلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. 1938-يىلدىن باشلاپ ھەريىلى قوشۇمچە سۈپىتىدە بىر نۇسخىدىن «برىتانىيە قامۇسى يىلنامىسى» نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە. 1943-يىلى ئامېرىكا چىكاكو داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بېنتون ئۇنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىلۋالدى.

1974-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 15-نەشىرى نەشىر قىلىندى. كىتابنىڭ نامى «يېڭى برىتانىيە قامۇسى» ياكى ئوتتۇز توملۇق «برىتانىيە يېڭى قامۇسى» غا ئۆزگەرتىلدى. بۇ قېتىمقى نەشىرى جەمئىي 33141 بەت، 43 مىليون خەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا 24079 پارچە رەسىم، 1174 پارچە خەرىتە كىرگۈزۈلگەن. 131 مەملىكەتتىن 4277 كىشى ماقالە يازغان. ماقالە يېزىشقا خېلى جىددىي پۇزىستىيە تۇتۇلغان. 

«بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى» ئۆزىنىڭ ئەنئەنىلىك مەزمۇنى بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەرگە مايىل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يېڭى تۈزۈلگىنى بەت تۈزۈلۈشىدىن تارتىپ مەزمۇنىغا قەدەر تامامەن دېگۈدەك يېڭى، ئۇنىڭغا 14-نەشىرىدىكى ئەسلى تېڭىستتىن ئېلىنغىنى % 10 پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. بولۇپمۇ پەنىنى قىسمى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىلگەن. تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، پۈتۈن كىتاب «پەنلەر تۈرلىرى» (بىلىملەر پىروگراممىسى ۋە بۈيۈك برىتانىيە قامۇسى قوللانمىسى) «پەنلەر قىسقارتىلمىسى» (كۆرسەتمە ۋە كاتالوگ) ، «پەنلەر تەپسىلاتى» ، (بىلىملەرنىڭ مېغىزلىق بايانى) غا بۆلۈنگەن. ھەر بىر قىسىم ئۈچ خىل رەڭلىك كىتاب دۈمبىسى بىلەن پەرقلىنىدۇ «پەنلەر تۈرلىرى» بىر توملۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا ماددا ۋە ئېنىرگىيە، يەر شارى، يەرشارىدىكى ئىنقىلاپلار، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى، ئىنسانلار جەمئىيىتى، سەنئەت، ھۈنەر-تېخنىكا، دىن، ئىنسانلار تارىخى ۋە بىلىم ساھەسى قاتارلىق 10 چوڭ تۈر بار. بۇلار 25 مىڭ ئۇششاق ماددىدىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر ماددا كىتابخاننى «تەپسىلات» تىكى شۇ ماددىنىڭ پۈتۈن تېكىستكە، شۇ ماددىنىڭ تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىغا ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ، قامۇس تۈزۈش تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. «قىسقارتىلما» جەمئىي 10 جىلت، 102214ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە تۈزۈلگەن ئۇششاق ماددىلاردا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن. كىتابخانلارنىڭ تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىۋېلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن «تەپسىلات» نىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. «تەپسىلات» 19 جىلت بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئاران 4267 ماددا بار. بۇلارنى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىلەر مەخسۇس يازغان. (دىڭ يىچۇڭ، چۇپىڭلياڭ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#